تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاممىۋى مۇھىتنى دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى جاۋ چۇنخۇا، لى چۇنشيا خەۋەر قىلىدۇ: 8 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ مۇدىرى رۇي باۋلىڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: نۆۋەتتە، ئۈرۈمچى شەھىرى «تولۇق قاپلاش، قاراڭغۇ بۇلۇڭ قالدۇرماسلىق، قاراڭغۇ رايون قالدۇرماسلىق، ئاق قالدۇرماسلىق» پىرىنسىپى بويىچە، ئاممىۋى مۇھىتنى دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇۋاتىدۇ.

ئۈرۈمچى شەھىرى ھەر دەرىجىلىك داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ دىياگنوز قويۇش - داۋالاش مۇھىتى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى، داۋالاشتىن چىققان پاسكىنا سۇ، داۋالاش تاشلاندۇقلىرى قاتارلىقلارغا قارىتا ئومۇميۈزلۈك دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، كۈندىلىك دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈشنى ئۆلچەم تەلىپى بويىچە تاماملىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلدى. مەركەزلىك تېببىي كۆزىتىش نۇقتىسى، ئاممىۋى سورۇن، كۆپ ئۇچرىشىدىغان نەرسە يۈزى قاتارلىقلار ھەر كۈنى ئاز دېگەندە ئىككى قېتىم دېزىنفېكسىيەلىنىپ مىكروب ئۆلتۈرۈلدى. تېببىي كۆزىتىش ئارقىلىق كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچى ياكى ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى دەپ بېكىتىلگەنلەر بېكىتىلگەن دوختۇرخانىغا يۆتكەلگەندىن كېيىن، ئەسلىدىكى ئايرىش ئورنى ئاخىرقى ئۈچ ئۆلچىمىدە ئومۇميۈزلۈك تەلتۆكۈس دېزىنكېفسىيەلىنىپ مىكروب ئۆلتۈرۈلدى.

ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونلىرىدىكى دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش خىزمىتىنى دەرىجىگە ئايرىپ قانات يايدۇردى. نورمال ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونلىرىغا قارىتا، مەھەللە قورۇ، كارىدور، يۇندى تۇرۇبىسى قۇدۇقى، ئەخلەتخانا ۋە باشقا ئاممىۋى رايونلاردا ھەر كۈنى ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈشنى تەشكىللەپ قانات يايدۇردى؛ ئائىلىدە ئايرىۋېتىلگەنلەر بار ئولتۇراق رايونلاردا ھەر كۈنى ئاز دېگەندە ئىككى قېتىم دېزىنفېكسىيەلىنىپ مىكروب ئۆلتۈرۈلدى، ئاھالىلەرنىڭ دېرىزىنى ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرۇشىغا، تەقسىملەپ يەتكۈزۈپ بېرىلگەن دېزىنفېكسىيەلەش دورىلىرى بىلەن ئۆي ئىچى ۋە تازىلىق ئۆيىنى دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىندى؛ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى ۋە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلار كۆرۈلگەن ئولتۇراق رايونلاردا، قەتئىي ھالدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۆلچىمى بويىچە ئاخىرقى ئۇچ ئۆلچىمىدە دېزىنفېكسىيە قىلىندى، ئۇلار تۇرۇشلۇق بىنالار ۋە ئەتراپتىكى نۇقتىلىق رايونلار ھەر كۈنى ئاز دېگەندە ئىككى قېتىم دېزىنفېكسىيەلىنىپ مىكروب ئۆلتۈرۈلدى.

تۈرلۈك ئىش بېجىرىش ئورۇنلىرى، خىزمەت بىنالىرى ئىچىدىكى خادىملار كۆپرەك ئۇچرىشىدىغان ئاممىۋى بۇيۇملار ۋە ئورۇنلارغا قارىتا، ھەر كۈنى ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش قانات يايدۇرۇلدى. بېكىتىلگەن دوختۇرخانا، تېببىي كۆزىتىش نۇقتىلىرى، نۇقتىلىق رايونلار ئەتراپىدىكى پاسكىنا سۇ چىقىرىۋېتىش تۇرۇبىسى ئۇلانغان نۇقتىلار(پاسكىنا سۇ قۇدۇقى) ھەم پاسكىنا سۇ چىقىرىۋېتىش تۇرۇبىلىرىغا قارىتا دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش ئېلىپ بېرىلدى. ئۈرۈمچى شەھىرى يەنە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازارلىرى، ئۇنىۋېرسال بازارلار ۋە باشقا تىجارەت خاراكتېرلىك ئورۇنلارنى ھەر كۈنى تىجارەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن بىر قېتىم ئومۇميۈزلۈك ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك دېزىنفېكسىيەلەشكە تەشكىللىدى. پوچتا يوللانمىلىرىنى ئايرىش ئالدىدا، ساقلىغاندا، ئاخىرقى ئۇچقا تەقسىملەپ يەتكۈزگەندە ھالقىلار بويىچە ئايرىم - ئايرىم دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش ئېلىپ بېرىلدى. ئايروپورت، ۋوگزال ئىچىدىكى نۇقتىلىق ئۇچرىشىدىغان نۇقتا ئورۇنلارغا قارىتا ھەر كۈنى ئۈچ قېتىم دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش قانات يايدۇرۇلۇپ، سانائەت كارخانىلىرى، قۇرۇلۇش ئورۇنلىرى، خەلق ئىشلىرى مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرىغا قارىتا ھەر كۈنى مەركەزلىك دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلۇپ، ۋىرۇسنىڭ تارقىلىش يوللىرى ئومۇميۈزلۈك ئۈزۈپ تاشلاندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى