تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

يېشىل يول يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ «كەنتتىن چىقىپ شەھەرگە كىرىش»ىنى راۋانلاشتۇردى

 —— يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش شارائىتىدا ئۈرۈمچى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى مۇقىم ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش توغرىسىدا «يېڭى تەدبىر»، «قاتتىق تەدبىر»، «ئەمەلىي تەدبىر» ئوتتۇرىغا قويدى

8-ئاينىڭ 4-كۈنى، مىدۇڭ رايونى چاڭشەنزى بازىرى شىنجۇاڭزى كەنتىدە، مىدۇڭ رايونى پەن-تېخنىكا ئىدارىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن ئەترەت باشلىقى ليۇ جىگو (سولدا) بىلەن كەنت ئىتتىپاق ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ئەن شىڭشىڭ دېھقان يې چىڭجۈننىڭ خۇڭشۇ يىغىشىغا ياردەم بەرمەكتە.

8-ئاينىڭ 8-كۈنى، ئۈرۈمچى ناھىيەسى يۇڭفېڭ بازىرى شاڭسى كەنتىدىكى پىدائىي شيې فۇچېڭ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئېتىزىدا كۆكتات ئۈزمەكتە.(زىيارەت قىلىنغۇچى تەمىنلىگەن سۈرەت)

8-ئاينىڭ 9-كۈنى، داۋانچىڭ رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى (رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى، مېيىپلەر بىرلەشمىسى، پەن-تېخنىكا ئىدارىسى)نىڭ شىگوۋ يېزىسى خۇاشۇلىن مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزاسى ما شياۋلۇڭ ئېتىزدا دېھقانلارنىڭ شۆجۈ ئۈزۈشىگە ياردەم بەرمەكتە.(داۋانچىڭ رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى تەمىنلىگەن سۈرەت)

ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى(مۇخبىرلار گو جۈنگې، جيا مېڭيەن، موۋ مىن، سۇڭ جيەنخۇا خەۋىرى، فوتوسى): ئىشلەپچىقىرىش، سېتىشتىكى توسالغۇلارنى قانداق تۈگىتىش كېرەك؟ بازار تەمىناتى ۋە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ نورمال سېتىلىشىغا قانداق كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؟ نۆۋەتتە، ئۈرۈمچى شەھىرى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىشنى ئۇدۇللاشتۇرۇش خىزمەت سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ «كەنتتىن چىقىپ شەھەرگە كىرىش» يولىنى راۋانلاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش، تەمىنلەشنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماسلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلماقتا.

«يېڭى تەدبىر» كۆپەيتىلىپ، ئېلىشقا تېگىشلىك مەھسۇلات تولۇق ئېلىندى

ھەر كۈنى ئەتىگەن سائەت 6دە، سەھەرنىڭ سالقىن ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ، ئۈرۈمچى ناھىيەسىنىڭ گەنگوۋ يېزىسى تىيانشان كەنتىدىكى دېھقانلارغا ياردەم بېرىش پىدائىيلار ئەترىتى دەل ۋاقتىدا رايونلارغا بۆلۈنۈپ، كەنتتىكى ئۆرۈك دەرىخى ئۆستۈرگۈچى دېھقاننىڭ ئۆرۈكلۈك بېغىغا بېرىپ، ئۇلارنىڭ ھوسۇلىنى يىغىۋېلىشىغا ياردەم بەردى. «بەختىمگە يارىشا ئۇلار بولغاچقا، ھوسۇل ھەر كۈنى ۋاقتىدا يىغىلدى» دېدى كەنت ئاھالىسى ساۋ خۇڭدۇڭ.

تىيانشان كەنتىدە 1400 مودىن ئارتۇق يەرگە ئۆرۈك تىكىلگەن بولۇپ، تەتۈر مۆتىدىل بەلباغقا جايلاشقان، قۇياش نۇرى يېتەرلىك، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ بولغاچقا، 7 - ئاينىڭ ئاخىرى، تىيانشان كەنتىنىڭ ئۆرۈكى كەڭ كۆلەمدە پىشىشقا باشلايدۇ. كەنت «ئىككى كومىتېت»ى ۋە ئۈرۈمچى ناھىيەلىك ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى دېھقانلارغا ياردەم بېرىش پىدائىيلار ئەترىتى قۇرۇپ يىغىۋېلىشقا ياردەم بېرىش بىلەن بىللە، ئۈرۈمچى ناھىيەلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى مەبلەغ چىقىرىپ سېتىۋېلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ سېتىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى. «ھەر كۈنى كەنتتىن يېڭى ھوسۇل يىغىۋېلىنغاندىن كېيىن، بىرىنچى بولۇپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ 1 ـ سېپىدىكى خادىملارغا ئاپىرىپ بېرىمىز» ئۈرۈمچى ناھىيەلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى ياڭ جيې ھازىر تۆت توننا ئۆرۈك ئۈزۈلۈپ توشۇلغانلىقىنى ئېيتتى.

ئوخشاشلا، «شۆجۈ ماكانى» ــــ داۋانچىڭ رايونىنىڭ شىگوۋ يېزىسىدا، ئېتىزدا دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ شۆجۈ ئۈزۈشىگە ياردەم بېرىش، داۋانچىڭ رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى (رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى، مېيىپلەر بىرلەشمىسى، پەن-تېخنىكا ئىدارىسى)نىڭ شىگوۋ يېزىسى خۇاشۇلىن مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزاسى ما شياۋلۇڭنىڭ بىر نەچچە كۈندىن بۇيان ئىزچىل قىلىپ كەلگەن ئىشى.

كەنت ئاھالىسى لى چاۋجۈن ئائىلىسى 20 مو يەرگە شۆجۈ تېرىغان بولۇپ، ھازىر دەل شۆجۈ ئۈزۈش مەزگىلى، خىزمەت ئەترىتى مەھەللە بىلەن بىرلىشىپ ئۈزۈش شۆبە ئەترىتى قۇرۇپ، ئېتىزلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، شۆجۈ تېرىغۇچى دېھقانلارغا ياردەم بەردى.

ما شياۋلۇڭ ئادەتتە ئۆيىدىكىلىرىگە ياردەملىشىپ ئېتىز ئىشلىرىنى قىلىدۇ، شۆجۈ ئۈزۈش ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاسان ئىش. «مەن تېزرەك بولسام، بۇ شۆجۈنى بىر كۈن بالدۇر ئاپىرىپ ئاپتاپقا سالالايمىز، كەنت ئاھالىلىرى بالدۇرراق ساتالايدۇ» دېدى ما شياۋلۇڭ.

«قاتتىق تەدبىر» يولغا قويۇلۇپ، ئېلىپ-سېتىش، تەمىنلەشكە دەخلى يەتمىدى

بۇ مەزگىلدە، مىدۇڭ رايونىدىكى ھەرقايسى يېزا-بازارلار نۇقتىدىن نۇقتىغا ماسلاشتۇرۇش، دېھقانلارغا ياردەم بېرىش پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى ئارقىلىق دېھقانلارنىڭ يىغىش، ئىشلەپچىقىرىشىغا ياردەم بېرىپ، ئۈرۈمچىنىڭ تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلدى.

مىدۇڭ رايونى چاڭشەنزى بازىرى شىنجۇاڭزى كەنتىدىكى دېھقان يې چىڭجۈن بۇ يىل 400 مو يەرگە خۇڭشۇ تېرىدى. بىر ھەپتە ئىلگىرى، 120 مو يەردىكى بالدۇر پىشقان خۇڭشۇنى يىغىشقا باشلىغان بولۇپ، مىدۇڭ رايونى پەن-تېخنىكا ئىدارىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ى تەشكىللىگەن دېھقانلارغا ياردەم بېرىش تارماق ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە يىغىپ بولدى، ئېشىپ قالغان 280 مو خۇڭشۇنى بىر ئايدىن كېيىن يىغىدۇ.

بۇ ئىككى كۈندە، بازارلىق ھۆكۈمەت ۋە خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە، يې چىڭجۈن خۇڭشۇ ئېتىزىغا چېدىر تىكىپ، تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى تەييارلاپ، ئېشىپ قالغان خۇڭشۇغا ياخشى قاراشقا مەسئۇل بولدى. «بۇ بىر ئاي ھالقىلىق مەزگىل، خۇڭشۇنىڭ تاتلىق بولۇش بولماسلىقىدا، چوڭ بولۇش بولماسلىقىدا، سۇغىرىش سالمىقىنى ياخشى ئىگىلىگەن-ئىگىلىمىگەنلىكىگە قاراش كېرەك» يې چىڭجۈن مۇنداق دېدى: «ئېتىزدا تۇرغاندا، خۇڭشۇغا ھەر ۋاقىت دىققەت قىلغىلى بولىدۇ ھەم قالايمىقان مېڭىپ يۈرمەيمەن، بۇنداق بولغاندا كەنتتىكىلەرنىمۇ خاتىرجەم قىلغىلى بولىدۇ» دېدى.

سەنداۋبا بازىرىنىڭ 12 تۈتۈن شىسۈن كەنتىدە 60 نەچچە مو يەردىكى كۆممىقوناق پىشتى. مىدۇڭ رايونلۇق جۇڭيى دوختۇرخانىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ى كەنت ئاھالىلىرى بىلەن پائال ھەمكارلىشىپ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكى قاتارلىقلار ئارقىلىق كۆپچىلىككە ياردەملىشىپ زاكاز ئالاقىلىشىپ بەردى.

كەنت ئاھالىسى ۋاڭ فەنپىڭ ئائىلىسىنىڭ بەش مو يەردىكى يېڭى كۆممىقوناقنىڭ سېتىلىشى ئاخىرلىشاي دەپ قالدى. ئۇ، بۇ يىل يېڭى كۆممىقوناق باھاسىنىڭ يامان ئەمەس ئىكەنلىكىنى، خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ى ياردەملىشىپ، ھەم ئىشلەپچىقىرىشقا ھەم سېتىشقا تەسىر يەتكۈزمىگەنلىكىنى ئېيتتى.

«ئەمەلىي تەدبىر» قوللىنىلىپ، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن سېتىشنى ئۇدۇللاشتۇرۇش ئۈزۈلۈپ قالمىدى

8-ئاينىڭ 9-كۈنى سائەت 7دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، تىيانشان رايونى قۇرۇلۇش غەربىي يولى مەھەللىسىدىكى پىدائىي نيۇ يىڭشىڭ خەلققە قولايلىق كۆكتات بىۋاسىتە توشۇش ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) 60 تۈتۈن يېزىسىنىڭ كۆكتات سودا نۇقتىسىغا كەلدى.

«جاڭدۇنىڭ بىر كىلوگىرامى ئۈچ يۈەن، لازىنىڭ بىر كىلوگىرامى بىر يۈەن، شوخلىنىڭمۇ بىر يۈەن...» نيۇ يىڭشىڭ بىر تەرەپتىن كۆكتاتچىلارنىڭ باھاسىنى ئاڭلىغاچ، بىر تەرەپتىن يېڭى، سۈپىتى ياخشى كۆكتاتلارنى تاللاپ، ئاپتوموبىلغا قاچىلىدى.

شەھەر رايونىدىكى مەھەللىلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ، خەلققە قولايلىق كۆكتات بىۋاسىتە توشۇش ئاپتوموبىلىنى ئېتىزلارغا ھەيدەپ بېرىپ سودا قىلىش 60 تۈتۈن يېزىسىدىكى دېھقانلارنىڭ كۆكتاتلىرىنىڭ بېسىلىپ قېلىشىنى ھەل قىلىش شۇنداقلا شەھەر رايونىدىكى ئاھالىلەرنى يېڭى كۆكتات بىلەن تەمىنلەشتىكى يەنە بىر يېڭى تەدبىر.

نيۇ يىڭشىڭنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يەردىكىنىڭ ھەممىسى يېڭىلا ئۈزۈلگەن مېۋە، كۆكتاتلار ئىكەن، تۈرى مول بولۇپلا قالماي، باھاسى كۆكتات بىۋاسىتە سېتىش نۇقتىسىنىڭ باھاسى بىلەن ئاساسەن ئوخشاش ئىكەن.

«خەلققە قولايلىق كۆكتات بىۋاسىتە توشۇش ئاپتوموبىلى كەلدى، كۆپچىلىك كەنتتىن چىقمايلا كۆكتاتلارنى ساتالىدى» دېدى 60 تۈتۈن يېزىسى بادۈەن كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى جاڭ شاۋرۇڭ.

ئۈرۈمچى ناھىيەسى يۇڭفېڭ بازىرىدىكى ھەرقايسى كەنتلەر مەخسۇس ئادەم تەشكىللەپ، شۇ كەنتنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش، يىغىپ ساقلاش، پىششىقلاش قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئېنىقلاپ رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈردى، ھەم چوڭ تىپتىكى كۆكتات توپ سېتىش بازىرى، توپ سېتىش بازىرىدىكى سودىگەرلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ، كۆكتات يىغىپ ساقلاپ، سېتىش يوللىرىنىڭ راۋان بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

«ھازىر پۈتۈن بازاردا جەمئىي 203 مىڭ 288 كىلوگىرام كۆكتات، 10 مىڭ كىلوگىرام تۇخۇم، 5021 كىلوگىرام سۈت تۈرىدىكى مەھسۇلاتلار سېتىلىۋاتىدۇ» يۇڭفېڭ بازىرىنىڭ مۇئاۋىن بازار باشلىقى جاڭ جىدۇڭ مۇنداق دېدى: پۈتۈن بازاردا 1000 مودىن ئارتۇق يەرگە كۆكتات تېرىلىپ، سېتىش يوللىرى راۋانلاشتۇرۇلدى، «كەنت تەشكىللەش، كەنت نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، بازار ئەنگە ئېلىش» تەلىپى بويىچە، يەرلىك كەنت ئاھالىلىرىنى كۆكتات ئۈزۈشكە تەشكىللەپ، كۈندىلىك كۆكتات ئۈزۈش مىقدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن سېتىشنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى ئۈزۈپ قويماسلىقنى ئىشقا ئاشۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى