تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ۋۇخەندىن قايتىپ كېلىپ يەنە «جەڭ مەيدانى»غا ئاتلاندى قىزى: ئاپا بارغىن، ۋىرۇس يوقىتىش تېخىمۇ مۇھىم

  

يۈەن لى ئاغرىقلار رايونىدا ئاغرىقنى داۋالىماقتا. سۈرەتنى زىيارەت قىلىنغۇچى تەمىنلىگەن

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز چىن جىنلى خەۋىرى): 8-ئاينىڭ 9-كۈنى يېرىم كېچىدە، شىنجاڭ يېڭى تىپىتكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي قۇتقۇزۇش-داۋالاش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانىنىڭ 4-بىنا 12-ئاغرىقلار رايونىدا، دوختۇر يۈەن لى ئاۋۋالقىدەكلا ئالدىراش ئىدى، «بۈگۈن ئەھۋالىڭىز ياخشى. نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىمۇ چىقاي دەپ قالدى، ئەنسىرىمەڭ، چوقۇم بارغانسېرى ياخشى بولۇپ كېتىسىز.» ئۇ تۆۋەن ئاۋازدا بىر تەشۋىشلىنىش كەيپىياتىدا بولۇۋاتقان ئاغرىققا تەسەللى بەردى، يەنە بىر نەچچە ئاغرىقنىڭ ئەھۋالنى تەكشۈرۈپ كۆرۈپ، قاراتمىلىق ھالدا پەرۋىش خادىملىرىغا بىر قىسىم دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى تاپىلىدى.

  بۇ ئىككى كۈندە، يۈەن لى ۋە خىزمەتداشلىرى ئىنتايىن خۇشال بولدى، 8-ئاينىڭ 7-كۈنى، ئۇلار مەسئۇل بولغان ئاغرىقلار رايونىدا ئىككى ئاغرىق دوختۇرخانىدىن چىقتى.

  «رەھمەت سىلەرگە، رەھمەت سىلەرگە!» دوختۇرخانىدىن چىققان ئاغرىقلارنىڭ ھەربىر ئېغىز رەھمەت سۆزى ئۇلارنىڭ قۇلاق تۈۋىدە جاراڭلايتتى.

  «نۇرغۇن خىزمەتداشلار كۆز يېشى قىلىپ، بىر مەيدان جەڭدە غەلىبە قىلغاندەك تەسىراتقا كەلدى، بۇ بىزگە بولغان مۇئەييەنلەشتۈرۈش بولۇپ، كۆپچىلىك تېخىمۇ ئىشەنچكە تولدى.» يۈەن لى مۇنداق دېدى: ئاغرىقلارنىڭ دوختۇرخانىدىن چىقىشى ئاغرىقلار رايونىغا خۇشاللىق ئېلىپ كېلىپلا قالماستىن، يەنە باشقا ئاغرىقلارغىمۇ ئىشەنچ ئاتا قىلدى.

  يۈەن لى شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىدىكى 5-دوختۇرخانا ئىچكى ئاجراتما بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋراچى، 7-ئاينىڭ 27-كۈنى شىنجاڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي قۇتقۇزۇش-داۋالاش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانىغا كېلىپ، ئاغرىقلار رايونىدىكى ئاغرىقلارغا ھەمراھ بولۇپ مۇشۇنداق بىر نەچچە كېچىنى ئۆتكۈزدى. «مەن ئاغرىقلىرىمىنڭ ھەممىسىنىڭ ساالامەتلىكىنىڭ ئەسلىگە كېلىپ دوختۇرخانىدىن چىققانلىقىنى كۆرۈش ئۈچۈن ھەسسىلەپ تىرىشىمەن.»

يۈەن لى ئاغرىقلار رايونىدا. سۈرەتنى زىيارەت قىلىنغۇچى تەمىنلىگەن

  ۋۇخەنگە ياردەم بەرگەندىن كېيىن، ئۇ يەنە «جەڭ مەيدانى»غا ئاتلاندى

  «ۋۇخەندە ئۆگەنگەن تەجرىبىلىرىمنى داۋالاش جەريانىدا ئىشلىتىپ، يۇرتۇم ئۈچۈن بىر كىشىلىك كۈچ چىقىرىمەن.» يۇقۇم يۈز بەرگەندىن كېيىن، دوختۇرخانا يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش داۋالاش ئەترىتى تەشكىللەشنى ئۇقتۇرۇش قىلغاندا، يۈەن لى قىلچە ئىككىلەنمەيلا تىزىملاتتى. يىلنىڭ بېشىدا، ئۇ شىنجاڭنىڭ 2-تۈركۈمدە ۋۇخەنگە ياردەم بەرگەن داۋالاش ئەترىتىنىڭ ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ۋۇخەن داشۆسى خەلق دوختۇرخانىسى شەرقىي دوختۇرخانىسىدا 59 كېچە-كۈندۈز جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلغانىدى، بۇ قېتىمقى يۇقۇمدا ئۇ يەنە «دۇبۇلغا-ساۋۇت كىيىپ جەڭگە چىقتى».

  ھەر كۈنى، يۈەن لى ئاغرىقلارنى ئايرىش رايونىدا تۆت سائەتتىن ئالتە سائەتكىچە تۇرىدۇ. «ۋۇخەندىكى سەزگۈرەشتىلىرىم ئىچىدە، ئەڭ چوڭ ھاسىلاتىم تەجرىبە جۇغلاش بوپتۇ، بۇ قېتىمقى مەشغۇلاتقا تېخىمۇ پىششىق بولدۇم، خىزمەت ئۈنۈمىمۇ خېلى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى.» دېدى يۈەن لى.

  دوختۇرخانىدا ھەر كۈنى ئاز دېگەندە ئىككى قېتىم تەتقىق قىلىپ ھۆكۈم قىلىش يىغىنى ئېچىلىدۇ، ئەتىگەن سائەت 9:30دا، مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن مۇتەخەسسىسلەر بىلەن ئاپتونوم رايوندىكى مۇتەخەسسىسلەر يىغىنغا قاتنىشىپ، ئېغىر تىپلىق، خەتەرلىك ئېغىر تىپلىق ئاغرىقلار، شۇنداقلا تىپى ئېنىق ئايرىلمىغان ۋە دوختۇرخانىغا يېڭىدىن كىرگەن ئاغرىقلارنىڭ ئەھۋالىنى تەھلىل قىلىپ، كونكرېت داۋالاش لايىھەسىنى بېكىتىدۇ. چۈشتىن كېيىن سائەت 4تە، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇتەخەسسىسلەر تەتقىق قىلىپ ھۆكۈم قىلىش يىغىنىدا، چۈشتىن بۇرۇنقى تەتقىق قىلىپ ھۆكۈم قىلىش يىغىنىدا تەھلىل قىلىنغان مەزمۇنلار داۋاملىق تولۇقلاپ مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ. ئاغرىقلار رايونىنىڭ مۇدىرى يەنە ئاغرىقلار رايونىدىكى ھەرقايسى ئاغرىقلارنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن، بېكىتىلگەن دورا ئىشلىتىش لايىھەسىنى ھەرقايسى داۋالاش گۇرۇپپىلىرىنىڭ ئىجرا قىلىشىغا ئورۇنلاشتۇرىدۇ.

  يۈەن لى بۆلۈم مۇدىرى ئورۇنلاشتۇرغان داۋالاش لايىھەسىنى ئىجرا قىلغاندىن باشقا، يەنە ئاغرىقلارنىڭ «دۈم يېتىپ ھاۋا ئالماشتۇرۇش» شەكلى ۋە مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىش ئارقىلىق كېسەللىك ئەھۋالىنى ياخشىلىشىغا ئىلھام بېرىدۇ. ئۇزاق ۋاقىت دۈم يېتىپ ھاۋا ئالماشتۇرغاندا ئاغرىقنىڭ ئۆپكە توقۇلمىلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، كېسەللىك ئەھۋالىنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ. «ئاغرىقلار ئىنتايىن ياخشى ماسلاشتى، بەزىلەر بىر ياتقانچە نەچچە سائەتلەپ ياتتى، ھەر كۈنى داۋاملاشتۇردى، ئۇنىڭ ئۈستىگە دورىنى ئۆلچەملىك ئىشلەتكەچكە، كېسەللىك ئەھۋالى كۆپ ياخشىلاندى.» دېدى ئۇ.

  يۈەن لى يەنە يېنىك ئاغرىقلارنى ئاغرىقلار رايونى ھەر كۈنى چۈشتە تەشكىللىگەن سەككىز بۆلەكلىك گىمناستىكا مەشىق قىلىش، شىنجاڭ ئۇسسۇلى ئويناش قاتارلىق پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشقا يېتەكلەيدۇ، «بۇلار ئاغرىقلارنىڭ كەيپىياتىنى ياخشىلاپ، سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىم.» يۈەن لىنىڭ دېيىشىچە، بىر ئايال ئاغرىق دەسلەپتە كەلگەندە گەپ قىلمىغان، تاماقنىمۇ ياخشى يېمىگەن، ئۇ بۇ ئاغرىقنى پائالىيەتكە قاتنىشىشقا توختىماي تەكلىپ قىلغان، بىر نەچچە قېتىمدىن كېيىن ئاغرىقنىڭ چىرايىدا تەبەسسۇم جىلۋىلىنىپ، خېلى ئەسلىگە كەلگەن.

  «بۇ قېتىم يۇرتۇمدا يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش بىلەن ئالدىنقى قېتىم ۋۇخەنگە بارغان چاغدىكى ئەھۋال ئوخشىمايدۇ.» يۈەن لىنىڭ دېيىشىچە، يېرىم يىل ئىلگىرى يولغا چىققاندا كەيپىياتى مۇرەككەپ بولغان، ھەتتا كەلگۈسىگە نىسبەتەن سەل قورقۇش ھېسسىياتىدىمۇ بولغان، «ئەمما بۇ قېتىم ئۆزۈمنى خېلى پىشىپ يېتىلگەندەك ھېس قىلدىم، كۆڭلۈم تېخىمۇ توختىدى، پەقەت خىزمەتنى تەرتىپلىك، ئۆلچەملىك قىلساملا ئۆزۈمنى پۈتۈنلەي قوغدىيالايدىغانلىقىمنى، ئەڭ ئاخىرىدا يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرەلەيدىغانلىقىمىزنى بىلىمەن.»

  بۇ قېتىم ئۆيدىن ئايرىلغاندا، قىزى يىغلىمىدى

  ئۆيدىن ئايرىلغىنىغا 20 كۈن بولاي دېدى، يۈەن لىنىڭ ئەڭ ئويلايدىغىنى ئالتە ياشلىق قىزى. ھەر كۈنى تۇرۇۋاتقان ئورنىغا قايتقاندا، تۇنجى قىلىدىغان ئىشى قىزى بىلەن سىنلىق كۆرۈشۈش. ھەر قېتىم قىزى بىلەن پاراڭلاشقاندا، قىزى ئۇنىڭغا تاماقنى ياخشى يېيىشنى، «ۋىرۇس يوقىتىش»نى ياخشى قىلىپ، بالدۇرراق ئۆيگە قايتىشنى تاپىلايدۇ.

  «بۇ قېتىم مەن ئۆيدىن ئايرىلىدىغاندا قىزىم يىغلىمىدى، تېخىمۇ ئىش ئۇقىدىغان بولۇپتۇ.» دېدى ئۇ، «ئادەتتە مەن دائىم قىزىمغا ‹ۋىرۇسنى قوغلىۋېتىش ئاپاڭنىڭ مەسئۇلىيىتى، پەقەت ۋىرۇسنى ئۈزۈل-كېسىل مەغلۇب قىلساقلا، ئاپاڭ ساڭا تېخىمۇ ياخشى ھەمراھ بولالايدۇ› دەيتتىم، قىزىم گېپىمنى بەك ئاڭلايتتى، بۇ قېتىم ئۇ مېنىڭ يەنە ‹ۋىرۇس يوقاتقىلى› ماڭغىنىمنى بىلىپ، يەنە ‹ئاپا بارغىن، ۋىرۇس يوقىتىش تېخىمۇ مۇھىم› دېدى.» قىزىنىڭ گەپلىرى ئۇنى تەسىرلەندۈرگەنىدى.

  يۈەن لىنىڭ دېيىشىچە، يېقىن ئادەملىرىدىن ۋاقىتلىق ئايرىلىش تېخىمۇ ياخشى جەم بولۇش ئۈچۈن ئىكەن، «مەن دوختۇر-سېسترالار بىلەن ئاغرىقلار بىر نىيەتتە تىرىشساقلا، غەلىبىنىڭ بىزگە بارغانسېرى يېقىنلاپ كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.»

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى