تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

دوختۇرخانىدىن چىققان ئاغرىقلار ۋە تېببىي كۆزىتىش بىكار قىلىنغان كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلار جەمئىي 300دىن ئاشتى

ئۈرۈمچى شەھىرىدە يەنە ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان 38 ئاغرىق ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقتى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى چاۋ جىن خەۋەر قىلىدۇ: گوۋۇيۈەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ تېببىي قۇتقۇزۇش - داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ بىرلىكتە دىياگنوز قويۇپ باھالىشى ئارقىلىق، 8 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرىدە يەنە ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان 38 ئاغرىق دۆلەت سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىنىڭ دوختۇرخانىدىن چىقىش ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىپ، ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقتى، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن ئۈچ يۇقۇملانغۇچىنى تېببىي كۆزىتىش بىكار قىلىندى. ھازىرغىچە، ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى 223، تېببىي كۆزىتىش بىكار قىلىنغان كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچى 81، جەمئىي 304.

ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي قۇتقۇزۇش - داۋالاش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانا بىرلەشمە داۋالاش ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى لېي ۋېي مۇنداق تونۇشتۇردى: ئالدىنقى باسقۇچلۇق پائال ئارىلىشىپ داۋالاش ئارقىلىق، بۇ بىرقانچە كۈندە بىز ئاغرىقلارنىڭ دوختۇرخانىدىن چىقىش كىچىك يۇقىرى پەللىسىنى كۈتۈۋالدۇق، 8 - ئاينىڭ 10 - كۈنىگىچە، ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى ۋە تېببىي كۆزىتىش بىكار قىلىنغان كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئومۇمىي سانى 300دىن ئاشتى، بۇ بىر ئىنتايىن ئىجابىي سىگنال. ئالدىنقى مەزگىلدە دوختۇرخانىدىن چىققان ئاغرىق مىساللىرىنى داۋالاش جەريانىنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق، %92تىن كۆپرەك ئاغرىققا دەسلەپكى مەزگىلدە ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش بىلەن كېسەللىك ئالامىتىگە قاراپ داۋالاشنى بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلى ئىشلىتىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، نەپەسلىنىشكە ياردەم بېرىش، قان ئايلىنىشقا ياردەم بېرىش ۋە بىر قىسىم يېڭى تېخنىكا، يېڭى ئۇسۇللار پائال قوللىنىلدى، ئۈنۈمىمۇ ئىنتايىن ياخشى بولدى، شۇنداقلا جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرىنىڭ ئەۋزەللىكى تولۇق جارى قىلدۇرۇلۇپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - داۋالاشقا پۈتۈن باسقۇچلۇق، ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر قاتناشتۇرۇلدى، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاغرىقلارنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىدە بەلگىلىك رول ئوينىدى. بىز ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان بۇ ئاغرىقلارنى داۋالاشتىكى پايدىلىق تەجرىبىلەرنى داۋاملىق يەكۈنلەپ، داۋالاپ ساقايتىش نىسبىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى