شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى جاۋ چۇنخۇا، لى چۇنشيا خەۋەر قىلىدۇ: 8 - ئاينىڭ 11 - كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش قوماندانلىق ئىشتابى جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە كاپالەتلەندۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى لى نىڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: ئۈرۈمچى شەھىرى «تېببىي قۇتقۇزۇش - داۋالاشقا كاپالەتلىك قىلىش، نۇقتىلىق بىرىنچى سېپىگە كاپالەتلىك قىلىش، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلىش»تىن ئىبارەت «ئۈچكە كاپالەتلىك قىلىش» ئومۇمىي تەلىپى بويىچە، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش داۋالاش ماددىي ئەشيالىرى تەمىناتىغا كۆپ خىل تەدبىر ئارقىلىق يۇقىرى ئۆلچەمدە كاپالەتلىك قىلدى.
سېتىۋېلىش جەھەتتە، ئۈرۈمچى شەھىرى ھەر دەرىجىلىك مالىيە ئورۇنلاشتۇرغان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەبلىغىگە قارىتا دەرھال ماسلىشىپ، بېجىرىپ ۋە ئاجرىتىپ نەقلەشتۈرۈپ، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش ئۈسكۈنىلىرى ۋە ماددىي ئەشيالىرىنى سېتىۋېلىش يېشىل يولىنى ئېچىپ، مەخسۇس ئادەمنى مەسئۇل قىلىپ، پۈتۈن جەريانلىق ئىز قوغلاپ، ھەربىر تۈركۈم جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش داۋالاش ماددىي ئەشيالىرىدا زاكازنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشتىن ئامبارغا كىرگۈزۈپ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشقىچە بولغان ھالقىلارنى يوچۇقسىز جىپسىلاشتۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى؛ داۋالاش ماددىي ئەشيالىرىنى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنىڭ سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، مىقدارنى ئاشۇرۇشى، يوشۇرۇن كۈچنى قېزىپ، ئىقتىدارنى كېڭەيتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئادەم ئىشلىتىش، مەبلەغ، خام ئەشيا، ئۈسكۈنە جەھەتلەردىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلدى.
تەڭشەپ تەقسىملەش جەھەتتە، ئۈرۈمچى شەھىرى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەبلىغى ھېساباتىنى كۈندە مەلۇم قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەبلىغىنى ئاجرىتىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، مەبلەغنىڭ ۋاقتىدا نەقلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى؛ ماددىي ئەشيا زاپىسىنى ھەرىكەت ھالىتىدە ئېدىتلاپ، ماددىي ئەشيالارنى بىرىنچى سەپتىكى ئورۇنلارغا ئىلمىي، ۋاقتىدا تولۇقلىدى. داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ ماددىي ئەشيالىرىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ تەڭشەپ تەقسىملەش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، جىددىي ھالەتتىكى جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش داۋالاش ماددىي ئەشيالىرىنى يىغىش، تەڭشەشنىڭ كۈچلۈك، تەرتىپلىك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى؛ ماسكا، مۇداپىئە كىيىمى، تېمپېراتۇرا ئۆلچەش ئەسۋابى قاتارلىق ماددىي ئەشيالارنى تەڭشەپ تەقسىملەش، تەمىنلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، بىرىنچى سەپتىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش خادىملىرىنىڭ ئېھتىياجىنى ئالدىن قاندۇردى.
بازارغا سېلىش جەھەتتە، ئالاقىدار ئاپتوموبىللارنىڭ يول يۈرۈش مەسىلىسىنى ۋاقتىدا ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىپ، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش داۋالاش ماددىي ئەشيالىرىنىڭ ھەرقايسى دوختۇرخانا، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش پونكىتلىرىغا ۋاقتىدا يەتكۈزۈلۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى؛ يەرلىك تېببىي دورا كارخانىلىرىنى ماسلاشتۇرۇپ، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش داۋالاش ماددىي ئەشيالىرىنى بازارغا سېلىش سالمىقىنى زورايتتى. ھازىر شەھەر بويىچە 62 دورا توپ سېتىش كارخانىسى، 24 دورا پارچە سېتىش زەنجىرسىمان باش ئىشتابى، 1089 زەنجىرسىمان دۇكان نورمال تىجارەت قىلىۋاتىدۇ، داۋالاش ماددىي ئەشيالىرىنىڭ بازار تەمىناتى تولۇق.
زاپاس ساقلاش جەھەتتە، ئۈرۈمچى شەھىرى ئىشلەپچىقىرىشقا تەشكىللەش، سىرتتىن سېتىۋېلىش، ئىئانە قوبۇل قىلىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، داۋالاش ماددىي ئەشيالىرىنى ساقلاش كۆلىمىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن كېڭەيتتى. توپلىنىپ نەقلەشكەن تۈرلۈك جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش داۋالاش ماددىي ئەشيالىرىنى ھەرقايسى قىزىتما ئامبۇلاتورىيەسى، تەكشۈرۈش پونكىتى، قاتناش تۈگۈنى قاتارلىق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش نۇقتىلىرى - ئورۇنلىرىغا بىرتۇتاش تەڭشەپ تەقسىملىدى. ھازىرغىچە، تەكشۈرۈش سىناق دورىسى، مۇداپىئە بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى، قۇتقۇزۇش - داۋالاش دورىلىرى، دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق بەش چوڭ تۈردىكى داۋالاش ماددىي ئەشيالىرىنىڭ زاپىسى تولۇق.