شىنليەن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توپ سېتىش بازىرىدا، كۆكتات بىلەن تەمىنلىگۈچى سودىگەرلەر ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا كۆكتات بولىقى تەقسىملەپ قاچىلىماقتا (مۇخبىر چېن يەن فوتوسى).
شىنجاڭ تورى خەۋىرى (مۇخبىر شى لىشا): 8-ئاينىڭ 10-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، يۇقۇم مەزگىلىدە قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا ياردەم بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئۆيىدە يېڭى كۆكتاتلارنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماسلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بۇ ھەپتىدىن باشلاپ ھەر ھەپتىدە قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا ئىككى قېتىم كۆكتات بولىقى يەتكۈزۈلىدىكەن.
«چەيزە، لازا، شوخلا، باش پىياز، لوبۇ، چىڭسەي ... ھەر قېتىم ئېلىپ كەلگەن كۆكتاتلار يېڭى، تۈرى كۆپ، ئومۇمىي جەھەتتىن ئون نەچچە تۈر بويىچە ماسلاشتۇرۇلغان بولۇپ، يېيىشمىزگە تامامەن يېتىدۇ.» تۆۋەن كاپالەتلىك ئاھالە جۇ چاڭشېڭ مۇنداق دېدى: ھەر قېتىم بۇ ئېغىر كۆكتات بولىقىنى تاپشۇرۇۋالغاندا، ناھايىتى مىننەتدار بولىمەن، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئالاھىدە مەزگىلدە ئىزچىل بىزنىڭ غېمىمىزنى يېگىنىگە رەھمەت.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى يۈ جىيوۋ مۇنداق دېدى: يۇقۇم يۈز بەرگەندىن بۇيان، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى شەھەر-يېزا تۆۋەن كاپالەت ئوبيېكتلىرى، تۆۋەن كاپالەت گىرۋىكىدىكى ئوبيېكتلار، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار بېقىلىدىغان كىشىلەر ۋە تۆۋەن كىرىملىك ئائىلىلەر قاتارلىق 10 مىڭ 126 ئائىلىلىك قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا گۈرۈچ، ئۇن، ياغ ۋە يېڭى كۆكتات، قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھال سوراش سوۋغات بولىقى يەتكۈزۈپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدۇق.
كۆكتاتلارنى تەقسىملەپ يەتكۈزۈشنى ئاساسلىقى مەھەللە خىزمەتچى خادىملىرى ۋە پىدائىيلار ئۈستىگە ئالىدۇ. قىيىنچىلىقى بار ئامما بىر قەدەر مەركەزلەشكەن كاڭجۈ مەھەللىسىدە، قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش بىر تۈرلۈك ئىنتايىن مۇھىم بولغان خىزمەت.
«بىز مۇلازىمەت قىلىدىغان ئولتۇراق رايون كاپالەتلىك تۇرالغۇ ئولتۇراق رايونى بولۇپ، 230دىن ئارتۇق ئائىلە، 340 تۆۋەن كاپالەتلىك ئاھالە بار، كۈندىلىك يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىدىن باشقا، قىيىنچىلىقى بار ئامما ئۈچۈن تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرىنى تەقسىملەپ يەتكۈزۈش بىر تۈرلۈك <چوڭ قۇرۇلۇش>.» دېدى كاڭجۈ مەھەللىسىنىڭ مۇدىرى لېي ياچىن.
مېھىر-شەپقەت كۆكتات بولىقى ناھايىتى يېتەرلىك بولۇپ، ھەر بىر بولاق 10 كىلوگىرام ئەتراپىدا. ھەر ھەپتىدە كۆكتات تەقسىملەپ يەتكۈزگەندە، مەھەللە كادىرلىرى، پىدائىيلار ئولتۇراق رايوندىكى ئىككى چاقلىق، ئۈچ چاقلىق ۋە تۆت چاقلىق 18 قاتناش قورالىنى ئارىيەت ئېلىپ، يېڭى كۆكتاتلارنى تېز سۈرئەتتە ئائىلىلەرگىچە يەتكۈزىدۇ. پىدائىي ۋۇ شىلۇڭنىڭ ئۈچ چاقلىق توكلۇق موتوسىكلىتىمۇ تەقسىملەپ يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئىشلىتىلدى.
«كۈچى بارلار كۈچ چىقىرىپ، قاتناش قورالى بارلار قاتناش قورالى چىقىرىپ، كۆپچىلىك بىرلىكتە قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈشىگە ياردەم بېرىمىز.» دېدى ۋۇ شىلۇڭ.