تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئاممىۋى مۇھىتنى دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش پىرىنسىپى: تولۇق قاپلاش، قاراڭغۇ بۇلۇڭ قالدۇرماسلىق، قاراڭغۇ رايون قالدۇرماسلىق، ئاق قالدۇرماسلىق

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرلىرىمىز گو لىڭ، دوۋ شىڭجۈن، يىن توڭيۈەن، جانات تولقىن): 8-ئاينىڭ 10-كۈنى سائەت 17دە، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئاخبارات ئىشخانىسى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋە ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى توغرىسىدا 24-مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ مۇدىرى رۇي باۋلىڭ يىغىندا ئاممىۋى مۇھىتنى دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش خىزمىتىنى تونۇشتۇردى.

    رۇي باۋلىڭنىڭ دېيىشىچە، نۆۋەتتە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە «تولۇق قاپلاش، قاراڭغۇ بۇلۇڭ قالدۇرماسلىق، قاراڭغۇ رايون قالدۇرماسلىق، ئاق قالدۇرماسلىق» پىرىنسىپى بويىچە، ئاممىۋى مۇھىتنى دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش خىزمىتى ھەر تەرەپلىمە قانات يايدۇرۇلۇۋېتىپتۇ.

    بىرىنچى، ھەر دەرىجىلىك داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ دىياگنوز قويۇش - داۋالاش مۇھىتى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى، داۋالاشتىن چىققان پاسكىنا سۇ، داۋالاش تاشلاندۇقلىرى قاتارلىقلارغا قارىتا ئومۇميۈزلۈك دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، كۈندىلىك دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈشنى ئۆلچەم تەلىپى بويىچە تاماملىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىندى.
    ئىككىنچى، مەركەزلىك تېببىي كۆزىتىش نۇقتىسى، ئاممىۋى سورۇن، كۆپ ئۇچرىشىدىغان نەرسە يۈزى قاتارلىقلار ھەر كۈنى ئاز دېگەندە ئىككى قېتىم دېزىنفېكسىيەلىنىپ مىكروب ئۆلتۈرۈلدى، تېببىي كۆزىتىش ئارقىلىق كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچى ياكى ئېنىق دىياگنور قويۇلغان ئاغرىق دەپ بېكىتىلگەنلەر بېكىتىلگەن دوختۇرخانىغا يۆتكەلگەندىن كېيىن، ئەسلىدىكى ئايرىش ئورنى ئاخىرقى ئۇچ ئۆلچىمىدە ئومۇميۈزلۈك تەلتۆكۈس دېزىنفېكسىيەلىنىپ مىكروب ئۆلتۈرۈلدى.
    ئۈچىنچى، ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونلىرىدىكى دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش خىزمىتى دەرىجىگە ئايرىپ قانات يايدۇرۇلدى، نورمال ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونلىرىغا قارىتا، مەھەللە قورۇ، كارىدور، يۇندى تۇرۇبىسى قۇدۇقى، ئەخلەتخانا ۋە باشقا ئاممىۋى رايونلاردا ھەر كۈنى ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈشنى تەشكىللەپ قانات يايدۇردى؛ ئائىلىدە ئايرىۋېتىلگەنلەر بار ئولتۇراق رايونلاردا ھەر كۈنى ئاز دېگەندە ئىككى قېتىم دېزىنفېكسىيەلىنىپ مىكروب ئۆلتۈرۈلدى، ئاھالىلەرنىڭ دېرىزىنى ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرۇشىغا، تەقسىملەپ يەتكۈزۈپ بېرىلگەن دېزىنفېكسىيەلەش دورىلىرى بىلەن ئۆي ئىچى ۋە تازىلىق ئۆيىنى دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىندى؛ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى ۋە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلار كۆرۈلگەن ئولتۇراق رايونلاردا، قەتئىي ھالدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۆلچىمى بويىچە ئاخىرقى ئۇچ ئۆلچىمىدە دېزىنفېكسىيە قىلىندى، ئۇلار تۇرۇشلۇق بىنالار ۋە ئەتراپتىكى نۇقتىلىق رايونلار ھەر كۈنى ئاز دېگەندە ئىككى قېتىم دېزىنفېكسىيەلىنىپ مىكروب ئۆلتۈرۈلدى.
    تۆتىنچى، تۈرلۈك ئىش بېجىرىش ئورۇنلىرى، خىزمەت بىنالىرى ئىچىدىكى خادىملار كۆپرەك ئۇچرىشىدىغان ئاممىۋى بۇيۇملار ۋە ئورۇنلارغا قارىتا، ھەر كۈنى ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش قانات يايدۇرۇلدى.
    بەشىنچى،  بېكىتىلگەن دوختۇرخانا، تېببىي كۆزىتىش نۇقتىلىرى، نۇقتىلىق رايونلار ئەتراپىدىكى پاسكىنا سۇ چىقىرىۋېتىش تۇرۇبىسى ئۇلانغان نۇقتىلار(پاسكىنا سۇ قۇدۇقى) ھەم پاسكىنا سۇ چىقىرىۋېتىش تۇرۇبىلىرىغا قارىتا دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلدى ھەمدە شەھەردىكى بۇلغانما سۇ بىرتەرەپ قىلىش زاۋۇتلىرى بىراقلا دېزىنفېكسىيەلىنىپ مىكروب ئۆلتۈرۈلدى.
    ئالتىنچى، شەھەردىكى ئاساسلىق، يانداشما يوللار، كوچىلار، تېز سۈرئەتلىك يوللارنىڭ (ئاسما كۆۋرۈكنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) يول يۈزىگە قارىتا ھەر كۈنى ئاز دېگەندە بىر قېتىم دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش مەشغۇلاتى قانات يايدۇرۇلدى ھەم مۇھىت ئاسراش ئەسلىھەلىرى، ئۈسكۈنىلىرى دېزىنفېكسىيەلىنىپ مىكروب ئۆلتۈرۈلدى.
    يەتتىنچى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازارلىرى، ئۇنىۋېرسال بازارلار ۋە باشقا تىجارەت خاراكتېرلىك ئورۇنلار ھەر كۈنى تىجارەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن بىر قېتىم ئومۇميۈزلۈك ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك دېزىنفېكسىيەلەش خىزمىتى ئېلىپ بېرىشقا تەشكىللەندى. تۈرلۈك تىجارەت سورۇنلىرى ھەر كۈنى ئاز دېگەندە ئۈچ قېتىم دېرىزە ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇردى، ھەر قېتىملىق ھاۋا ئالماشتۇرۇش ۋاقتى 30 مىنۇتتىن يۇقىرى بولدى ھەم نەرسىلەرنىڭ يۈزىنى تازىلاپ دېزىنفېكسىيە قىلىشنى ياخشى ئىشلەپ، دائىم ئۇچرىشىدىغان جىسىملارنىڭ يۈزى، ئاممىۋى رايونلارنى ھەر كۈنى ئاز دېگەندە ئىككى قېتىم سۈرتۈپ دېزىنفېكسىيە قىلدى.
    سەككىزىنچى، بۆلۈپ تارقىتىش مەركىزىگە كىرىدىغان پوچتا يوللانمىلىرى، تېز يوللانمىلار ئايرىشتىن بۇرۇن دېزىنفېكسىيەلىنىپ مىكروب ئۆلتۈرۈلدى. تىجارەت تور نۇقتىسىدا ساقلانغان پوچتا يوللانمىلىرى، تېز يوللانمىلار ئاز دېگەندە 30 مىنۇت يېپىق شەكىللىك دېزىنفېكسىيەلىنىپ مىكروب ئۆلتۈرۈلدى. ئاخىرقى ئۇچتىكى تەقسىملەپ يەتكۈزۈش ھالقىسىدا، تۇمان پۈركۈش ئۈسكۈنىسى ۋە خىلورلۇق دېزىنفېكسىيە دورىسى ئارقىلىق پوچتا يوللانمىلىرى، تېز يوللانمىلار 3-قېتىم دېزىنفېكسىيەلىنىپ مىكروب ئۆلتۈرۈلدى.
    توققۇزىنچى، ئايروپورت، ۋوگزال ئىچىدىكى نۇقتىلىق ئۇچرىشىدىغان نۇقتا ئورۇنلارغا قارىتا ھەر كۈنى ئۈچ قېتىم دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش قانات يايدۇرۇلدى، سانائەت كارخانىلىرى، قۇرۇلۇش ئورۇنلىرى، خەلق ئىشلىرى مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرىغا قارىتا ھەر كۈنى مەركەزلىك دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلدى.
    «كېيىنكى مەزگىلدە، بىز يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەلىپى بويىچە، داۋاملىق ھالدا پۈتۈن شەھەرنى دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلارنىڭ مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىشى، پۇختىلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ‹دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش كۆرسەتمىسى›دىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق رايون، نۇقتا، ئورۇنلاردا دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈشنى ئىنچىكە، پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، ۋىرۇسنىڭ تارقىلىش يوللىرىنى ئۈزۈپ تاشلاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ساغلام، بىخەتەر مۇھىت يارىتىمىز.» دېدى رۇي باۋلىڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • سۈرەتتىكى شىنجاڭ | چاقىلىقتىكى توغراقلار تىك قەد كۆتۈرۈپ، قۇم-بورانغا تاقابىل تۇرماقتا
  • شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يەنە 16 تولۇق كۇرس كەسپىنى ئىلتىماس قىلدى
  • شىنجاڭدىن ئىككى كىشى 2023 «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىللىق نامزاتى»لىقىغا كۆرسىتىلدى