تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرلىرىمىز گو لىڭ، دوۋ شىڭجۈن، يىن تۇڭيۈەن، جانات تولقىن): 8-ئاينىڭ 11-كۈنى سائەت 17دە، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئاخبارات ئىشخانىسى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋە ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى توغرىسىدا 25-مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. يىغىندا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋېن گوشىن ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئەڭ يېڭى يۇقۇم ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى:
8-ئاينىڭ 10-كۈنى سائەت نۆلدىن 24كىچە، ئۈرۈمچى شەھىرى دوكلات قىلغان يېڭىدىن كۆپەيگەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى 13 بولۇپ، ھەممىسى مەركەزلىك تېببىي كۆزىتىشنى قوبۇل قىلىۋاتقانلار. شۇ كۈنى، يېڭىدىن كۆپەيگەن ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى 38. يېڭىدىن كۆپەيگەن كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچى 11، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلاردىن تېببىي كۆزىتىش بىكار قىلىنغانلار ئۈچ.
7-ئاينىڭ 15-كۈنى سائەت نۆلدىن 8-ئاينىڭ 10-كۈنى سائەت 24كىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى جەمئىي 222، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلاردىن تېببىي كۆزىتىش بىكار قىلىنغانلار 81 بولۇپ، ئومۇمىي سانى 303كە يەتتى.
8-ئاينىڭ 10-كۈنى سائەت 24كىچە، پۈتۈن شەھەردە ھازىر ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىدىن 564ى؛ كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىدىن 130ى بار.

ۋېن گوشىن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: تۈنۈگۈن، بىر كۈندە ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى بىلەن كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلاردىن تېببىي كۆزىتىش بىكار قىلىنغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى ئۇدا تۆت كۈن يېڭىدىن دوكلات قىلغان يۇقۇملانغۇچىلار سانىدىن ئاشتى. گوۋۇيۈەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى ۋە ئاپتونوم رايوندىكى دوختۇر-سېسترالارنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى بىلەن، ئاغرىقلارنىڭ ساقىيىش نىسبىتى ئۈزلۈكسىز ئاشتى، 8-ئاينىڭ 10-كۈنىگە قەدەر، ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى بىلەن كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلاردىن تېببىي كۆزىتىش بىكار قىلىنغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى 300دىن ئاشتى، دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقان ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى بىلەن كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلاردىن تېببىي كۆزىتىش بىكار قىلىنغانلارنىڭ سانى داۋاملىق تۆۋەنلىدى.