تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز ۋاڭ نا): 8-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ھەر قايسى ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتەپلەردىكى مۇشۇ قاراردا، ئىلگىرىكى قاراردا ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارغا «2020-يىللىق ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ئىجتىمائىيلاشقان ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ خىزمەتچىسىلىكىگە تەكلىپ قىلىش خېتى» ئەۋەتتى.
ئىگىلىنىشىچە، شىنجاڭنىڭ دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋەزىيىتىدە ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە ياردەم بېرىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى 2020-يىلى ئىجتىمائىيلاشقان ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ خىزمەتچىسىلىكىگە تاللاپ تەكلىپ قىلىش خىزمىتىنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇشنى قارار قىلغان.
بۇ قېتىمقى تاللاپ تەكلىپ قىلىش پائالىيىتى 8-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن 10-ئاينىڭ 5-كۈنىگىچە داۋاملىشىدۇ، تاللاپ تەكلىپ قىلىش ئوبيېكتى مۇشۇ قاراردا، ئىلگىرىكى قاراردا ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا تېخنىكوملارنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار بولۇپ، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەردىكى ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار، ئىشقا ئورۇنلاشقانلار يوق ئائىلىلەردىكى ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار، تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئائىلىلىرىدىكى ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار قاتارلىقلار ئالدىن ئويلىشىلىدۇ. خىزمەت ئورنى ئاساسلىقى ناھىيە دەرىجىلىك ۋە ناھىيە دەرىجىلىكتىن تۆۋەن رايون (ساھە) خاراكتېرلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى بىرلەشمىسى، يېزا-بازار (كوچا)، تەرەققىيات رايونى (سانائەت رايونى)دىكى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، مەھەللە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە ياردەم بېرىش-يۆلەش (مۇلازىمەت) مەركىزى (پونكىت نۇقتىسى)، ئىشچى-خىزمەتچىلەر قانۇن ياردىمى ئاپپاراتى ۋە باشقا ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە مۇلازىمەت قىلىش خىزمەت ئاپپاراتى قاتارلىقلاردا مەخسۇس ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ قېتىمقى تاللاپ قوبۇل قىلىش خىزمىتى ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئېلىپ بېرىلىدىكەن، كونكرېت ئىشلارنى ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)، ناھىيە (شەھەر، رايون)لىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەشكىلاتلىرى ئۈستىگە ئالىدىكەن. قوبۇل قىلىنغان ئىجتىمائىيلاشقان ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ خىزمەتچىلىرىگە ئەمگەك توختامى تۈزۈمى يولغا قويۇلۇپ، ناھىيە (شەھەر، رايون)لىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى بىلەن ئەمگەك توختامى ئىمزالايدىكەن ھەمدە ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىغا ئەنگە ئالدۇرىدىكەن.
قوشۇمچە: ھەر قايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ تەپسىلىي قوبۇل قىلىش ئۇچۇرى