تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئوچۇقچىلىقتا كۈزلۈك كۆكتات تېرىش تەدرىجىي قانات يايدۇرۇلدى

8-ئاينىڭ 11-كۈنى، مىدۇڭ رايونىنىڭ چاڭشەنزى بازىرى ۋەنجيالياڭ كەنتىدە، ئۈرۈمچى ۋەنلى نۇڭچىڭ كۆكتات تېرىقچىلىقى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ئەزالىرى كۆكتاتلىقتا ئوت ئوتىماقتا. (سۈرەتنى زىيارەت قىلىنغۇچى تەمىنلىگەن)

ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جياڭ بىنۋېي): «باش كۈز»دىن كېيىن، ئۈرۈمچىدىكى ئوچۇقچىلىقتا كۈزلۈك كۆكتات تېرىشنىڭ ئالتۇن مەزگىلى. ئۈرۈمچى يېزا ئىگىلىك تارماقلىرى بىر قولدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى چىڭ تۇتۇپ، بىر قولدا كۈزلۈك كۆكتات تېرىشنى چىڭ تۇتۇپ، كۆكتاتچىلارنى مۇداپىئە تەدبىرلىرىنى ياخشى ئىشلەش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، كۆكتاتلىققا تارقاق كىرىپ دابەسەي قاتارلىق كۈز، قىش پەسىللىك كۆكتاتلارنى تېرىشقا تەشكىللەپ، ئۈرۈمچىدە «كۆك-تاق» بىلەن تەمىنلەشنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماسلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

8-ئاينىڭ 11-كۈنى سەھەردە، مىدۇڭ رايونى چاڭشەنزى بازىرى ۋەنجيالياڭ كەنتىدە، ئۈرۈمچى ۋەنلى نۇڭچىڭ كۆكتات تېرىقچىلىقى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ باشلىقى لى گاڭ ۋە كوپىراتىپ ئەزالىرى توچكىلاپ تېرىش ماشىنىسى بىلەن ئالدىراش كۆكتات تېرىۋاتاتتى.

بۇ ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا 30 ئەزا بار بولۇپ، بۇ يىل جەمئىي 500 مودىن ئارتۇق يەرگە كۆكتات تېرىغانىدى. تۇنجى قېتىملىق كۆكتات يىغىۋېلىنغاندىن كېيىن، ئەزالار يەنە يوپۇرماق تۈرىدىكى كۆكتاتلارنى تەكرار تېرىشقا كىرىشتى. نۆۋەتتە ھەمكارلىق كوپىراتىپى توچكىلاپ تېرىش ماشىنىسى ئارقىلىق، 30 مو يەرگە دابەسەي تېرىدى، يەنە 60 كۈنلەردىن كېيىن بازارغا سالغىلى بولىدۇ. ماۋبەسەي قاتارلىقلارمۇ بىخ سۈردى، مۆلچەرلىنىشىچە، 9-ئايدا ئارقا-ئارقىدىن بازارغا سېلىنىدىكەن.

«بازار ئىزچىل كۆكتات يىغىشنى ئورۇنلاشتۇردى، بىزنىڭ كۆكتاتلىرىمىز ۋاقتىدا يىغىلىپ سېتىلدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە قايتا تېرىلغان كۆكتاتلارنىڭ كىرىمىگىمۇ كاپالەتلىك قىلىندى. دەسلەپكى مۆلچەرىمگە قارىغاندا، ھەر مو كۆكتاتلىقتىن 300 نەچچە يۈەن كۆپ كىرىم قىلغىلى بولىدۇ.» دېدى لى گاڭ.

«ئۈرۈمچىدە، ئوچۇقچىلىقتا كۈزلۈك كۆكتات تېرىشنىڭ پەسىلچانلىقى بىر قەدەر كۈچلۈك بولۇپ، 7-ئاينىڭ ئاخىرىدىن 9-ئاينىڭ بېشىغىچە داۋاملىشىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ‹باش كۈز›دىن كېيىنكى 20 كۈن تېرىشنىڭ ئالتۇن مەزگىلى ھېسابلىنىدۇ.» شەھەرلىك يېزا ئىگىلىكى-يېزا ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى لى شياڭرۇن مۇنداق دېدى: «كۈز پەسلىدە كۆكتات تېرىشتا ئېڭىزغا تېرىش ئاساس قىلىنىدۇ، يوپۇرماق تۈرىدىكى كۆكتاتلارنىڭ ئۆسۈش مەزگىلى بىر قەدەر قىسقا بولغاچقا، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ تېرىش ئاكتىپچانلىقى يۇقىرى بولىدۇ، مەسىلەن، يۇمغاقسۈت، ماۋبەسەي، تۇڭخاۋ قاتارلىقلار.» ھەر قايسى رايون، ناھىيەلەر يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، كەڭ كۆكتاتچىلارنى كۈزلۈك ئېڭىزغا تېرىشنى قانات يايدۇرۇشقا تەرتىپلىك تەشكىللەپ، كۈزلۈك كۆكتاتلارنى بازارغا سېلىش ۋە قىشلىق كۆكتاتلارنى زاپاس ساقلاشقا كۈچەپ تەييارلىق قىلماقتا. بۇنىڭ ئىچىدە، دابەسەيدىن باشقا، مىدۇڭ رايونى، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) ئوچۇقچىلىقتا تېرىلىدىغان باشقا تۈردىكى كۈزلۈك كۆكتاتلارنى تەكرار تېرىشنى ئاساسەن ئاخىرلاشتۇردى ھەمدە مايسىلارنى كۆچۈرۈپ تىكىشنى باشلىدى.

سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 2019-يىلى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئوچۇقچىلىقتا تېرىلغان كۈزلۈك كۆكتات تېرىلغۇ كۆلىمى 21 مىڭ 500 موغا، ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارى 67 مىڭ 800 توننا، سورتى 18 خىلغا يەتكەن. بۇ يىل ئوچۇقچىلىقتىكى كۈزلۈك كۆكتات تېرىلغۇ كۆلىمىنىڭ 23 مىڭ 700 موغا، ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارىنىڭ 75 مىڭ توننىغا يېتىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

قەلبىنۇر ھېزىم تەرجىمىسى

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى