تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئۈرۈمچى شەھىرىدە تۇنجى تۈركۈمدىكى ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشنامىسىنى يەتكۈزۈش باشلاندى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى لياڭ لىخۇا خەۋەر قىلىدۇ: «سىزنىڭ ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشنامىڭىز كەلدى، مەھەللە خىزمەتچىلىرى ياكى پىدائىيلار بىلەن ئالاقىلەشسىڭىز سىزنىڭ ئورنىڭىزدا ئىمزا قويۇپ ئېلىۋالسۇن.» 8 - ئاينىڭ 11 - كۈنى سائەت 16دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، جۇڭگو پوچتا گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى ئۈرۈمچى شەھەرلىك شۆبە شىركىتى يېڭىشەھەر رايونلۇق تىجارەت بۆلۈمىنىڭ يەتكۈزگۈچىسى سۇڭ يەنتاۋ ئۈرۈمچى شەھىرى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايون(يېڭىشەھەر رايونى)لۇق ھۆكۈمەت ئائىلىلىكلەر قورۇسىنىڭ ئاھالىسى شايىدە تەلئەتكە تېلېفون قىلدى.

شۇ كۈنى، 2020 - يىللىق ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشنامىسىنى يەتكۈزۈش خىزمىتى رەسمىي باشلاندى. سائەت 16دىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە، مەھەللە خىزمەتچىسى سۇڭ يەنتاۋنىڭ قولىدىن قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشنامىسىنى تاپشۇرۇۋالدى.

«قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشنامىسىنى تاپشۇرۇۋېلىپ، ئىنتايىن ھاياجانلاندىم، بىرىنچى سەپتە جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىۋاتقان پوچتا يەتكۈزگۈچىلىرى ۋە مەھەللە خىزمەتچىلىرىگە رەھمەت ئېيتىمەن.» سائەت 17دە، شايىدە مەھەللە خىزمەتچىسىنىڭ قولىدىن قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشنامىسىنى تاپشۇرۇۋالدى.

يۇقۇم مەزگىلىدە ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشنامىسىنى ئەۋەتىش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، جۇڭگو پوچتا گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى ئۈرۈمچى شەھەرلىك شۆبە شىركىتى بالدۇر ئورۇنلاشتۇردى، بالدۇر ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، قاتتىق باشقۇردى، كونترول قىلدى. «ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشنامىسىنىڭ بىخەتەر ئەۋەتىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، يەتكۈزگۈچىلەر جەزمەن پۈتكۈل جەرياندا ماسكا، كۆز قوغداش ئەينىكى تاقايدۇ، مۇداپىئە كىيىمى كىيىدۇ، ھەر كۈنى ئۈچ قېتىم بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچىتىدۇ، بارلىق پوچتا يوللانمىلىرى ئۇلتىرا بىنەپشە نۇردا دېزىنفېكسىيەلىنىپ مىكروب ئۆلتۈرۈلىدۇ، پوچتا يوللانمىلىرىنى توشۇيدىغان ئاپتوموبىللار ھەر كۈنى ئۈچ قېتىم دېزىنفېكسىيەلىنىدۇ» دېدى جۇڭگو پوچتا گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى ئۈرۈمچى شەھەرلىك شۆبە شىركىتى يېڭىشەھەر رايونلۇق تىجارەت بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ياردەمچىسى چېڭ خۇا.

چېڭ خۇا مۇنداق دېدى: ئايرىپ ئىلغاش ھالقىسىدا، يېشىل يول ئېچىپ، مەخسۇس ئادەم بىر تەرەپ قىلىش، ئايرىم بىر تەرەپ قىلىش، ئالدىن بىر تەرەپ قىلىش، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نازارەت قىلىشنى ئىشقا ئاشۇردۇق. يەتكۈزۈش ھالقىسىدا دەل، توغرا يەتكۈزۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشنامىسىنى يەتكۈزۈشتە ئىمزا قويۇپ تاپشۇرۇۋېلىش تەرتىپىنى قاتتىق ئىجرا قىلدۇق. يەتكۈزگۈچى جەزمەن تاپشۇرۇۋالغۇچى بىلەن تېلېفوندا ئالدىن ئالاقىلىشىپ، تاپشۇرۇۋالغۇچىغا تۇرۇشلۇق مەھەللە بىلەن ۋاقتىدا ئۇدۇللىشىشىنى ئېيتىدۇ، ئاندىن مەھەللە خىزمەتچىلىرى ياكى پىدائىيلار يەتكۈزۈپ بېرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئالاقىدار ئۇچۇر خاتىرىسىنى ياخشى قالدۇرۇپ، ۋاقتىدا قايتا زىيارەت قىلىدۇ، يەتكۈزۈش بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشنامىسى يىتىپ كېتىش، بۇزۇلۇپ كېتىش، كۆز بوياپ ئېلىۋېلىش قاتارلىق ئەھۋاللارنىڭ يۈزبېرىشىنى قەتئىي توسۇيدۇ.

باشقۇرۇش - كونترول قىلىش ھالقىسىدا، زامانىۋى ئۇچۇر تېخنىكىسى ۋاسىتىسىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، سىستېما سۇپىسى ئارقىلىق، ھەر كۈنى ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشنامىسىنىڭ يەتكۈزۈش - تاپشۇرۇۋېلىش ھالىتى پۈتۈن جەريانلىق ئىز قوغلىنىپ، ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلار قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشنامىسىنى ئەۋەتىش ئۇچۇرىنى تەكشۈرۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىنىدۇ.

چېڭ خۇا مۇنداق تونۇشتۇردى: ئىلگىرىكىگە ئوخشىمايدىغىنى، ئىلگىرى شۇ كىشى كىملىكى بىلەنلا ئىمزا قويۇپ ئالالايتتى. بۇ يىل مەھەللە خىزمەتچىلىرى ياكى پىدائىيلار ۋاكالىتەن ئىمزا قويۇپ تاپشۇرۇۋېلىپ، ئاندىن شۇ كىشىگە تاپشۇرۇپ بېرىدىغان بولغاچقا، شۇ كىشىنىڭ كىملىكى، ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكىسى، ھەمدە مەھەللە خىزمەتچىسى ياكى پىدائىيلارنىڭ كىملىكىنى تەڭ كۆرسەتكەندىلا ئاندىن ئىمزا قويۇپ تاپشۇرۇۋېلىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا، بۇ يىللىق ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشنامىسىنى ئەۋەتىش خىزمىتىنىڭ مۇقىم، تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، جۇڭگو پوچتا گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى ئۈرۈمچى شەھەرلىك شۆبە شىركىتى مۇددەتتىن بۇرۇن ئۈرۈمچىدىكى ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەرنى زىيارەت قىلىپ، ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مۇلازىمەت تەرتىپىنى بىر - بىرلەپ بېكىتتى ھەم ئالاقىلەشكۈچى تەسىس قىلىپ بىر - بىرلەپ ئۇدۇللاشتۇرۇپ، مەكتەپلەرگە ماسلىشىپ پوچتا يوللانما ئۇچۇرلىرىنى كىرگۈزۈش، پېچەتلەپ قاچىلاش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىدى. نۆۋەتتە، بۇ شىركەت 27 ئالىي مەكتەپ بىلەن يەتكۈزۈش كېلىشىمى ئىمزالىدى، مۆلچەرلىنىشىچە، 77 مىڭ 750 يوللانما يەتكۈزۈلىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى