تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تاشيوللاردا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بويىچە تەكشۈرۈشتە «بىرمۇ ئادەمنى چۈشۈرۈپ قويماسلىق، بىرمۇ ئاپتوموبىلنى چۈشۈرۈپ قويماسلىق» ئىشقا ئاشۇرۇلدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى لى چۇنشيا، جاۋ چۇنخۇا خەۋەر قىلىدۇ: 8 - ئاينىڭ 11 - كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش قوماندانلىق ئىشتابى تاشيوللاردا ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى سۇڭ بىن مۇنداق تونۇشتۇردى: ئۈرۈمچى شەھىرى تاشيول قاتنىشى ئەمەلىيىتىنى چىقىش قىلىپ، «بىرمۇ ئادەمنى چۈشۈرۈپ قويماسلىق، بىرمۇ ئاپتوموبىلنى چۈشۈرۈپ قويماسلىق» تەلىپى بويىچە، ئىلغاپ تەكشۈرۈش تەدبىرلىرىنى ئىلمىي ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىدى.

كىرىش ئۆتكىلى چىڭ تۇتۇلدى. ئاپتوموبىللىق ئۈرۈمچىگە كەلگەنلەر، ئۈرۈمچىگە قايتقانلارغا قارىتا، ساغلاملىق كودى ۋە يەتتە كۈن ئىچىدىكى نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش دوكلاتى(مەنپىي)نى تەكشۈرۈپ دەلىللىگەندىن كېيىن، خەۋپ - خەتەر دەرىجىسى تۆۋەن رايونلاردىن كەلگەنلەرنىڭ ئۆتۈشىگە يول قويۇلدى. دۆلەت ئىچىدىكى خەۋپ - خەتەر دەرىجىسى يۇقىرى رايونلاردىن كەلگەنلەر 14 كۈن مەركەزلىك تېببىي كۆزىتىلدى، خەۋپ - خەتەر دەرىجىسى ئوتتۇرا ھال رايونلاردىن كەلگەنلەرنىڭ يەنە بىر قېتىملىق نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى مەنپىي چىققاندىن كېيىن ئۆتۈشىگە رۇخسەت قىلىندى.

ئۈرۈمچىدىن ئايرىلىدىغان كىشىلەر، ئاپتوموبىللارنى باشقۇرۇش ياخشى ئىشلەندى. باشقا ۋىلايەت، ئوبلاستلاردىن ئاپتوموبىل ھەيدەپ ئۈرۈمچىگە كېلىپ ئايروپىلان، پويىزغا ئولتۇرۇپ شىنجاڭدىن ئايرىلىدىغانلارنىڭ جەزمەن يەتتە كۈن ئىچىدىكى نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش دوكلاتى(مەنپىي) بولسا، ساغلاملىق كودىدا نورمالسىزلىق بولمىسا، ھەمدە كۈچكە ئىگە ئايروپىلان بېلىتى، پويىز بېلىتى بولسا ئۆتۈشىگە رۇخسەت قىلىندى. دوختۇرخانىدىن چىققاندىن كېيىن ئۈرۈمچىدىن ئايرىلىپ شىنجاڭ ئىچىدىكى باشقا ۋىلايەت، ئوبلاستلارغا ئاپتوموبىللىق قايتىدىغانلار دوختۇرخانىدىن چىقىش ئىسپاتى ۋە يەتتە كۈن ئىچىدىكى نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش دوكلاتى(مەنپىي)نى ئېلىپ كەلسە ئۈرۈمچىدىن ئايرىلىشىغا رۇخسەت قىلىندى.

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى قەتئىي ياخشى ئىشلەش بىلەن بىللە، ئۈرۈمچى شەھىرى كۆكتات، ئاشلىق، گۆش، تۇخۇم، سۈت قاتارلىق مۇھىم زۆرۈر تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى توشۇيدىغان ئاپتوموبىللار، ھەمدە ياشانغانلار، بالىلار، ھامىلىدارلار ئولتۇرغان ۋە جىددىي، ئېغىر، خەتەرلىك ئاغرىقلارنى يۆتكەپ توشۇيدىغان ئاپتوموبىللارغا يېشىل يول ئېچىپ بەردى. تاشيوللاردىكى ھەرقايسى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەكشۈرۈش نۇقتىلىرىدا خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت نۇقتىسى تەسىس قىلىنىپ، ئېھتىياجى بار ھەر مىللەت ئاممىغا ۋاقتىدا مۇلازىمەت قىلىندى.

ئۈرۈمچى شەھىرى تاشيوللاردىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەكشۈرۈش نۇقتىلىرىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە يۈزتۇرا ئۇچرىشىش زۆرۈرىيىتى بولۇش ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، خىزمەتچى خادىملارغا مۇداپىئە بۇيۇملىرىنى ۋاقتىدا تارقىتىپ بەردى. ھەرقايسى تەكشۈرۈش نۇقتىلىرى تاشلاندۇقلارنى مەركەزلىك يىغىپ بىر تەرەپ قىلدى، ھەر كۈنى ئىككى قېتىم تەكشۈرۈش نۇقتىسىنىڭ مۇھىتىنى دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈردى، قەرەللىك ھالدا بارلىق خىزمەتچى خادىملارنىڭ نوكلېئىك كىسلاتاسىنى مەركەزلىك تەكشۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى