تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىز كۆپ خىل تەدبىر ئارقىلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەش ۋە ئۇنى سېتىشقا كۈچەپ كاپالەتلىك قىلدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى

يۇقۇم مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار كۆپ تەرەپتىن تەڭ تۇتۇش قىلىپ جەمئىيەتتىكى كۈچلەرنى سەپەرۋەر قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئالدىنقى شەرتىدە، ھەرقايسى تەرەپتىكى بايلىقنى بىرىكتۈرۈپ، تور ۋە تور سىرتىدا ئىشلەپچىقىرىش - سېتىشنى ئۇدۇللاشتۇرۇش يوللىرىنى بەرپا قىلىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەش ۋە ئۇنى سېتىشقا كۈچەپ كاپالەتلىك قىلدى.

تور سىرتىدا دەل جايىدا ئۇدۇللاشتۇرۇلدى

يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئىشىك ئالدىغىچە يەتكۈزۈلدى

8 - ئاينىڭ 6 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، سانجى شەھىرىنىڭ بىڭخۇ بازىرى بىڭخۇ كەنتىدىكى كەنت ئاھالىسى فۇ جۈننىڭ ھويلىسىدا، بىر ئائىلە كىشىلىرى يېڭىلا ئۈزگەن شوخلىلارنى يەشىكلەرگە قاچىلاش، ئېغىرلىقىنى ئۆلچەش، ئاپتوموبىلغا قاچىلاش بىلەن ئالدىراش ئىدى. ئۇزاق ئۆتمەي، بىر توننىدىن ئارتۇق شوخلا توپ سېتىش سودىگىرى جاڭ يۇڭنىڭ كىچىك يۈك ئاپتوموبىلىغا قاچىلاندى، «مەن ھەر كۈنى بەش - ئالتە توننا كۆكتات سېتىۋېلىپ چىفېڭ بازىرىغا ئاپىرىپ ساتىمەن».

شىنجاڭ چىفېڭ يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى سودا بازىرى (چەكلىك شىركىتى)نىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى پېي لياڭ مۇنداق دېدى: «كۆكتات تېرىيدىغان دېھقانلارنىڭ سېتىش ۋە كۆكتات بازىرى تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بىز سېتىۋېلىش سالمىقىنى زورايتىپ، ھەر كۈنى 70تىن ئارتۇق ئاپتوموبىلنى كۆكتات سېتىۋېلىشقا ئاجراتتۇق.» ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، يېقىندىن بۇيان، سانجى شەھىرىدە كۆكتاتنىڭ كۈندىلىك توپ سېتىلىش سودا مىقدارى 1000 توننا ئەتراپىدا بولغان.

«بىز پۈتۈن ناھىيەدىن يەتتە توپ سېتىش سودىگىرىنى تاللاپ، ناھىيە بازىرىدىكى 30غا يېقىن دۇكان - تاللا بازار، مەھەللە قولايلىق دۇكىنىنى ئاشلىق، ياغ، كۆكتات، گۆش قاتارلىقلار بىلەن تەمىنلىدۇق ھەم جۇڭتۇڭ تېز يەتكۈزۈش شىركىتى ۋە تەقسىملەپ يەتكۈزگۈچىلەرگە تايىنىپ كۈندىلىك بۇيۇملار، تۈرلۈك ماللار، كۆكتات، مېۋە - چېۋىلەرنى بىر شەھەردە ئۇچراشماي تەقسىملەپ يەتكۈزۈش كەسپىنى قانات يايدۇردۇق.» باغراش ناھىيەلىك سودا ۋە سانائەت ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى شۈ تاۋ مۇنداق دېدى: يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سىرتقا ئوڭۇشلۇق سېتىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، باغراش ناھىيەسى يېشىل يول ئېچىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ماددىي ئەشيالىرىنى توشۇشنىڭ راۋانلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

كۇچا شەھىرى دۆڭقوتان بازىرى ياقاشۇنۇت كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى جاڭ بەيجۈننىڭ بەش مو يېرىدىكى توقاچ شاپتۇللىرى پىشتى. كەنت كادىرلىرى، پارتىيەلىك پىدائىيلار ئۆزلۈكىدىن ئۇنىڭ بېغىغا كېلىپ مېۋە ئۈزۈشكە ياردەملەشتى. «بىز تەۋەلىكتىكى كارخانىلار، ھەرقايسى كەنتلەر بىلەن ۋاقتىدا ئالاقىلىشىپ، بىرتۇتاش ئۈزۈش، مالنى ئىشىك ئالدىغىچە يەتكۈزۈپ بېرىش شەكلىنى قوللىنىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىپ چىقاردۇق» دېدى دۆڭقوتان بازىرىنىڭ مۇئاۋىن بازار باشلىقى تۇرسۇن ناسىر.

ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىدىن پايدىلىنىلدى

سېتىش يوللىرى كېڭەيتىلدى

«ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىنىڭ قوللىشى بولغاچقا، مەن بەنلى كاۋىلىرىمنىڭ يېرىمىنى سېتىپ بولدۇم» دېدى 8 - ئاينىڭ 9 - كۈنى توقسۇ ناھىيەسى تاشئېرىق بازىرى قۇمۇشلۇق ئېرىق كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى لى شىنمىن. توقسۇ ناھىيەلىك ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىشلىرى مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ مەسئۇلى چاڭ جۈنفېڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ بىر نەچچە كۈندە، ناھىيەدىكى ئېلېكتىرونلۇق سودا تىجارەتچىلىرىنىڭ كۈندىلىك سېتىش زاكازى 800دىن 1000غىچە، سېتىش سوممىسى 50 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا بولغان، كۆپىنچىسى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئىكەن.

8 - ئاينىڭ بېشىدا، موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىنىڭ ئۇزۇنبۇلاق يېزىسى دۇڭشېڭ كەنتىدىكى ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى تېرىقچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان لى جېن ئائىلىسىنىڭ بۆلجۈرگەنلىرى كەينى - كەينىدىن پىشتى، ئۇ ھەر كۈنى دوۋيىندا بىۋاسىتە كۆرسىتىش شەكلى ئارقىلىق توردا ساتتى. بۇ يىل، كەنت تېرىقچىلىق ئائىلىلىرىنى «توردا + تور سىرتىدا» سېتىشقا پائال يېتەكلەپ، ئۇلارغا ياردەم بېرىپ، دېھقان ئائىلىلىرىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن بازار ئىزدەپ، سېتىش يوللىرىنى ئېچىشقا ئىلھاملاندۇردى. نۆۋەتتە، كەنت «ئىككى كومىتېت»ى ۋە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە، 12 پارنىكتىكى 1200 كىلوگىرامدىن ئارتۇق بۆلجۈرگەن سېتىلىپ بولدى.

قەشقەر جياڭنەن يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى توپ سېتىش بازىرى چەكلىك شىركىتى، قەشقەر جياڭگوگو يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قاتارلىق كارخانىلار ۋە ئېلېكتىرونلۇق سودا تىجارەتچىلىرىنىڭ يۈرۈشتۈرۈشىنىڭ ياردىمىدە، كوناشەھەر ناھىيەسى ئوپال بازىرى ئايدىڭكۆل كەنتىدىكى كەنت ئاھالىسى قۇربان قادىر ئائىلىسىنىڭ مېۋە - چېۋىلىرى پات ئارىدا ئىچكىرى رايونلارغا سېتىلىدۇ. ئۆرۈك پىششىقىدىلا، قەشقەر جياڭگوگو يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتى شۈنفېڭ تېز يەتكۈزۈش شىركىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ، كوناشەھەر ناھىيەسىنىڭ 277 توننا ئەلا سۈپەتلىك ئۆرۈكىنى گۇاڭجوۋ، شېنجېن قاتارلىق ئىچكىرى رايونلاردىكى شەھەرلەرگە سېتىپ بەردى.

ھەرقايسى تەرەپلەر پائال ياردەم بەردى

ئەلا مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىدى

غۇلجا ناھىيەسىنىڭ يېڭىتام بازىرى ئاقتام كەنتىدىكى شاپتۇللۇقتا، پىدائىيلارنىڭ بەزىلىرى شاپتۇل ئۈزۈۋاتاتتى، بەزىلىرى يەشىككە قاچىلاپ جىڭلاپ، تاڭغاندىن كېيىن توكسىكلىت بىلەن كەنتتىكى توقاچ شاپتۇل زاكاز قىلغان كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆيىگە ئايرىم - ئايرىم يەتكۈزۈپ بەردى. يېڭىتام بازىرى يەنە كادىرلار دوستلار چەمبىرىكىدە تەشۋىق قىلىش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق، باغۋەنلەرنىڭ سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتىشىگە ياردەم بەردى.

ھازىر دەل ئالتاينىڭ يەرلىك پەسىل كۆكتاتلىرى، مېۋە - چېۋىلىرى بازارغا سېلىنىدىغان ئاۋات پەسىل، مەھەللە كادىرلىرى، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرى، پىدائىيلار كۆپ تەرەپتىن سېتىش يوللىرىنى ئالاقىلەشتى.

«ھەر كۈنى تېرىقچىلىق ئائىلىلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، كۆكتاتلارنىڭ تۈرى، سانى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى رەتلەپ جەملەپ، ئاندىن سودىگەرلەر بىلەن ئالاقىلىشىمىز.» ئالتاي شەھەرلىك مالىيە ئىدارىسىدىن قىزىلتاش بازىرى كۆكسار كەنتىدە تۇرۇشلۇق 1 - شۇجى، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى ئەلى يۈسۈپ مۇنداق دېدى: ھازىرغىچە، كۈنىگە تەخمىنەن ئالتە توننا يېڭى كۆكتات كۆكسار كەنتىدىن ئالتاي شەھەر رايونىغا توشۇلدى.

8 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ شىرىنزا يېزىسى نۇڭفېڭيۈەن كۆكتاتچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ تېرىقچىلىق بازىسىدا ئىشچىلار كۆكتات ئۈزۈش بىلەن ئالدىراش ئىدى. شىرىنزا يېزىلىق خەلق ھۆكۈمىتى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالاقىچى بولۇپ، ئالاقىدار تارماقلار بىلەن پائال ئۇدۇللىشىپ، بىرتۇتاش ئاپتوموبىلغا قاچىلاپ ئۈرۈمچى، خاڭجوۋ، فۇجيەن قاتارلىق جايلارغا ئەۋەتىپ ساتتى.

(مۇخبىر جاڭ تىڭ، قاتناشقان مۇخبىرلار گې يوۋجۈن، خەن چىنيەن، بايىنغولىن مۇخبىرلار پونكىتىدىن جوۋ خەيشيا، ئىختىيارىي مۇخبىرلار يۆ ۋېنلىڭ، فەن كەي، دۇڭ شىجۈ)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • سۈرەتتىكى شىنجاڭ | چاقىلىقتىكى توغراقلار تىك قەد كۆتۈرۈپ، قۇم-بورانغا تاقابىل تۇرماقتا
  • شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يەنە 16 تولۇق كۇرس كەسپىنى ئىلتىماس قىلدى
  • شىنجاڭدىن ئىككى كىشى 2023 «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىللىق نامزاتى»لىقىغا كۆرسىتىلدى