تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   بالىلار ساغلاملىقى

ھامىلىدارلار تۇغۇتتىن بۇرۇنقى تەكشۈرتۈش قىلغاندا مۇداپىئەنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك

  شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 8-ئاينىڭ 9-كۈنى خەۋىرى (پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى لى چۈنشيا، جاۋ چۈنخۇا): ئۈرۈمچى شەھەرلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جاڭ ۋېي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: يۇقۇم مەزگىلىدە، ھامىلىدارلار ئالاھىدە بىئارام بولمىسا، تۇغۇتتىن بۇرۇنقى تەكشۈرتۈش ۋاقتىنى مۇۋاپىق كېچىكتۈرسە بولىدۇ؛ چوقۇم تۇغۇتتىن بۇرۇنقى تەكشۈرتۈش زۆرۈر بولسا ئالدىن كېلىشىپ، ئۆز مۇداپىئەنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

  يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە، ئۈرۈمچى شەھىرى جەمئىيەتكە ھامىلىدار، تۇغۇتلۇقلارنى قۇتقۇزۇش-داۋالاش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانىدىن يەتتىنى ئېلان قىلىپ، توردا كېسەل كۆرۈش، سوئالغا جاۋاب بېرىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى قانات يايدۇردى. ھامىلىدارلىقنىڭ 32-ھەپتىسىدىن بۇرۇن، ھامىلىدارلار ئۆيىدە تۇرۇپ ھامىلە يۈرەك سوقۇشىنى يىراق مۇساپىلىك كۆزىتىش ئېلىپ بارسا بولىدۇ، يىراق مۇساپىلىك كۆزىتىش ئارقا سۇپىسىدا تەجرىبىلىك دوختۇرلار ھامىلىنىڭ ئەھۋالىنى ھەر ۋاقىت كۆزىتىپ، جىددىي، خەتەرلىك ئېغىر ئەھۋالغا يولۇققاندا ۋاقتىدا يېتەكچىلىك قىلىدۇ ۋە تاقابىل تۇرىدۇ.

  ھامىلىدارلىقنىڭ 36-ھەپتىسىدىن بۇرۇن، ھامىلە ھەرىكىتى نورمال بولسا، ھامىلىدارلىقنىڭ ئەگەشمە كېسەللىكى بولمىغان ھەم كېسەل قوزغالمىغان ھامىلىدارلار ئەھۋالىغا قاراپ بىر قېتىم تەكشۈرتۈش قىلسا بولىدۇ؛ ھامىلىدارلىقنىڭ 36-ھەپتىسى توشقاندا، ھامىلىدارلىقنىڭ ئەگەشمە كېسەللىكلىرى بولغان ھەم كېسىلى قوزغالغانلار دوختۇر كۆرسىتىپ بەرگەن ۋاقىتتا دوختۇرخانىغا بېرىپ تۇغۇتتىن ئىلگىرىكى تەكشۈرۈشنى تاماملىسا بولىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ھامىلىدارلىقنىڭ ئەگەشمە كېسەللىكى بولغان ھەم كېسىلى قوزغالغان ھامىلىدارلار مەيلى ھامىلىدارلىقنىڭ قانچىنچى ھەپتىسىدە تۇرۇۋاتقان بولسۇن، باش ئاغرىش، نەرسىلەرنى ئېنىق كۆرەلمەسلىك، قۇسۇش قاتارلىق بىئارامسىزلىق ئەھۋاللىرى كۆرۈلسە، دەرھال دوختۇرخانىغا بېرىپ داۋالىنىشى كېرەك. ئەگەر ھامىلىدارلاردا جىنسىي يولدىن قان كېلىش، جىنسىي يولدىن سۇ ئېقىش، قورساق ئاغرىش، ھامىلە ھەرىكىتى بىنورمال بولۇش، تۇغۇتى يېقىنلىشىش ئالامەتلىرى قاتارلىق تۇغۇت بۆلۈمى ئەھۋاللىرى كۆرۈلسە دەرھال دوختۇرخانىغا ئاپىرىش كېرەك.

  مۇھىم تەكشۈرۈشلەرنىڭ ۋاقتىنى ئۆتكۈزۈۋەتمەسلىك كېرەك. مەسىلەن: ھامىلىدارلىقنىڭ 11-ھەپتىسىدىن 13-ھەپتىسىگە ئالتە كۈننى قوشۇپ NT (ھامىلىنىڭ بويۇن قىسمىنىڭ يېرىم سۈزۈك توقۇلمىسىنىڭ قېلىنلىقى)نى تەكشۈرتۈش، 22-ھەپتىدىن 24-ھەپتىگىچە ھامىلىنىڭ غەيرىيلىكىنى B چاۋدا ئىلغاپ تەكشۈرتۈش، 24-ھەپتىدىن 28-ھەپتىگىچە قەنتكە چىدامچانلىقنى تەكشۈرتۈش قاتارلىقلار.

  جاڭ ۋېي ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: ھامىلىدارلار دوختۇرخانىغا بېرىپ تۇغۇتتىن ئىلگىرىكى تەكشۈرتۈشتە تۆۋەندىكى ئىشلارغا دىققەت قىلىشى كېرەك: ئالدىن كېلىشىپ نومۇر ئېلىپ، ۋاقتىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، دوختۇرخانىدا كېسەل كۆرسىتىشنى كۈتۈش ۋە داۋالاش ۋاقتىنى قىسقارتىپ، دوختۇرخانىدا ھەرىكەت قىلىشنى ئازايتىش؛ تۇغۇتتىن بۇرۇنقى تەكشۈرتۈش قىلغاندا چوقۇم ئۆز مۇداپىئەنى ياخشى ئىشلەپ، ماسكا، كۆزەينەك قاتارلىق قوغدىنىش بۇيۇملىرىنى تاقاش، قول يۇيۇش سۇيۇقلۇقى ياكى دېزىنفېكسىيەلەش ھۆل قەغىزىنى يېنىدا ئېلىپ يۈرۈش، قارىغۇچىلار تۈرلۈك مۇداپىئە تەدبىرلىرىنى ياخشى ئىشلەش؛ مەھەللە كادىرلىرى بىلەن ئالدىن ئالاقىلىشىپ، مەخسۇس ئاپتوموبىل بىلەن پۈتۈشكەن دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ تەكشۈرتۈش؛ دوختۇرخانىدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئىككى قول ۋە يۈزىنى پاكىز يۇيۇش، ئېقىن سۇدا سوپۇن ياكى قول يۇيۇش سۇيۇقلۇقى بىلەن قولنى ئاز دېگەندىمۇ 20 سېكۇنت يۇيۇش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تاشقى كىيىملەرنى ئالماشتۇرۇش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى