تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

پىدائىي ياڭ خۇپو: رازىمەنلىككە تولغان كۆزلەر مېنىڭ ئەڭ چوڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچۈم

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز ساۋ خۇا، ئىختىيارىي مۇخبىر شۈ تاۋ، باۋ جىۋېي خەۋىرى، فوتوسى): «ھەدە، بۇ سىزنىڭ دورىڭىز.» «ئۇكام، بەدەن تېمپېراتۇرىڭىزنى ئۆلچەپ باقاي.» «ئاچا، بۇ سىزنىڭ كۆكتاتلىرىڭىز.» «ئەخلەت يىغىمىز!» بۇنداق سۆزلەرنى ياڭ خۇپو ھەر كۈنى ناھايىتى كۆپ دەيدۇ.

8-ئاينىڭ 12-كۈنى، ياڭ خۇپو مۇخبىرغا نەچچە كۈندىن بۇيان بۇ ئولتۇراق رايوندىكى ھەممە بىنالارنى ئايلىنىپ چىققانلىقىنى ئېيتتى.

ياڭ خۇپو ئاھالىلەرنىڭ ئەخلەتلىرىنى تۆكمەكتە.

بۇ يىل 24 ياشقا كىرگەن ياڭ خۇپو ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونى تيېشىسۈن مەھەللىسى ياشەنجۈن ئولتۇراق رايونىدا تۇرىدۇ، بۇ ئۇنىڭ كىچىكىدىن تارتىپ چوڭ بولغان يېرى ئىدى. «ئاتا-ئانامنىڭ خىزمىتى بەك ئالدىراش بولغاچقا، ئۆيدە بولالمايتتى. كىچىكىمدىن تارتىپ مومام بىلەن بىللە تۇراتتىم، كېيىن مەنمۇ خىزمەتكە چۈشتۈم، مومام دائىم ئۆيدە يالغۇز قالىدىغان بولدى، مەھەللە ۋە قوشنىلار بىزگە نۇرغۇن ياردەملەرنى بېرىپ، كۆپچىلىكنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇرغانىدى.» دېدى ياڭ خۇپو.

ياڭخۇپو جۇڭگو تۆمۈريول ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ پويىز خادىمى. يۇقۇم يۈز بەرگەندىن كېيىن، مەھەللە خىزمەتچىلىرىنىڭ ناھايىتى جاپا تارتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ياڭ خۇپو دەرھال تىزىمغا ئالدۇرۇپ، مەھەللە پىدائىيسى بولۇپ، مۇداپىئە كىيىمى كىيىپ، مەھەللىدە ئاھالىلەر ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلدى. «ئەزەلدىن بۇنداق ئىشلارنى قىلىپ باقماپتىكەنمەن، مەھەللە خىزمەتچىلىرى ۋە نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرگەن دوختۇر-سېسترالار ھەقىقەتەن بەك جاپا تارتتى.» ياڭ خۇپو مۇداپىئە كىيىمى كىيىپ، كۆز قوغداش كۆزەينىكى ۋە ماسكا تاقاپ، ئولتۇراق رايوندا دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش خىزمىتىنى قىلىش بىلەن بىرگە، يەنە ئاھالىلەرنىڭ كۆكتات سېتىۋېلىش، ئەخلەت تۆكۈشىگە ياردەم بەردى ۋە كۆزىتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىدى. «7-، 8-ئايلاردا ھاۋا بەك ئىسسىق، كىيىم چىلىق-چىلىق تەر بولۇپ كېتىدۇ، لېكىن يېڭى كۆكتات ۋە يېمەكلىكلەرنى ئاھالىلەرنىڭ قولىغا يەتكۈزگەن چاغدىكى كۆپچىلىكنىڭ رازىمەنلىككە تولغان كۆزلىرى پىدائىيلىق خىزمىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلىشىمگە  ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بولىدۇ.» دېدى ياڭ خۇپو.

چىلىق-چىلىق تەرلەپ كەتكەن ياڭ خۇپو.

