تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئۈرۈمچى شەھىرى زۆرۈر تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى ھالقىسىدا پۈتۈن جەريانلىق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈردى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى لى چۇنشيا، جاۋ چۇنخۇانىڭ 8 - ئاينىڭ 11 - كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئاخبارات ئىشخانىسى ئاچقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە: ئۈرۈمچى شەھىرى مەھەللىلەردىكى كۆكتات، قوشۇمچە يېمەكلىك بىۋاسىتە سېتىش نۇقتىلىرى، قولايلىق دۇكانلارغا بولغان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىر - تەلەپلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۆكتات، گۆش تۈرلىرى قاتارلىق زۆرۈر تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنىڭ بىخەتەر تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلغان.

زۆرۈر تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى كىرگۈزۈش، سېتىش، تەقسىملەپ يەتكۈزۈش قاتارلىق ھەرقايسى ھالقىلاردا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى. ئاپتوموبىل ھەم خادىملارنىڭ نىسپىي مۇقىملىقى ساقلىنىپ، يۈك توشۇش مەنبەسى ئۆتكىلى چىڭ تۇتۇلدى، ئاپتوموبىل ھەربىر قېتىم سىرتقا چىققاندا ئاپتوموبىل گەۋدىسى بىر قېتىم دېزىنفېكسىيەلەندى؛ يۈك ئاپتوموبىللىرى بازارغا كىرگەندە پۈتۈن ئاپتوموبىل سىرتىدىن دېزىنفېكسىيەلەندى ھەم ئاپتوموبىلنىڭ كىرىش - چىقىشىنى تىزىملاش، ئاپتوموبىلدىكى كىشىلەرنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەش ياخشى ئىشلەندى؛ ماددىي ئەشيالار تەقسىملەپ يەتكۈزۈلۈشتىن بۇرۇن سىرتقى ئورالمىسى دېزىنفېكسىيەلەندى، پىدائىيلار پۈتكۈل جەرياندا ماسكا تاقاپ ۋە مۇداپىئەلىنىش پەلىيى كىيىپ، ئۇچراشماي تەقسىملەپ يەتكۈزۈش شەكلىنى قوللاندى. مەھەللىدىكى كۆكتات، قوشۇمچە يېمەكلىكلەر بىۋاسىتە سېتىش نۇقتىسى، قولايلىق دۇكان قاتارلىقلاردا دۇكان ئىچى - سىرتىنى نىسپىي ئايرىش رايونى تەسىس قىلىنىپ، ئايرىپ ئىلغاش خادىملىرى بىلەن تەقسىملەپ يەتكۈزۈش خادىملىرى ئۇچراشتۇرۇلمىدى، گىرەلەشتۈرۈلمىدى؛ ئوچۇق يېمەكلىكلەر ۋە پۈركۈپ، سۈرتۈپ دېزىنفېكسىيەلەشكە بولمايدىغان ئاشلىق قاتارلىق تاۋارلاردىن باشقا، بارلىق تاۋارلارنىڭ سىرتقى ئورالمىسىنىڭ ھەممىسى دېزىنفېكسىيەلەندى؛ گۆش تۈرىدىكىلەرنى سېتىش رايونى، كۆكتات سېتىش رايونى، دۆشە، تىغلىق ئەسۋاب سايمانلار، ئېغىرلىق ئۆلچەش ئەسۋابلىرى، قاچىلاش بۇيۇملىرى قاتارلىقلارنى دېزىنفېكسىيەلەش خىزمىتى نۇقتىلىق ياخشى ئىشلەندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • سۈرەتتىكى شىنجاڭ | چاقىلىقتىكى توغراقلار تىك قەد كۆتۈرۈپ، قۇم-بورانغا تاقابىل تۇرماقتا
  • شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يەنە 16 تولۇق كۇرس كەسپىنى ئىلتىماس قىلدى
  • شىنجاڭدىن ئىككى كىشى 2023 «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىللىق نامزاتى»لىقىغا كۆرسىتىلدى