تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچىدىكى يېڭىدىن كۆپەيگەن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىنىڭ سانى ئۇدا 11 كۈن تۆۋەنلىدى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ياخشىلىنىش ۋەزىيىتى داۋاملىق مۇستەھكەملەندى

   تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرلىرىمىز گو لىڭ، دوۋ شىڭجۈن، يىن تۇڭيۈەن، جانات تولقىن) 8-ئاينىڭ 13-كۈنى سائەت 17 دە، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئاخبارات ئىشخانىسى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋە ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى توغرىسىدا 27-مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. يىغىندا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ مۇدىرى رۇي باۋلىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئەڭ يېڭى يۇقۇم ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى:

   8-ئاينىڭ 12-كۈنى سائەت نۆلدىن 24كىچە، ئۈرۈمچى شەھىرى دوكلات قىلغان يېڭىدىن كۆپەيگەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق سەككىز بولۇپ، ھەممىسى مەركەزلىك تېببىي كۆزىتىشنى قوبۇل قىلىۋاتقانلار. شۇ كۈنى، ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىقتىن 37سى يېڭىدىن كۆپەيگەن. تۈنۈگۈن، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىدىن بەشى يېڭىدىن كۆپەيدى، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن ئالتە يۇقۇملانغۇچىنى تېببىي كۆزىتىش بىكار قىلىنغان.

   7-ئاينىڭ 15-كۈنى سائەت نۆلدىن 8-ئاينىڭ 12-كۈنى سائەت 24كىچە، شەھەر بويىچە ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى جەمئىي 300، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلاردىن تېببىي كۆزىتىش بىكار قىلىنغانلار 95 بولۇپ، ئومۇمىي سان 395كە يەتكەن.

   8-ئاينىڭ 12-كۈنى سائەت 24كىچە، پۈتۈن شەھەردە بار بولغان ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى 503، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچى 129.

   ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ مۇدىرى رۇي باۋلىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: يېڭىدىن كۆپەيگەن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىنىڭ سانى ئۇدا 11 كۈن تۆۋەنلىدى، بىر كۈندە ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى ۋە تېببىي كۆزىتىش بىكار قىلىنغان كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئومۇمىي سانى ئۇدا ئالتە كۈن يېڭىدىن دوكلات قىلىنغان يۇقۇملانغۇچىلار سانىدىن ئېشىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ياخشىلىنىش ۋەزىيىتى داۋاملىق مۇستەھكەملەندى. كۆزىتىش مۇددىتىنىڭ توشۇشىغا ئەگىشىپ، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان مەركەزلىك تېببىي كۆزىتىشنى قوبۇل قىلىۋاتقان بىر قىسىم يېقىندىن ئۇچراشقۇچىلار كەينى-كەينىدىن مەركەزلىك تېببىي كۆزىتىش بىكار قىلىنىپ ئۆيىگە قايتتى، ھازىر مەركەزلىك تېببىي كۆزىتىشنى قوبۇل قىلىۋاتقان يېقىندىن ئۇچراشقۇچىلارنىڭ سانى 13 مىڭ 548گە چۈشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى