تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاغرىقلار ئۈچۈن قۇۋۋەتلىك تاماق تەييارلاش

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى چاۋ جىن، شيې لۇڭ فوتوسى، خەۋىرى

8- ئاينىڭ 8 - كۈنى، خىزمەتچى خادىملار ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي قۇتقۇزۇش - داۋالاش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانىنىڭ ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئاشخانىسىدا ئاغرىقلارغا تاماق قاچىلىماقتا.

8 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي قۇتقۇزۇش - داۋالاش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانىنىڭ ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئاشخانىسىدا، ئاشپەز دۇڭ تيەنشى ئاغرىقلارغا قورۇما قورۇماقتا.

8 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي قۇتقۇزۇش - داۋالاش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانىدا، خىزمەتچى خادىملار ئايرىپ قاچىلانغان تاماقلارنى ئاپتوموبىلغا قاچىلاپ ھەرقايسى ئاغرىقلار رايونلىرىغا ۋاقتىدا يەتكۈزمەكتە.

8 - ئاينىڭ 8 - كۈنى سائەت 18دە، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي قۇتقۇزۇش - داۋالاش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانىنىڭ ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئاشخانىسىدا، مەززىلىك ھىدى دىماققا ئۇرۇلۇپ تۇرىدىغان كالا گۆشى شورپىسى قاچىلارغا ئۇسۇلۇپ، يەشىككە قاچىلىنىپ، تاماق يەتكۈزۈش ئاپتوموبىلى ئارقىلىق ئاغرىقلار رايونىغا يەتكۈزۈلمەكتە ئىدى...

ئاشخانىدا، باشقۇرغۇچى خەن جۇڭخۇي قاتارلىقلار سوغۇق سەي، مېۋە - چېۋە، قېتىق ۋە ماشخوردىنى بۆلۈپ قاچىلىدى. ئوچاق بېشىدا ئاشپەز جاڭ يۈپىڭ مونەك ئاش ئېتىۋاتاتتى، «بۇنى ياشانغانلار قاتارلىق ئالاھىدە ئاغرىقلارغا ئەتكەن، شۇڭا مونەكنى ئامال بار كىچىكرەك قىلىمىز» دېدى جاڭ يۈپىڭ.

«بىز ھەر كۈنى سائەت 6دىن باشلاپ ناشتىلىق تەييارلايمىز، ھەر ۋاقلىق تاماق نەچچە يۈز كىشىلىك تارقىتىلىدۇ، سائەت 21دە ئاندىن شۇ كۈنلۈك ئۈچ ۋاق تاماق بىلەن تەمىنلەش ۋە تەقسىملەپ يەتكۈزۈشنى تاماملىغىلى بولىدۇ. كەچتە يەنە كېچىلىك ئىسمېنىدا ئىشلەيدىغان دوختۇر - سېسترالار ۋە ئالاھىدە ئاغرىقلارنى كېچىلىك تاماق بىلەن تەمىنلەيمىز» دېدى خەن جۇڭخۇي.

ئۈرۈمچىدە بۇ قېتىمقى يۇقۇم يۈزبەرگەندىن بۇيان، دوختۇرخانىنىڭ ئارقا سەپ كاپالەت تارمىقى تېببىي خادىملارنىڭ ئوزۇقلۇق بىلەن داۋالاشنى قانات يايدۇرۇشىغا ياردەملىشىپ، ئاغرىقلارنىڭ يېمەك - ئىچمىكىدە ئوزۇقلۇقنىڭ تولۇق، تەكشى بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئاغرىقلارنىڭ سالامەتلىكىنىڭ تېزرەك ئەسلىگە كېلىشىگە ياردەم بەردى. «بىز <يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بويىچە ئايرىلغانلار ھەم يېنىك، ئېغىر ئاغرىقلارنىڭ ئوزۇقلۇق يېمەك - ئىچمەك مۇھىم نۇقتىسى>نى تۈزۈپ چىقتۇق، ئاغرىقلارنىڭ يېمەكلىكىدە گۆش، تۇخۇم، سۈت، مېۋە - چېۋە، كۆكتات قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى تولۇق، گۆشلۈك، گۆشسىز تاماقلار مۇۋاپىق تەڭشەلگەن، گۈرۈچ ۋە ئۇن تامىقىنىڭ تەڭشىلىشى جايىدا.» دوختۇرخانا ئارقا سەپ كاپالەت بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى خۇ يەنمېڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: «يۇقىرى قان بېسىم، دىيابېت قاتارلىق ئاساس كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغانلار ھەمدە ياشانغانلار قاتارلىق ئالاھىدە ئاغرىقلارنى دوختۇرخانا مەخسۇس قۇۋۋەتلىك تاماق بىلەن تەمىنلىدى ھەم ئاغرىقلارنىڭ خاسلاشقان ئالاھىدە تاماق ئېھتىياجى مۇلازىمەت تېلېفونىنى تەسىس قىلدى. بەزى ئېغىر ئاغرىقلارغا كىلىنىكىلىق ئوزۇقلۇقشۇناسلارنىڭ دىياگنوزى ۋە ئاغرىقنىڭ ئورگانىزم ئەھۋالىغا ئاساسەن، ھەر كۈنى ئۇلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ مېۋە شىرنىسى، كۆكتات شىرنىسى قاتارلىق يۇتۇش ۋە ھەزىم قىلىشقا قولايلىق سۇيۇق مەخسۇس يېمەكلىكلەرنى تەييارلاپ بەردى».

شۇ كۈنى چۈشتە، ئۈچ ياشانغان ئاغرىق دوختۇرخانىدىن چىقتى، ئاشخانا مەخسۇس ئۈچ كىشىلىك جۇۋاۋا ئەتتى. «<سەپەرگە چىققاندا جۇۋاۋا يە، سەپەردىن كەلگەندە چۆپ> دەيدىغان ماقال بار، بۇ، بىزنىڭ ئۇلارغا بولغان ياخشى تىلىكىمىز» دېدى خۇ يەنمېڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى