تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزى: ئۇدا ئىككى قېتىم نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈشتە مەنپىي چىقىپ، 3-قېتىمدا ئاندىن مۇسبەت چىققان ئاغرىق مىساللىرى بار

 

     تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرلىرىمىز گو لىڭ، دوۋ شىڭجۈن، يىن توڭيۈەن، جانات تولقىن): 8-ئاينىڭ 11-كۈنى سائەت 17دە، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئاخبارات ئىشخانىسى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋە ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى توغرىسىدا 25-مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋېن گوشىن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: يېقىنقى مەزگىلدە، نۇقتىلىق رايون ۋە نۇقتىلىق كىشىلەر توپىغا بولغان نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش قېتىم سانى كۆپەيتىلدى، بۇنىڭدا ئاساسلىقى تۆۋەندىكى نۇقتىلار كۆزدە تۇتۇلدى:

  بىرىنچى، «يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش لايىھەسى»دىن قارىغاندا، نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىقلار ۋە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلارنى ئاساسلىق تەكشۈرۈپ چىقىش ئۇسۇلى ۋە ھۆكۈم قىلىش ئۆلچىمى. يۇتقۇنچاق پەلكۈچىدە ئەۋرىشكە ئېلىش نەپەسلىنىش يولىنىڭ ئىچكى قىسمىدىن ئەۋرىشكە ئېلىش ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە تەكشۈرۈش سىناق دورىسىنىڭ سەزگۈرلۈك دەرىجىسى %100 بىر قېتىمدىلا بارلىق يۇقۇملانغۇچىلارنى پەرقلەندۈرۈپ چىقالمىغاچقا، ئېھتىيات ئۈچۈن، نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن نۇقتىلىق رايون ۋە نۇقتىلىق كىشىلەرگە قارىتا كۆپ قېتىم ئەۋرىشكە ئېلىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا توغرا كېلىدۇ.

  ئىككىنچى، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ يوشۇرۇنۇشچانلىقى ناھايىتى كۈچلۈك، ئوخشىمىغان يۇقۇملانغۇچىنىڭ زەھەر تازىلاش ۋاقتىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. ئۈرۈمچىدە كۆرۈلگەن ئاغرىق مىساللىرى ئىچىدە، ئۇدا ئىككى قېتىم نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈشتە مەنپىي چىقىپ، 3-قېتىم تەكشۈرۈشتە ئاندىن مۇسبەت چىققانلار بار، شۇڭا قايتا-قايتا تەكشۈرۈش ئىنتايىن زۆرۈر.

  ئۈچىنچى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش نۇقتىسىدىن قارىغاندا، نۇقتىلىق رايون، نۇقتىلىق كىشىلەر توپىغا قارىتا كۆپ قېتىم نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش يۇقۇمنىڭ يوشۇرۇن خەۋپىنى تۈگىتىشتىكى مۇھىم تەدبىر بولۇپ، نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش قېتىم سانىنى كۆپەيتىش ئارقىلىق، بىزنىڭ كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلارنى تېز، بالدۇر بايقىشىمىزغا ھەم ئايرىپ تېببىي كۆزىتىشنى يولغا قويۇشىمىزغا ياردەم بەرگىلى بولىدۇ، بالدۇر بايقاش، بالدۇر دوكلات قىلىش، بالدۇر ئايرىش، بالدۇر داۋالاشنى ھەقىقىي ئىشلەش بىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئۆتكىلىنى ئالدىغا سۈرۈپ، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەندىن كېيىنكى خەۋپ-خەتەرنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلەپ، ۋىرۇسنىڭ يۇقۇش شارائىتى ياكى تارقىلىش مەنبەسىنى ئازايتىشىمىزغا پايدىلىق.

  تۆتىنچى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاش. نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنىڭ نەتىجە-ئۈنۈمىگە بولغان مۇھىم تەكشۈرۈش ۋاسىتىسى، ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلار مۇھىم پايدىلىنىش ۋە تەتقىقات قىممىتىگە ئىگە بولۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ تەدبىر بەلگىلىشىنى ئىلمىي ئاساس بىلەن تەمىنلەپ، تۈرلۈك يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى پائال پۇختا تەڭشەشكە پايدىلىق.

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى