تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرلىرىمىز ليۇ مېڭمېڭ، لۈ يىخەن خەۋىرى، فوتوسى): 8-ئاينىڭ 12-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونى ليۇداۋان تەۋەلىك رايونى تيەنپىڭ مەھەللىسىدە، كۈنلۈك ئاستىدىكى ئاق رەڭلىك مۇداپىئە كىيىمى بىلەن قىزىل رەڭلىك پىدائىي كىيىمى كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىپ تۇراتتى. شۇ كۈنى، شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 2-دوختۇرخانا ۋە ئالتايدىن ئۈرۈمچى شەھىرىگە ياردەمگە كەلگەن نوكلېئىك كىسلاتاسىدىن ئەۋرىشكە ئېلىش قوشۇنىدىكى كۆپچىلىك مۇداپىئە كىيىمى كىيىپ، پىلتىگۈچ بىلەن، ئەۋرىشكە ئېلىپ، قالدۇرۇپ، ساقلاپ، ئۆز ئارا شۇنداق ياخشى ماسلىشىۋاتاتتى.
بىر تېببىي خادىم ئاھالىلەردىن نوكلېئىك كىسلاتاسى ئەۋرىشكىسى ئالماقتا.
ئالتە كۈن بىرگە بولۇش جەريانىدا ئۇلار بىر ئائىلە كىشىلىرىگە ئايلاندى
«ئالتاينىڭ نوكلېئىك كىسلاتاسىدىن ئەۋرىشكە ئېلىش قوشۇنى 8-ئاينىڭ 6-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت ئالتىدە ئۈرۈمچىگە يېتىپ كېلىپ، ئەتىسىلا شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 2-دوختۇرخانىدىكى ئەۋرىشكە ئېلىش خادىملىرىمىز بىلەن ھەمكارلىشىپ خىزمەتنى باشلىۋەتتى، مېنىڭ گۇرۇپپامغا 12سى بۆلۈندى، كۆپىنچىسى 90-يىللاردا تۇغۇلغان دوختۇر-سېسترالار.» شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 2-دوختۇرخانىنىڭ نوكلېئىك كىسلاتاسىدىن ئەۋرىشكە ئېلىش گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى، يۈرەك ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ۋىراچى جوڭ شياۋلەننىڭ دېيىشىچە، ئۇلارنىڭ ياردىمىدە، گۇرۇپپىنىڭ نوكلېئىك كىسلاتاسىدىن ئەۋرىشكە ئېلىش ئىقتىدارى ۋە ئۈنۈمى زور دەرىجىدە ئاشقان.
خې لىلى بۇرۇلتوقاي ناھىيەسى جۇڭيى دوختۇرخانىسىنىڭ پەرۋىش خىزمەتچىسى شۇنداقلا پارتىيە ئەزاسى، يۇقۇم يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئۇ نوكلېئىك كىسلاتاسىدىن ئەۋرىشكە ئېلىش بىرىنچى سېپىگە ئاتلاندى.
«جىددىيلەشمەڭ، بېشىڭىزنى كۆتۈرۈڭ، ئېغىزىڭىزنى ئېچىڭ، توغرا، دەل مۇشۇنداق، سەل چىداپ تۇرۇڭ، ئۆزىڭىزنى ئەركىن تۇتۇڭ، تېزلا ئۆتۈپ كېتىدۇ.» ئاغرىقنىڭ قىيپاش ئالدىدا تۇرۇپ، قولىدىكى پىلتىگۈچنى قارشى تەرەپنىڭ كانىيىغا سېلىپ، خې لىلى بىر نەچچە سېكۇنت ئىچىدە چاققان ھەم يېنىڭ ھەرىكىتى بىلەن ئىككى تەرەپتىكى تاڭلاي ئەگمىسى ۋە يۇتقۇنچاق، بادامبەز ئۈستىدىكى ئاجرالمىنى ئالدى، ئاندىن يىغقان ئەۋرىشكىنى ھىم پېچەتلەپ ساقلاپ قويدى.
«دەسلەپتە مەنمۇ جىددىيلەشتىم، بېسىم ھېس قىلدىم، ھەر قېتىم ئەۋرىشكە ئالغاندا پۈتۈن زېھنىم بىلەن مەشغۇلات قىلىمەن.» دېدى خې لىلى، بۇ مەزگىلدە، ئۇ ئامال بار پېشقەدەملەر بىلەن كۆپرەك پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئۇلاردىن نوكلېئىك كىسلاتاسىدىن ئەۋرىشكە ئېلىش ماھارىتىنى ئۆگەندى، ھازىر ئىشنى پۇختا، تېز، توغرا قىلىدىغان بولدى.
بىر دوختۇر بىر قېتىملىق تەكشۈرۈشتىن كېيىن دېزىنفېكسىيە قىلماقتا.
ئالتە كۈندىن بۇيان، ئوخشاش بولمىغان جايلاردىن كەلگەن بۇ قوشۇن ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى نۇرغۇن مەھەللىدە يىغىش خىزمىتىنى ئىشلىدى، «ھازىر ئەزالىرىمىزنىڭ سۈرئىتى بىر-بىرىدىن تېز، كەسىپكە پىششىق، كۆپ قىسىم ۋاقىتتا بىز يىغىشنى ئەسلىي پىلاندىكىدىن تېز تاماملاپ بولىمىز.»دېدى جوڭ شياۋلەن، ئىشلار تەرتىپكە چۈشكەندىن كېيىن، كۈندىلىك خىزمەت تەرتىپى ئاساسەن مۇقىم بولدى. تاڭ سەھەر سائەت 2دە مەھەللە خىزمەتچىلىرى بىلەن خىزمەتلەرنى ماسلاشتۇرۇش، ئورۇنلاشتۇرۇشنى تاماملاپ، ئەتىگەن سائەت 6:30دا ئورنىدىن تۇرۇپ، سائەت 7دە يىغىلىپ، مەھەللىگە تەرتىپلىك كىرىپ، ئەۋرىشكە ئالىدۇ، يۆتكەپ توشۇيدۇ، دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرىدۇ.
ھەر بىر ئىللىقلىق بىزگە تېخىمۇ ئىشەنچ ئاتا قىلدى
«بۈگۈن بىز مەھەللىگە بېرىپ ئەۋرىشكە ئالغاندا، بىر كىچىك قىزچاق بىزگە پىيونېرلار ئەترىتىنىڭ ئەترەت سالىمىنى بەردى، يەنە بىزگە ئۇسسۇل ئويناپ بەردى. شۇ دەقىقىدە بەك تەسىرلەندىم، ھەر قانچە جاچا تارتساقمۇ ئەرزىيدۇ.» 8-ئاينىڭ 11-كۈنى كەچ سائەت 10دا، 27 ياشلىق يەھيا سەكسەنباي تۇرۇشلۇق جايىغا قايتىپ كېلىپلا دوستلار چەمبىرىكىدە ئۆزىنىڭ ھاياجانلىق كەيپىياتىنى تەڭ بەھرىلىنىشكە تەقەززا بولدى. «ئىشىنىمەنكى، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى دوختۇر-سېسترالار ۋە ئاھالىلەرنىڭ ئورتاق ماسلىشىشى ۋە چۈشىنىشىدە، قىيىن ئۆتكەلدىن چوقۇم ئۆتۈپ كېتەلەيدۇ.»
بىر دوختۇر تەكشۈرۈش قىلماقتا، ئۇنىڭ كۆز قوغداش ئەينىكى سۇ دانىچىلىرى بىلەن تولۇپ كەتكەنىدى.
1994-يىلى تۇغۇلغان ما مېڭياۋ قوشۇندىكى يېشى ئەڭ كىچىك خادىم «تۇنجى قېتىم يۇقۇمغا قارشى تۇرۇشقا قاتنىشىشىم، ئېسىمدە قېلىشىچە بىرىنچى كۈنى مۇداپىئە كىيىمى كىيىپ يېرىم سائەت بولمايلا، پۈتۈن بەدىنىم ھۆل بولۇپ كەتكەنىدى، بۇنداق ئىسسىق بولۇشىنى ئويلاپمۇ باقماپتىمەن.» دېدى ما مېڭياۋ، كۈندىلىك خىزمەت مىقدارى ناھايىتى كۆپ بولغاچقا، ئۇ تۇرۇشلۇق جايىغا قايتىپلا چارچاپ كەتكىنىدىن كارىۋاتتا يېتىپ قالاتتى، قوشۇندىكى ئۆزىدىن نەچچە ياش چوڭ ئاچىسى جۇ تىڭتىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇنىڭغا تاماق ئالغاچ كېلەتتى.
«ھەر قېتىم ئىشتىن چۈشۈپ تۇرۇشلۇق جايىمغا قايتقاندا، مۇداپىئە بۇيۇملىرىمنى يەھيا ئاكام ئالغاچ كېلىدۇ، ئۇ مېنىڭ كۈچۈم بار دەيدۇ.»دېدى ما مېڭياۋ، ئەۋرىشكە ئېلىش قوشۇنىدىكى ھەر بىر ئادەم خۇددى قېرىنداشلاردەك بولۇپ كەتكەنىدى.
بىر دوختۇر بىر قېتىملىق تەكشۈرۈشتىن كېيىن دېزىنفېكسىيە قىلماقتا.
يېشى كىچىك بولغاچقا، ئائىلىسىدىكىلەر ما مېڭياۋدىن بەك ئەنسىرىگەنىدى. «دادام ماڭا بەك كۆيۈنەتتى، بۇ قېتىم بىرىنچى سەپكە كەلگەندىن كېيىن، ئۇ ئەنسىرەپ ھەر كۈنى كەچتە ماڭا تېلېفون بەردى، لېكىن ئۇنىڭ بىلەن تېلېفوندا سۆزلەشكەن ۋاقىت ئەزەلدىن بىر مىنۇتتىن ئېشىپ كەتمەيدۇ، ئارام ئېلىشىڭغا دەخلى يەتكۈزۈپ قويۇشتىن ئەنسىرەيمەن دەيدۇ.» دېدى ما مېڭياۋ، ئۇنىڭ دېيىشىچە ھازىر شۇنچە كۆپ كىشى ئۆزىگە كۆڭۈل بۆلۈۋېتىپتۇ، ئۇنىڭ بۇ جەڭدە غەلىبە قىلىشقا ئىشەنچى كامىل ئىكەن.