ياڭ خۇپو ھەر كۈنى ئائىلىلەر بىلەن مەھەللە تەمىنلەش نۇقتىلىرى ئارىسىدا قاتراپ يۈرۈپ، دائىم قارا تەرگە چۆمۈلۈپ كېتىدۇ، ماسكا تولا ھۆل بولۇپ كېتىپ، كۈندە نەچچە قېتىم ئالماشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. «بىر نەچچە كۈن مۇشۇنداقلا يۈرسەم، خېلىلا ئورۇقلاپ قالغۇدەكمەن.»دېدى ياڭ خۇپو چاقچاق قىلىپ. «ئالدىنقى بىر مەزگىلدە، مەھەللە بىزنىڭ ئۆينىڭ ئىشىكىگە ‹پىدائىيلار ئائىلىسى›دېگەن بەلگىنى چاپلاپ قويدى، مەن بۇنىڭدىن ئىنتايىن شەرەپ ھېس قىلدىم، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋەزىپىسى ناھايىتى ئېغىر، مەن ياش بولغاچقا، كۆپرەك ئىشلىسەممۇ ھېچنېمە بولمايدۇ.»

مەھەللە پىدائىيلارنىڭ ئۆيىگە «志愿者之家»نى چاپلاپ قويدى.

ۋاقتىدا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، ياڭ خۇپو بىنا ئىشىكى ئالدىغا قاتلىنىدىغان بىر كارىۋات قويۇپ، كۈندۈزى ئىشلىگەندە ۋاقىتلىق دەم ئېلىش ئورنى قىلدى، چۈنكى ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالغاندا، دەرھال ھەرىكەتكە كەلگىلى بولاتتى؛ كېچىسى ئىشلىگەندە ئۇ كارىۋاتنى كارىدورغا ئېلىپ كىرىپ ئارام ئالدى، چۈنكى يەنە قەرەللىك ھالدا كۆزىتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك ئىدى. «چوڭلارنىڭ دورا ئالىدىغان، كېسەل كۆرسىتىدىغان ئىشلىرى چىقىپ قېلىشى ياكى كېچىدە بەزى بىر تاساددىپىي ئەھۋاللار يۈز بېرىپ قېلىشى مۇمكىن، شۇ ۋاقىتتا تېزلا ياردەم قىلالايمەن.» دېدى ئۇ.

كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە، ياڭ خۇپونىڭ پىدائىي بولغىنىغا 20 نەچچە كۈن بولدى، ئاھالىلەر بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ئۇ پىدائىينىڭ ئادەتتىكى مۇلازىمەت خىزمىتى ئەمەسلىكىنى، بۇ ئۇنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەن ئېغىر مەسئۇلىيەت ئىكەنلىكىنى، قىلچە بوشاڭلىق قىلىشقا ۋە سەل قاراشقا بولمايدىغانلىقىنى بارغانسېرى ھېس قىلدى.

«ھەر قېتىم ئاھالىلەرگە كۆكتات ئاپىرىپ بەرسەم، ئۇلار ئىشىكنىڭ يوچۇقىدىن قاراپ ماڭا رەھمەت ئېيتىدۇ، كۆزلىرىدىن سەمىمىيلىكى چىقىپ تۇرىدۇ، بۇنىڭدىن ئۇلارنىڭ ماڭا بولغان ئىشەنچىنى ھېس قىلالايمەن، خۇددى كۆپ يىللاردىن بۇيان قوشنىلار مەن ۋە مومامنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغانغا ئوخشاش، تونۇش ھەم يېقىملىق.» ياڭ خۇپو مۇنداق دېدى: «يېڭى دەۋردىكى ياش بولۇش سۈپىتىم بىلەن، شۇنداقلا شىنجاڭ تۆمۈريول خادىمى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ياش ئەۋلادلار ئېلىشقا تېگىشلىك مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچنى زىممەمگە ئېلىشنى خالايمەن.»

قەلبىنۇر ھېزىم تەرجىمىسى

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى