تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

ئۆيدە ھامىلىدار، سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەلگە گىرىپتار بولغۇچىلار بولسا دېزىنفېكسىيەنى قانداق قىلىش كېرەك

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرلىرىمىز گو لىڭ، دوۋ شىڭجۈن، يىن توڭيۈەن، جانات تولقىن خەۋىرى، فوتوسى): ئائىلىدە ھامىلىدار ياكى سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەلگە گىرىپتار بولغۇچى قاتارلىق ئالاھىدە كىشىلەر بولسا، ئۆينى دېزىنفېكسىيەلەشتە قايسى ئىشلارغا دىققەت قىلىش كېرەك؟ 8-ئاينىڭ 11-كۈنى سائەت 17دە، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئاخبارات ئىشخانىسى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋە ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى توغرىسىدا 25-مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋېن گوشىن بۇ ھەقتە ئەسكەرتمە بەردى.

  ۋېن گوشىن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئوخشاش بولمىغان ئائىلىلەرگە نىسبەتەن، ئۆينى دېزىنفېكسىيەلەش تەدبىرلىرىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. يۇقۇملانغۇچى بايقالغان ئائىلىلەرگە نىسبەتەن، ئاغرىق ئېلىپ كېتىلگەندىن كېيىن، كەسپىي خادىملار ئۇ تۇرغان ئۆيگە باشتىن-ئاخىر دېزىنفېكسىيەلەش ئېلىپ بارىدۇ. ئۆيىدە تۇرۇپ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىۋاتقان ساغلام ئائىلىلەرگە نىسبەتەن، ئاساسلىقى كۈندىلىك تازىلىقنى ياخشى قىلىش ئاساسىدا، ھەپتىدە بىر قېتىم ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك دېزىنفېكسىيەلەش ئېلىپ بارسا بولىدۇ. ئۆيدىكى كۈندىلىك دېزىنفېكسىيەلەش ئاساسلىقى قولنى پات-پات يۇيۇش، ئۆي ئىچىنىڭ ھاۋاسىنى ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش، قاچا-قۇچىلارنى دېزىنفېكسىيەلەش ۋە ئائىلە جاھازلىرى بۇيۇملىرىنى دېزىنفېكسىيەلەشتىن ئىبارەت تۆت جەھەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئائىلىدە ھامىلىدار، سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىك ئاغرىقى قاتارلىق ئالاھىدە كىشىلەر توپى بار ئائىلىلەرگە نىسبەتەن، دېزىنفېكسىيەلەشتە، ئاساسلىقى قولنى پات-پات يۇيۇش، ئۆي ئىچىنىڭ ھاۋاسىنى ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش، قاچا-قۇچىلارنى دېزىنفېكسىيەلەش ۋە ئائىلە جاھازلىرى بۇيۇملىرىنى دېزىنفېكسىيەلەش ئاساس قىلىنىدىغان بولۇپ، پەقەت دېزىنفېكسىيە دورىسىنى تاللاش ۋە دېزىنفېكسىيەلەش مەشغۇلاتى جەھەتتە بەكرەك دىققەت قىلسىلا بولىدۇ.

  ئالدى بىلەن، ئائىلە تەۋەلىرى ئۆيدە ھامىلىدار، سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىك ئاغرىقى قاتارلىق ئالاھىدە كىشىلەر توپىنىڭ ئىشلىتىشى چەكلەنگەن دورا ۋە رېئاكسىيە قىلىدىغان دېزىنفېكسىيە دورىلىرىنىڭ بار-يوقلىقىنى ئېنىقلاپ (مەسىلەن ئىسپىرت، 84 دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقىنىڭ پۇرىقى رېئاكسىيە قىلىش قاتارلىقلار)، ئىشلىتىشى چەكلەنگەن دېزىنفېكسىيە دورىلىرىنى ئىشلىتىشتىن ساقلىنىپ، كېسەل قوزغاپ قويۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.

  ئاندىن، ئالاھىدە كىشىلەر توپى شەخسىي مۇداپىئەلىنىشنى ياخشى قىلىپ، قولىنى پات-پات يۇيۇپ، كۆپرەك ھاۋا ئالماشتۇرۇپ تۇرۇشى كېرەك.

  ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئالاھىدە كىشىلەر توپى ئۆي تازىلىقىدا پاكىزلاشنى ئاساس، دېزىنفېكسىيەلەشنى قوشۇمچە قىلىشى كېرەك. ھەر كۈنى پاكىز لاتىدا ئۆي جاھازلىرى، كەيگۇەن، ئىشىك تۇتقۇچى، جۈمەك، تىزگىنەك قاتارلىق دائىم ئۇچرىشىپ تۇرىدىغان بۇيۇملارنىڭ سىرتقى يۈزىنى سۈرتۈپ، ھەپتىدە بىر قېتىم دېزىنفېكسىيەلىشى كېرەك. دېزىنفېكسىيەلەش مەشغۇلاتىنى ئەڭ ياخشىسى ساغلام ئائىلە ئەزالىرى قىلىشى، ھەربىر ھۇجرىنى نۆۋەت بىلەن دېزىنفېكسىيەلىشى كېرەك. ئاۋۋال بىر ھۇجرىنى دېزىنفېكسىيەلەپ بولۇپ، ھامىلىدار ياكى سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىك ئاغرىقىنى دېزىنفېكسىيە قىلىپ بولغان ھۇجرىغا دەم ئېلىپ تۇرۇشقا يۆتكەپ، يەنە بىر ھۇجرىنى دېزىنفېكسىيەلىشى كېرەك. ئەگەر بۇ خىل ئالاھىدە كىشىلەر توپى يالغۇز تۇرۇۋاتقان بولسا، دېزىنفېكسىيەلىگەندە چوقۇم مۇداپىئەلىنىشنى ياخشى قىلىشى، مەسىلەن ئۇزۇن كانايسىمان كاۋچۇك پەلەي كىيىپ، ماسكا تاقاپ، پەرتۇق تارتىپ، دېزىنفېكسىيە دورىسىنىڭ بىۋاسىتە تېرە، شىللىق پەردىگە تېگىپ كېتىشى ياكى كىيىم-كېچەكنى بۇزۇپ قويۇشىدىن ساقلىنىشى كېرەك.

  ئاخىرىدا، زىققا، يۈرەك، مېڭە قان تومۇر كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان ئاغرىقلار، بەزى جىددىي قۇتقۇزۇش دورىلىرىنى تەييارلاپ، تاسادىپىي ئېھتىياجنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.

  ۋېن گوشىن مۇنداق دېدى: «تەكىتلەشكە تېگىشلىكى شۇكى، ئۆينى ھەددىدىن زىيادە دېزىنفېكسىيەلەشنىڭ ھېچقانداق زۆرۈرىيىتى يوق، ئەكسىچە ئۆي ئىچى مۇھىتىنىڭ بۇلغىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى، تەن ساغلاملىققا زىيان يەتكۈزۈشى مۇمكىن، شۇڭا كۆپچىلىكنىڭ ھەددىدىن زىيادە دېزىنفېكسىيەلىمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمىز.»

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى