بۇ نۆۋەتلىك يۇقۇم يۈزبەرگەندىن بۇيان بىر كۈندە ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققانلار سانى ئەڭ كۆپ بولغان بىر كۈن
تىيانشان تورى خەۋىرى (پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرىمىز چاۋ جىن خەۋىرى): گوۋۇيۈەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ تېببىي قۇتقۇزۇش-داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ بىرلىكتە دىياگنوز قويۇپ باھالىشى ئارقىلىق، 8-ئاينىڭ 13-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرىدە يەنە ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان 49 ئاغرىق دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىنىڭ دوختۇرخانىدىن چىقىش ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىپ، ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقتى، بۇ، بۇ نۆۋەتلىك يۇقۇم يۈزبەرگەندىن بۇيان، بىر كۈندە ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىقلار سانى ئەڭ كۆپ بىر كۈن بولۇپ قالدى. شۇ كۈنى يەنە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن بەش يۇقۇملانغۇچىنى تېببىي كۆزىتىش بىكار قىلىندى. ھازىرغىچە، ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى 351، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلاردىن تېببىي كۆزىتىش بىكار قىلىنغانلار 100 بولۇپ، جەمئىي 451 بولدى.
ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي قۇتقۇزۇش-داۋالاش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانا بىرلەشمە داۋالاش ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى لېي ۋېي مۇنداق تونۇشتۇردى: 8-ئاينىڭ 13-كۈنى ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان 49 ئاغرىق ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقىپ، بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى ئەڭ كۆپ بولغان 8-ئاينىڭ 9-كۈنى دوختۇرخانىدىن چىققان 47 ئاغرىق مىسالىدىن ئېشىپ كەتتى، تېخىمۇ كۆپ ئاغرىقلارنىڭ ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققانلىقىنى كۆرۈپ، بىزنىڭ ئىشەنچىمىز ھەسسىلەپ ئاشتى. بۇ قېتىم يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈز بەرگەندىن كېيىن، دۆلەتنىڭ مۇنەۋۋەر مۇتەخەسسىسلەر ئۆمىكى نۇقتىدا تۇرۇپ يېتەكچىلىك قىلدى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى قوللىدى، ياردەم بەردى، كەڭ دوختۇر-سېسترالار پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاتلىنىپ، جۇڭيى تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتىنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، تۈرگە ئايرىپ قۇتقۇزۇش-داۋالاش، دەرىجىگە ئايرىپ باشقۇرۇشنى يولغا قويدى، كىلىنىكىلىق داۋالاش ئۈنۈمىدىن قارىغاندا، كېسەللىك قوزغاتقۇچى ماددىنىڭ يۇقۇش جەريانىنى ئۈنۈملۈك قىسقارتىپ، داۋالاپ ساقايتىش ئۈنۈمىنى روشەن دەرىجىدە ئاشۇردى. كېيىنكى قەدەمدە، بىز داۋاملىق ئېغىر تىپلىق، خەتەرلىك ئېغىر تىپلىق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ئاغرىقلىرىنى داۋالاشتىكى قىيىن نۇقتىلارغا نۇقتىلىق دىققەت قىلىپ، ئۆتكەلنى ئالدىغا سۈرۈپ، كېسەلگە قاراپ داۋالاپ، بۇ ئاغرىقلارنىڭ سالامەتلىكنىڭ بالدۇرراق ئەسلىگە كېلىپ دوختۇرخانىدىن چىقىشىغا كۈچەيمىز.