تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

نۇقتىلىق رايون ۋە نۇقتىلىق كىشىلەر توپىغا قارىتىلغان نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش قېتىم سانى نېمە ئۈچۈن كۆپەيتىلىدۇ

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى لى چۇنشيا، جاۋ چۇنخۇا خەۋەر قىلىدۇ: يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىدە، ئۈرۈمچى شەھىرى نۇقتىلىق رايون ۋە نۇقتىلىق كىشىلەر توپىغا قارىتىلغان نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش قېتىم سانىنى كۆپەيتتى. 8 - ئاينىڭ 11 - كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋېن گوشىن مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ، يۇقۇم يوشۇرۇن خەۋپىنى تۈگىتىشتىكى مۇھىم تەدبىر، شۇنداقلا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاشنىڭ ئېھتىياجى.

تونۇشتۇرۇلۇشىچە، نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىغا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى ۋە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلارنى ئاساسلىق تەكشۈرۈپ تېپىش ئۇسۇلى ھەم ھۆكۈم قىلىش ئۆلچىمى ئىكەن. يۇتقۇنچاقتىن پەلكۈچ ئارقىلىق ئەۋرىشكە ئېلىش نەپەس يولىنىڭ چوڭقۇر قىسمىدىن ئەۋرىشكە ئېلىش بولمىغاچقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە تەكشۈرۈش سىناق دورىسىنىڭ سەزگۈرلۈك دەرىجىسى ئارقىلىق بىرلا قېتىمدا بارلىق يۇقۇملانغۇچىلارنى %100 پەرقلەندۈرگىلى بولمىغاچقا، ئېھتىيات ئۈچۈن، تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن نۇقتىلىق رايون ۋە نۇقتىلىق كىشىلەرگە قارىتا كۆپ قېتىم ئەۋرىشكە ئېلىپ تەكشۈرۈشكە توغرا كېلىدىكەن.

يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ يوشۇرۇنۇشچانلىقى ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ، ئوخشاش بولمىغان يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ بەدىنىنىڭ زەھەر تازىلاش ۋاقتى ئوخشاش بولمايدۇ. ئۈرۈمچى شەھىرىدە كۆرۈلگەن ئاغرىق مىساللىرى ئىچىدە، ئۇدا ئىككى قېتىملىق نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى مەنپىي چىقىپ، 3 - قېتىملىق تەكشۈرۈشتە ئاندىن مۇسبەت چىققانلار بار، شۇڭا تەكرار تەكشۈرۈش ئىنتايىن زۆرۈر.

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش نۇقتىسىدىن قارىغاندا، نۇقتىلىق رايون، نۇقتىلىق كىشىلەر توپىغا قارىتىلغان كۆپ قېتىم نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش يۇقۇم يوشۇرۇن خەۋپىنى تۈگىتىشتىكى مۇھىم تەدبىر بولۇپ، نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش قېتىم سانىنى كۆپەيتىش ئارقىلىق، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلارنى تېزدىن، بالدۇر بايقاپ، ئايرىپ تېببىي كۆزىتىشنى يولغا قويۇپ، بالدۇر بايقاش، بالدۇر دوكلات قىلىش، بالدۇر ئايرىش، بالدۇر داۋالاشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ. بۇ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۆتكىلىنى ئالدىغا سۈرۈپ، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەندىن كېيىنكى خەۋپ - خەتەرنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلەپ، ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىش شارائىتى ياكى يۇقۇم مەنبەسىنى ئازايتىشقا پايدىلىق.

ۋېن گوشىن مۇنداق دېدى: نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش نەتىجە - ئۈنۈمىنى سىنايدىغان مۇھىم ۋاسىتە، ئۇنىڭغا ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلار مۇھىم پايدىلىنىش ۋە تەتقىقات قىممىتىگە ئىگە بولۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ تەدبىر بەلگىلىشىنى ئىلمىي ئاساس بىلەن تەمىنلەپ، تۈرلۈك يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى پائال، پۇختا تەڭشەشكە قولايلىق يارىتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