تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىڭتۇەن

شىنجاڭ بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك سۇچىلىق قۇرۇلۇشى خادىملىرىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تورىنى قول تۇتۇشۇپ مۇستەھكەملىدى

يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 14-شى سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش مۇلازىمەت مەركىزى خىزمەت گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ، 14-شى 225-تۇەن سىرتىدىكى سۇچىلىق قۇرۇلۇشى تۈر بۆلۈمىگە چۈشۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 800دىن ئارتۇق قۇرۇلۇش خادىمىنىڭ تۇرمۇش ماددىي ئەشيا ئېھتىياجىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

خىزمەت گۇرۇپپىسى تەپسىلىي رەتكە تۇرغۇزۇپ، نۆۋەتچىلىك قىلىۋاتقان خىزمەتچى خادىملاردىن ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى سۈرۈشتۈرۈپ، خادىملارنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش، تىزىملاش جەدۋىلى، ئاشخانىنىڭ تازىلىق ئەھۋالى، ھاجەتخانىنىڭ تازىلىق ئەھۋالى قاتارلىقلارنى تەكشۈرۈپ، نۆۋەتتىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىدە ساقلانغان مەسىلىلەرنى تېپىپ چىقىپ، يوچۇقلارنى ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ، تولۇقلاپ، 14-شى قۇرۇمقاش شەھىرى ۋە كېرىيە ناھىيەسى تەۋەلىكىنى باشقۇرۇش تەلىپىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەپ، سۇچىلىق قۇرۇلۇشى خادىملىرىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تورىنى مۇستەھكەملىدى. خىزمەت گۇرۇپپىسى 225-تۇەن، كېرىيە ناھىيەسىنىڭ لەڭگەر يېزىسى ۋە لەڭگەر بوزيار دېھقانچىلىق مەيدانى بىلەن كۆپ قېتىم ماسلاشتۇرۇپ، ئالاقىلىشىپ، ماددىي ئەشيا يەتكۈزۈش ئاپتوموبىلىنى ھەر ئۈچ كۈندە بىر قېتىم تەقسىملەپ يەتكۈزۈپ، قۇرۇلۇش خادىملىرىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇش ماددىي ئەشياسىغا كاپالەتلىك قىلىپ، قۇرۇلۇش خادىملىرىنىڭ تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇردى.

ئىگىلىنىشىچە، 8-ئاينىڭ 3-كۈنىگىچە، خىزمەت گۇرۇپپىسى تۆت ئاپتوموبىل ماددىي ئەشياسى، ئىككى ئاپتوموبىل تاۋۇز، 50 باك سۇيۇقلاندۇرۇلغان گاز يەتكۈزۈپ بېرىشنى ماسلاشتۇرغان، ئۈچ قېتىم دورا سېتىۋالغان، ئىككى قېتىم ئاغرىقلارنىڭ كېسىلىنى كۆرسەتكەن.

(ۋاڭ گۇيياڭ، بەي رۇڭ)

بىڭتۇەن ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى

گۈلپىيە ئابلىز تەرجىمىسى

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • 2 ئالتۇن مېدال، 2 كۈمۈش مېدال، 2 مىس مېدال
  • ئەمەلىي ئىشلەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش | تولۇق غەيرەتكە كېلىپ ئىشقا ئاتلىنىش، ئاتاكىغا ئۆتۈپ تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلاش
  • رەڭدار قىشلىق تەتىل