تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ۋاقىتلىق پارتىيە گۇرۇپپىسى قۇرۇلدى، بۇ ئولتۇراق رايوندىكى 680دىن ئارتۇق ئائىلىدىكى ئاھالىلەرنىڭ كۆڭلىدىكى «ياخشى ئۆي باشقۇرۇغۇچى»سى بار بولدى

ئولتۇراق رايوندىكى پىدائىيلار.

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر چىن جىنلى خەۋىرى، سۈرەتنى مەھەللە ئاھالە كومىتېتى تەمىنلىگەن): «ئاچا، بۇ سىز ئالغان ئۇن ۋە ياغ.» 8-ئاينىڭ 11-كۈنى سائەت 13لەردە، سۈن ۋېنجيې ئەڭ ئاخىرقى بىر ئۆينىڭ تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرىنى يەتكۈزۈپ بەردى. ئۇ بىر چۈشتىن بۇرۇن 30 نەچچە ئائىلىنىڭ نەرسە-كېرەكلىرىنى يەتكۈزۈپ بەردى، ئولتۇراق رايوندىكى يولنىڭ يانتۇلۇقى بىر قەدەر چوڭ بولغاچقا، ئۇنىڭ پۈتۈن بەدىنى تەرلەپ ھۆل بولۇپ كەتكەن ئىدى.

  سۈن ۋېنجيې ئۈرۈمچى شەھىرى جۇڭخۇەن يولى شىمالىي مەھەللىسى كۇڭجۇڭ گۈللۈكى ئولتۇراق رايونىنىڭ ئاھالىسى بولۇپ، ئۇنىڭ يەنە بىر سالاھىيىتى ئولتۇراق رايوندىكى ۋاقىتلىق پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى ئىدى. بۇ ۋاقىتلىق پارتىيە گۇرۇپپىسى يۇقىرى دەرىجىلىك تەشكىلاتنىڭ تەستىقى بىلەن 7-ئاينىڭ 22-كۈنى قۇرۇلغان بولۇپ، 14 نەپەر پارتىيە ئەزاسى بار، ھەممىسى مۇشۇ ئولتۇراق رايوندىكى ئاھالىلەر ۋە مەھەللە خىزمەتچى خادىملىرى ئىدى.

  «پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىكى بولغاچقا، ئولتۇراق رايون پىدائىيلار مۇلازىمىتى تېخىمۇ ئىنچىكە قېلىپلاشتۇرۇلدى.» ۋاقىتلىق پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى، مەھەللە ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى گۇ شىنبو شۇنداق دېدى. يۇقۇم يۈز بەرگەندە، ئولتۇراق رايوندىكى نۇرغۇن پارتىيە ئەزاسى تەشەببۇسكارلىق بىلەن پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتىگە تىزىملىتىشنى ئىلتىماس قىلدى، «بىز ئولتۇراق رايوندا ۋاقىتلىق پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇش زۆرۈرىيىتىنىڭ بارلىقىنى، پارتىيە ئەزالىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، مەھەللىدىكى 680دىن ئارتۇق ئائىلىدىكى ئاھالىلەر ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشنى مەسلىھەتلەشتۇق.»

  پارتىيەلىك پىدائىيلارنىڭ تەسىرىدە، ئولتۇراق رايوندىكى پىدائىيلار ئەترىتى ناھايىتى تېز تەرەققىي قىلىپ ئەزاسى 32گە يەتتى. ۋاقىتلىق پارتىيە گۇرۇپپىسى پىدائىيلار ئەترىتىگە قوماندانلىق قىلىشنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، خادىملارنى گۇرۇپپىلارغا ئايرىپ، ماددىي ئەشيالارنى تەقسىملەپ يەتكۈزۈش ۋاقتى بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇش، مال مەنبەسىنى تەشكىللەش قاتارلىق ئىشلارنى قىلدى. پارتىيە ئەزالىرى ئېغىر ئىشلارنى تالىشىپ ئىشلەپ، باشقا پىدائىيلار ئۈچۈن ناھايىتى ياخشى ئۈلگە كۆرسىتىش رولىنى ئوينىدى، «مەن ئۇلاردىن نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگىنىۋالدىم.» دېدى مەھەللە خىزمەتچىسى لى يەنمېي.

ۋاقىتلىق پارتىيە گۇرۇپپىسىدىكى پارتىيەلىك پىدائىيلار ئاھالىلەر ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلماقتا.

  20 يىللىق پارتىيەلىك ئىستاژىغا ئىگە گۇ شىنبونىڭ ئاساسلىق خىزمىتى تۈرلۈك ماددىي ئەشيالارنى ماسلاشتۇرۇشقا تەشكىللەش بولۇپ، ئۇ ھەر كۈنى تاللا بازىرى، كۆكتات دۇكىنىدا پايپېتەك بولۇپ يۈرۈپ، كۆكتاتچى ۋە قوغۇنچى دېھقانلار، باغۋەنلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ، يەنە تېخى مال مەنبەسىنىڭ بىخەتەرلىك ئۆتكىلىنى ئىگىلەپ ئەستايدىل مۇلازىمەت قىلغاچقا، ھازىرغىچە ئاھالىلەرگە ماددىي ئەشيالارنى تەقسىملەپ يەتكۈزۈشتە خاتالىق كۆرۈلمىدى. «پارتىيە تەشكىلاتى مېنى مۇشۇ ئورۇنغا قويغان ئىكەن، مەن ئەڭ ياخشى قىلىشىم كېرەك.» دېدى ئۇ.

  پىشقەدەم پارتىيە ئەزاسى سۈن ۋېنجيې ئۈستىگە ئالغان ۋەزىپىدە ئەزەلدىن بىر قېتىممۇ يوچۇق كۆرۈلمەي، ئاھالىلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشىپ كەلدى. ئۇنىڭ تەسىرىدە، ئۇنىڭ خوتۇنىمۇ پىدائىيلار قوشۇنىغا قوشۇلدى.

پارتىيەلىك پىدائىيلار كېچىدە خىزمەت قىلماقتا.

  پارتىيە ئەزاسى ليۇ شياۋچىڭنىڭ گەرچە جۇغى كىچىك بولسىمۇ، ماددىي ئەشىيالارنى تەقسىملەپ يەتكۈزۈش ئۈنۈمى ئىنتايىن يۇقىرى، ئىككى خالتا 10 كىلوگىراملىق گۈرۈچنى يۈدۈپلا ئېلىپ، نەچچە يۈز مېتىر كېلىدىغان يولنى توختاپ ئارام ئالماستىن بېسىپ بولىدۇ. ئاھالىلەر ئۇنىڭغا باھا بېرىپ «ئۆزىمۇ، مۇلازىمىتىمۇ ئىنتايىن ئەستايىدىل» دېيىشتى.

  ۋاقىتلىق پارتىيە گۇرۇپپىسى قۇرۇلغاندىن بۇيان، تەشكىلنىڭ تۈرتكىسىدە، پىدائىيلار ئاھالىلەر ئۈچۈن جەمئىي 3000 كىلوگرامغا يېقىن گۆش مەھسۇلاتلىرى،  1000دىن ئارتۇق ھەر خىل كۆكتات بولىقى، 5000 كىلوگرامدىن ئارتۇق مېۋە-چېۋە، يەنە 100 نەچچە خالتا ئۇن، 200 نەچچە ساندۇق سۈت تەقسىملەپ يەتكۈزۈپ، ئاھالىلەرنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىنى ئۈنۈملۈك كاپالەتكە ئىگە قىلدى.

  «پارتىيە ئەزالىرى ۋە پىدائىيلار ھەر قانداق ئىشتا بىز ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلدى، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى سەمىمىي، كۆڭلىمىزدىكىدەك ئۆي باشقۇرغۇچىغا ئىگە بولدۇق دېيىشتى.» دېدى ئولتۇراق رايوندىكى ئاھالىلەر.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى