تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

بېكىتىلگەن دوختۇرخانا مەخسۇس كېسەللىكلەر بويىچە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ئەترىتىدىن ئالتىنى قۇردى

مۇنتىزىم داۋالاشقا بىرلەشتۈرۈپ ئۇنىۋېرسال ئىلمىي قۇتقۇزۇش - داۋالاشنى قانات يايدۇردى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى چاۋ جىن خەۋەر قىلىدۇ: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ئاغرىقلىرىدا يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بولغان قوشۇلما كېسەل ياكى جىددىي كېسەل قاتارلىق ئالاھىدە ئەھۋاللارغا قارىتا، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي قۇتقۇزۇش - داۋالاش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانا مەخسۇس كېسەللىكلەرنى داۋالاش بويىچە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ئەترىتىدىن ئالتىنى تەشكىللەپ قۇرۇپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى مۇنتىزىم داۋالاش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئۇنىۋېرسال ئىلمىي قۇتقۇزۇش - داۋالاشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قانات يايدۇردى.

بۇ ئالتە مەخسۇس كېسەللىكلەر بويىچە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ئەترىتى يۈرەك قان تومۇر، جىددىي قورساق ئاغرىقى، جۇڭيى تېبابىتى، مېڭە تىقىلمىسى، سۇنۇق، تۇبېركۇليۇز كوللېكتىپىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي قۇتقۇزۇش - داۋالاش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لۇ چېن مۇنداق تونۇشتۇردى: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىغا باشقا جىددىي كېسەل قوشۇلۇپ كەلگەن ئالاھىدە ئاغرىقلارنى داۋالاش نوقۇل ھالدا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى داۋالاشقا قارىغاندا قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرىراق. مەخسۇس كېسەللىكلەرنى داۋالاش بويىچە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ئەترىتىنى تەشكىللەپ قۇرۇش يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى قۇتقۇزۇش - داۋالاشتىكى ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمەتلەرگە بىرلەشتۈرۈپ يەكۈنلەپ چىقىلغان بىر خىل يېڭى خىزمەت ئەندىزىسى، بۇ ھەم ۋۇخەندە بىرقەدەر ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشكەن بىر خىل قۇتقۇزۇش - داۋالاش ئەندىزىسى.

ئىگىلىنىشىچە، مەخسۇس كېسەللىكلەرنى داۋالاش بويىچە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ئەترىتىدىكى ئەزالارنىڭ ھەممىسى ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي قۇتقۇزۇش - داۋالاش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانىدا قۇتقۇزۇش - داۋالاشقا قاتنىشىۋاتقان ھەرقايسى داۋالاش ئەترەتلىرىدىن تاللانغان بولۇپ، ھەم ئادەتتىكى تاشقى كېسەللىكلەر، سۆڭەك كېسەللىكلىرى، يۈرەك قان تومۇر قاتارلىق مەخسۇس كېسەللىكلەر دوختۇرلىرىنى، ھەم پىسخولوگىيە، دورىگەرلىك، پەرۋىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى مۇنەۋۋەر دوختۇر - سېسترالارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. ئۇلار ئادەتتە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ئاغرىقلىرىنى نورمال قۇتقۇزۇش - داۋالاش خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالىدىكەن، مەخسۇس كېسەللىكلەر بويىچە جىددىي قۇتقۇزۇلىدىغان ئاغرىقلار بولسا، دەرھال يىغىلىپ، بۇ ئالاھىدە ئاغرىقلارغا قارىتا كەسپىي قۇتقۇزۇش - داۋالاش ئېلىپ بارىدىكەن.

لۇ چېن مۇنداق بىلدۈردى: جىددىي كېسەللەرنى داۋالاش يۇقۇملۇق كېسەللىكنى داۋالاش جەريانىدىكى كەمتۈك نۇقتا ۋە ئاجىز تۈر بولۇپ، بۇ قېتىمقى مەخسۇس كېسەللىكلەرنى داۋالاش بويىچە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ئەترىتىنى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ئاغرىقلىرىنى مۇنتىزىم داۋالاش بىلەن بىرلەشتۈرۈش يېنىك ياكى ئادەتتىكى ئاغرىق مىسالىنىڭ ئېغىر ئاغرىق مىسالىغا ئۆزگىرىشى، ئېغىر ئاغرىق مىسالىنىڭ خەتەرلىك، ئېغىر ئاغرىق مىسالىغا ئۆزگىرىشىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ، ھەقىقىي تۈردە داۋالاپ ساقايتىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ، كېسەل بىلەن ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىپلا قالماي، يەنە ئاپتونوم رايونىمىزدا يۇقۇملۇق كېسەللىكنى داۋالاشتىكى بىر قېتىملىق يېڭى سىناق ھېسابلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى