تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئەر-خوتۇن شېرىك، ئاتا-بالا ئەسكەر، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر مۇلازىمەت ئەترىتى... ئۈرۈمچىدىكى ھەرقايسى چوڭ مەھەللىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىرىنچى سېپىدە «ئەڭ كۈچلۈك شېرىك» بەس-بەستە نامايان بولدى

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز ئايشەمگۈل ئابلا، ئىختىيارىي مۇخبىرلار خې خۇەن، رېن خۇيلى، جاڭ لۇ، ما يۈن خەۋىرى، فوتوسى): يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى مەھەللە خىزمەتچىلىرى ۋە ھەر ساھە، ھەر كەسىپتىكى پىدائىيلار نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ئۈستىگە ئالدى. يۇقۇم ئالدىدا، ئۇلار مال يەتكۈزگۈچى، دېزىنفېكسىيە قىلىپ مىكروب ئۆلتۈرگۈچى، تەشۋىقاتچى، نازارەتچى بولۇپ، يېقىن ئەتراپتىكى ئاھالىلەر ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلدى، بۇلارنىڭ ئىچىدە نۇرغۇن ئەر-خوتۇن شېرىكلەر، ئاتا-بالا شېرىكلەر، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنىڭ سىيماسى بار ئىدى، ئۇلار ئائىلىسىنى تاشلاپ، كۆپچىلىكنى كۆزلەپ، بىر-بىرىنى رىغبەتلەندۈرۈپ، مۈرىنى-مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلىپ، مەھەللە ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇش كاپالىتىنىڭ «سىردىشى» بولۇپ قالدى.

سەپكە قوشۇلغان ئەر-خوتۇن شېرىك، يۇقۇمغا قارشى جەڭدىكى «ئاتا-بالا ھەربىي»

خەن فېڭلەن ئەر-خوتۇن مەھەللىدىكى بىرىنچى تۈركۈمدىكى پىدائىيلار. ئەر-خوتۇن ئىككىسى ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى بەيگە مەيدانى تەۋەلىك رايونى 17 تۈتۈن يولى شەرقىي مەھەللىسىدىن بولۇپ، خەن فېڭلەن بۇ يىل 45 ياشتا ئىدى، ئۇ ئېرى لى جۈنخۇا بىلەن بىرلىكتە مەھەللىنىڭ پىدائىيلار قوشۇنىغا قاتنىشىشقا تىزىملاتتى. 20 نەچچە كۈندىن بۇيان، ئەر-خوتۇن ئىككىسى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاھالىلەرگە مۇلازىمەت قىلدى.

ئاھالىلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىگە بولغان ئېھتىياجىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، خەن فېڭلەن ئاۋۋال يېنىدىن پۇل چىقىرىپ، ئاھالىلەر ئۈچۈن تۇز، جياڭيۇ، ئاچچىقسۇ قاتارلىقلارنى يىغدى؛ مەھەللىدىكى نوكلېئىك كىسلاتاسىنى مەركەزلىك تەكشۈرۈشتە، ئەر-خوتۇن ئىككىيلەن مەھەللىگە ماسلىشىپ بىرى نومۇر قويۇپ، تىزىملىسا، يەنە بىرى ئاھالىلەرنى يېتەكلەپ، تەرتىپ ساقلىدى... ھەربىر كىچىك ئىشلار ئاھالىلەر ۋە مەھەللە كادىرلىرىنىڭ قەلبىنى ئىللىتتى.

«ئاھالىلار ئائىلىلەردە ئايرىلىپ تۇرغان مەزگىلدە، مەھەللىنىڭ خىزمىتى ناھايىتى ئالدىراش بولۇپ كەتتى، ھېلىمۇ ياخشى ئاھالە پىدائىيلىرىمىزنىڭ ياردىمىدە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئاھالىلەرگە مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتى تېخىمۇ ئومۇميۈزلۈك، تېز ئەمەلىيلەشتى.» بەيگە مەيدانى تەۋەلىك رايونى 17 تۈتۈن يولى شەرقىي مەھەللىسىنىڭ كادىرى ۋۇ شياۋيۈن مۇنداق دېدى: خەن فېڭلەن ھەدىنىڭ باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىش روھى بىزنى تەسىرلەندۈردى، ئۇنىڭغا ديەنزەن.

خەن فېڭلەن بىلەن ئۇنىڭ ئېرى لى جۈنخۇا

ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) يىڭبىڭ يولى تەۋەلىك رايونى يىڭبىڭ شىمالىي 1-يولى مەھەللىسىدە مۇنداق بىر جۈپ ئاتا-بالا بار، ئۇلار خۇددى كېلىشىۋالغاندەكلا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش «جەڭچىسى» بولۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنىڭ ئەڭ ئالدىنقى سېپىگە ئاتلاندى، بۇ ئاتا-بالا دەل يىڭبىڭ يولى ساقچىخانىسىنىڭ ياردەمچى ساقچىسى ئىليار ئېلىجان ۋە ئۇنىڭ دادىسى ئېلىجان قاۋۇز ئىدى.

ئىليار ئېلجان ئەسلىدە ئۆيدە دەم ئېلىۋاتقان بولۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنىڭ باشلىنىشىدا، ئۇ دەرھال مەھەللىگە پىدائىي بولۇشنى ئىلتىماس قىلىپ، مەھەللە ئۈچۈن بىر كىشىلىك كۈچ چىقارماقچى بولدى. ئويلىمىغان يەردىن ئۇنىڭ دادىسىمۇ تىزىملىتىشنى ئىلتىماس قىلدى، ئاتا-بالا ئىككىسى مەسلىھەتلەشمىگەن ئەھۋال ئاستىدا پىدائىيلار مۇلازىمەت پائالىيىتىگە قاتنىشىشقا تىزىملاتتى.

كۆكتات تەقسىملەش، مال يەتكۈزۈش، تېمپېراتۇرىنى ئۆلچەش، دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش... مەھەللىدە پىدائىي بولغاندىن كېيىن، ئاتا-بالا ئىككىيلەن ھەر كۈنى ئەتىگەندىن كەچكىچە ئالدىراش بولۇپ كەتتى، بىرى كۆكتات يەتكۈزسە، بىرى تېمپېراتۇرا ئۆلچىدى، ئاتا-بالا ئىككىسى ئىش تەقسىماتى بويىچە ھەمكارلىشىپ، بىرلىكتە ماسلىشىپ، ئۆزلىرى مەسئۇل بولغان ئاھالىلەرگە مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىنى ناھايىتى تەرتىپلىك ئىشلىدى.

ئىليار ئېلىجان ۋە ئۇنىڭ دادىسى ئېلىجان قاۋۇز مەھەللىدە پىدائىي بولدى.

ئېلىجان قاۋۇز ئاھالىلەر ئۈچۈن ماددىي ئەشيا سېتىۋالماقتا.

ئىليار ئېلىجان مەھەللىگە ياردەملىشىپ ئومۇمىي خەلق تېمپېراتۇرا ئۆلچەشنى قانات يايدۇرماقتا.

ئارمىيەدىن چېكىنگەن بولسىمۇ، ئىرادىسىدىن يانماسلىق، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىي «يۇقۇم»غا قارشى جەڭدە باتۇرلۇق بىلەن قارشى يۆنىلىشتە ماڭدى

«ئارمىيەدىن چېكىنگەن بولساقمۇ، خىسلىتىمىزنى يوقاتمىدۇق، ئارمىيەدىن چېكىنگەن بولساقمۇ، ئىرادىمىزدىن يانمىدۇق». ئاھالىلەرگە مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، مەھەللە تېخىمۇ كۆپ پىدائىيلارغا موھتاج، ئارمىيەدىن چېكىنگەن نۇرغۇن «پىشقەدەم ئەسكەرلەر» قىيىنچىلىقتىن قورقماي، ئاكتىپ ئىشلەپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ھەربىيلەرنىڭ بۇرچى ۋە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماقتا.

ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) خاڭجوۋ يولى تەۋەلىك رايونى چۇڭۋېن مەھەللىسى لەنشياڭ خۇايۈەن ئولتۇراق رايونىدا، ئارمىيەدىن چېكىنگەن 12 ھەربىي بىلەن بىر ھەربىي يەڭگىدىن تەشكىللەنگەن پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى بۇ ئولتۇراق رايوننىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتىكى «ئەڭ كۈچلۈك يۆلەنچۈك»ىگە ئايلاندى.

ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىي پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى ئاھالىلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى.

يۇقۇمنىڭ ئۆزى بۇيرۇق. 7-ئاينىڭ 16-كۈنى كەچ، لەنشياڭ خۇايۈەن ئولتۇراق رايونىدا تۇرۇشلۇق ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىي خەن بو تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەھەللە كادىرلىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئاھالىلەر توپى ئىچىدە پىدائىيلار قوشۇنى تەشكىللەش توغرىسىدا سەپەرۋەرلىك قىلىپ، ئارمىيەدىن چېكىنگەن 12 نەپەر ھەربىي ۋە بىر نەپەر ھەربىي يەڭگىدىن تەركىب تاپقان پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى قۇردى. كۆپچىلىكنىڭ ئاكتىپلىق بىلەن تىزىمغا ئالدۇرۇپ، تەشكىللەش، قوماندانلىق قىلىشنىڭ تەرتىپلىك، خىزمەتنىڭ تېز قانات يايدۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، مەھەللە كادىرلىرى ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «ھەربىيلەر بىلەن بىللە خىزمەت قىلغاندا، پىكىر ئالماشتۇرۇشتا توسالغۇ يوق، ئەمەلىيلەشتۈرۈش كۈچلۈك بولدى».

لەنشياڭ خۇايۈەن ئولتۇراق رايونى ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىي پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى قۇردى.

يۇقۇم ئالدىدا، بۇ قوشۇن ھەربىيلەرنىڭ ئېسىل ئىستىلىغا ۋارىسلىق قىلىپ، چاقماق تېزلىكىدە خىزمەتلەرنى قانات يايدۇردى: كۆكتات، دورا سېتىۋېلىش، گۈرۈچ، ئۇن توشۇش، ھويلا-ئاران، كارىدورلارنى تازىلاش، دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش... بىر كۈن كەچكىچە پىدائىيلار تەرگە چۆمۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن باشتىن-ئاخىر ئاھالىلەرنىڭ تەلىپىنى قاندۇردى. پېشقەدەم ئەسكەرلەرنىڭ باشلامچىلىقىدا، نۇرغۇن ئاھالە ۋە داشۆ ئوقۇغۇچىلىرىمۇ پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتىگە قوشۇلدى، ھازىر، بۇ ئولتۇراق رايوندا جەمئىي 33 پىدائىي بولۇپ، 24ى پارتىيە ئەزاسى.

خەن بو مۇنداق دېدى: «چاقىرىق بولسىلا چوقۇم ئاۋاز قوشىمەن، ھەرگىز باش تارتمايمەن. ئالاھىدە مەزگىلدە، ئامما ئۈچۈن ئاز-تولا ئىش قىلىپ بېرىش ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى».

بۇ پېشقەدەم ئەسكەرلەرنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان پىدائىيلار قوشۇنى «ئامما ئويلىغاننى ئويلاش، ئامما ئالدىرىغانغا ئالدىراش» ھەرىكىتى ئارقىلىق، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئاساسىي مەقسىتىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، مەھەللىدىكى ئاھالىلەرنىڭ ديەنزەنسىگە ئېرىشتى، نۇرغۇن ئامما ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «قىيىنچىلىق مەزگىلىدە، ئازادلىق ئارمىيە بىزنىڭ سىردىشىمىز» .

ئىگىلىنىشىچە، ھازىرغا قەدەر، ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى(يېڭىشەھەر رايونى)دا جەمئىي 986 ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىي پىدائىي يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىرىنچى سېپىدە كۈرەش قىلغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى