تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئۈرۈمچى شەھىرى 52 تۈرنى تەستىقلاش ئىش تۈرىنىڭ ھەممىسىنى توردا بېجىرىشنى ئىشقا ئاشۇردى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جاۋ چۇنخۇا خەۋەر قىلىدۇ: «پەقەت بىر كۈن ۋاقىت سەرپ قىلىپ، بىز ئۆيدىن چىقمايلا تۈر تەكلىپنامىسىنىڭ تەستىقىي جاۋابىنى ئالدۇق، تۈردە ئۆز قەرەلىدە ئىش باشلاشتىن ئۈمىد بار بولدى.» 8 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، شىنجاڭ بىر گەۋدىلەشكەن ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت سۇپىسىنىڭ كۆرۈنمە يۈزىنى ئېچىپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى تەستىقلاش سىستېمىسىنى چەككەندىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك سانائەت سېلىنما گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى قۇرۇلۇش باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ خىزمەتچىسى جۇ جۈنجيې ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى مەمۇرىي تەستىق باشقارمىسىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق تامغىسى بېسىلغان تۈر تەكلىپنامىسىنىڭ تەستىقىي جاۋابىنى كۆردى.

يۇقۇمنىڭ تەسىرىدە، كارخانىدىكى بىر قىسىم خادىملار يېپىق ھالەتتە ئىشلىدى، بىرقىسىم خادىملار ئۆيىدە ئىش بېجىردى، ئالاقىدار تەستىقلاش رەسمىيەتلىرى يەنىلا داۋاملىق بېجىرىلدى. ئالدىنقى باسقۇچتا مەمۇرىي تەكشۈرۈپ تەستىقلاش باشقارمىسى قۇرۇش ئاساسىدا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى، پىلان، تەبىئىي بايلىق قاتارلىق تارماقلار بىلەن بىرلىكتە ئالاقىدار تەرتىپلەرنى توردا بېجىرىش بۆلىكىگە كىرگۈزۈپ، تۈرنىڭ ئوڭۇشلۇق ئىش باشلىشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان 52 تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ئىش تۈرىنىڭ ھەممىسىدە يۈز كۆرۈشمەي توردا تەكشۈرۈپ تەستىقلاشنى ئىشقا ئاشۇردى.

ھۆكۈمەت مەبلەغ سالغان تۈرلەرنىڭ مۇمكىنلىك تەتقىقات دوكلاتىغا تەستىقىي جاۋاب بېرىش رەسمىيىتىنى بېجىرىش ۋاقتى 15 خىزمەت كۈنىدىن بەش خىزمەت كۈنىگە قىسقارتىلدى، ھۆكۈمەت مەبلەغ سالغان تۈرلەرنىڭ دەسلەپكى لايىھەسى تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات تارماقلىرىنىڭ ئىچكى ئىش تۈرى قىلىپ ئۆزگەرتىلدى، پەقەت تۈرنىڭ مۇمكىنلىك تەتقىقات دوكلاتى تەستىقىي جاۋابى، دەسلەپكى لايىھە دوكلاتى ۋە تەستىقىي جاۋاب ئىلتىماسى بولسىلا دەرھال بېجىرگىلى بولىدىغان بولدى... يۈز كۆرۈشمەي توردا تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تەرتىپىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئەلالىشىشىغا ئەگىشىپ، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش فۇنكسىيەسىنى ئۈستىگە ئالغان ھەرقايسى ھالقىلارنىڭ سۈرئىتى تېزلەشمەكتە.

«كارخانىلار مەبلەغ سالغان تۈرنى رويخەتكە ئېلىش، ئۇقتۇرۇش، ۋەدە بېرىش تۈزۈمى يولغا قويۇلدى، كارخانىلار پەقەت تۈرلەرنى رويخەتكە ئالدۇرۇش، تىزىملىتىشنى ئىلتىماس قىلىش جەدۋىلىنى ئالاقىدار تور بېكىتىگە تاپشۇرسىلا، خىزمەتچى خادىملار دەلىللەش ئارقىلىق، بىر كۈن ئىچىدە تېز سۈرئەتتە بېجىرىپ بېرىدۇ. 7 - ئاينىڭ بېشىدىن ھازىرغىچە، توردا تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ئەندىزىسى ئارقىلىق 40قا يېقىن تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ئىش تۈرىنى بېجىرىپ بولدۇق» دېدى ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى مەمۇرىي تەستىقلاش باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى لى سىچىن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • سۈرەتتىكى شىنجاڭ | چاقىلىقتىكى توغراقلار تىك قەد كۆتۈرۈپ، قۇم-بورانغا تاقابىل تۇرماقتا
  • شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يەنە 16 تولۇق كۇرس كەسپىنى ئىلتىماس قىلدى
  • شىنجاڭدىن ئىككى كىشى 2023 «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىللىق نامزاتى»لىقىغا كۆرسىتىلدى