تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى ۋە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى مۇقىم ئىشلەپچىقىرىپ تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ياخشى تۇتۇلدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى لى چۇنشيا، جاۋ چۇنخۇانىڭ 8 - ئاينىڭ 10 - كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئاخبارات ئىشخانىسى ئاچقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، يۇقۇم يۈزبەرگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز باشتىن - ئاخىر دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى ۋە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى مۇقىم ئىشلەپچىقىرىپ تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشنى ئەڭ مۇھىم خەلق تۇرمۇشى خىزمىتى سۈپىتىدە تۇتۇپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ نورمال بولۇشىغا ۋە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى جەھەتتە تەمىنلەش تولۇق، كاپالەت كۈچلۈك، سۈپەت بىخەتەر بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغان.

«يېشىل يول»دا ھەقسىز، تېز يۈرۈش سىياسىتى تاكامۇللاشتۇرۇلۇپ، يول لىنىيەسى ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، تەكشۈرۈش، ئۆلچەش ئۈنۈمى ئۆستۈرۈلۈپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىش ماددىي ئەشيالىرىنى توشۇيدىغان ئاپتوموبىللارنىڭ ئالدىن، قولاي يۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلىندى. ئۆز مەيلىچە چازا قۇرۇپ توسۇش، يولنى خالىغانچە ئۈزۈپ قويۇش، ئېتىپ قويۇش قاتارلىق قاتناشنى ئۈزۈپ قويۇش قىلمىشلىرى قەتئىي چەكلىنىپ، چوڭ تىپتىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازارلىرى، كۆكتات سودا بازارلىرى، باقمىچىلىق بازىلىرى، نۇقتىلىق ئىشلەپچىقىرىش رايون (كەنت)لىرى قاتارلىق ئاچقۇچلۇق رايونلارغا تۇتىشىدىغان تاشيوللارنىڭ راۋانلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەزگىلىدە ئوخشاش بولمىغان جايلار تارقاتقان مەھسۇلاتلارنى توشۇشقا ئالاقىدار يول يۈرۈش ئىسپاتلىرىنى ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىش ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

كارخانىلار سېتىش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىشقا يېتەكلىنىپ، ھازىر بار بولغان ئەنئەنىۋى سېتىش تورىدىن ياخشى پايدىلىنىش بىلەن بىللە، «يۈز كۆرۈشمەي»دىغان نۇقتىدىن نۇقتىغا مۇلازىمەت قىلىشتا يېڭىلىق يارىتىلىپ، يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرىنى توردا زاكاز قىلىش، تور سىرتىدا تەقسىملەپ يەتكۈزۈش، مالنى ئىشىك ئالدىغىچە يەتكۈزۈپ بېرىش ئىلگىرى سۈرۈلدى. «نۇقتىدىن نۇقتىغا» ئەمگەك كۈچى چىقىرىش ۋە ئاپتوموبىل ھۆددىگە ئېلىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى قانات يايدۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىلىپ، دېھقانلار تەرتىپلىك سىرتقا چىقىپ ئىشلەشكە تەشكىللەندى. يېپىق ئىشلەپچىقىرىش يولغا قويۇلۇپ، خادىملارنى باشقۇرۇش، تىزگىنلەش ياخشى تۇتۇلۇپ، خىزمەت رايونىدىن تۇرمۇش رايونىغىچە بولغان باشقۇرۇش يېپىق ھالقىسى شەكىللەندۈرۈلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى