تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرۇلغان «كىچىك ئۈچ چاقلىق موتوسىكلىت» 20 مىنۇت ئىچىدە ئولتۇراق رايوندا دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش مەشغۇلاتىنى تاماملىدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر دۈەن شياۋلى خەۋىرى، فوتوسى): «ئىش پۈتتى!» 8-ئاينىڭ 10-كۈن، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى ئازادلىق جەنۇبىي يولى 288-نومۇرلۇق قورۇنىڭ مۈلۈك باشقۇرۇش خىزمەتچى خادىمى ئابلىز نىياز يېشىل ئاق رەڭلىك «كىچىك ئۈچ چاقلىق موتوسىكلىت»نى ھەيدەپ، بىر قېتىملىق دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش مەشغۇلاتىنى تاماملىدى، بۇ قېتىمقى مەشغۇلاتقا ئالدى-كەينى بولۇپ 20 مىنۇتقا يەتمىگەن ۋاقىت كەتتى.

      ئابلىز نىيازنىڭ ھەيدىگىنى ئادەتتىكى «كىچىك ئۈچ چاقلىق موتوسىكلىت» بولماستىن، ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرۇلغان «دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى چېچىش ماشىنىسى» ئىدى.

  بۇ سۇ چېچىش ماشىنىسى ئەسلىدە ئاپتوموبىل يۇيۇشقا ئىشلىتىلىدىغان كىچىك تىپتىكى پار بىلەن تازىلاش ماشىنىسى بولۇپ، ھازىر بۇ ماشىنىنىڭ ئارقا تەرىپىدىكى ئاپتوموبىل يۇيۇشقا ئىشلىتىلىدىغان سۇ تۇرۇبىسى رادىيوسى ئۈچ مېتىر كېلىدىغان سۇغىرىش پۈركۈگۈچىگە ئالماشتۇرۇلۇپ، ماشىنا ماڭسىلا پۈركۈگۈچ ئۆزلىكىدىن ئايلىنىپ، دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقىنى تەكشى پۈركۈيدۇ.

  «بۇ ماشىنىنى بىز بۇلتۇر سېتىۋېلىپ ئاھالىلەرنى قولايلىق ماشىنا يۇيۇش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگەن ئىدۇق، يۇقۇم يۈز بەرگەندىن كېيىن، بىز ئۇنى ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرۇپ، ئولتۇراق رايوننى دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈشكە ئىشلەتتۇق.» شىنجاڭ جىنبەيجيا مۈلۈك باشقۇرۇش مۇلازىمەت چەكلىك شىركىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى لى خاۋسۈن شۇنداق دېدى.

  ئۇ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: تىيانشان رايونى ئازادلىق جەنۇبىي يولى 288-نومۇرلۇق قورۇدا 14 بىنا بار، بۇنىڭدىن ئىلگىرى، خىزمەتچى خادىملار ئاساسلىقى مۈرىگە ئېسىۋالىدىغان پۈركۈگۈچكە تايىناتتى، پۈتۈن ئولتۇراق رايوننى بىر قېتىم دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن ئالتە ئادەم بىر سائەتتىن كۆپرەك ۋاقىت سەرپ قىلاتتى.

  ئىش ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، ئۇ خىزمەتداشلىرى بىلەن ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ پار بىلەن تازىلاش ماشىنىسىنى ئۈچ قېتىم ئۆزگەرتىپ، ئەڭ ئاخىرىدا ھازىرقى ھالىتىگە ئۆزگەرتكەن. «ماشىنا ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرۇلغاندىن كېيىن، قورۇ ئىچىدە ھەر كۈنى بىر ئادەم دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش ۋەزىپىسىنى تاماملىغىلى بولىدۇ، بۇنىڭدا ھەم ئادەم كۈچىنى تېجەپ قالغىلى، ھەم ئىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرگىلى بولىدۇ.» دېدى لى خاۋسۈن.

  بۇنىڭغا قارىتا، ئولتۇراق رايون قورۇسىنى دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈشكە مەسئۇل ئابلىز نىياز مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى پۈركۈگۈچنى يۈدۈپ دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن بىر سائەتتىن كۆپرەك ۋاقىت كېتەتتى، چارچىغاننى دېمەيلا تۇرايلى، يېرىم يولدا يەنە تېخى ئۈزلۈكسىز سۇ قوشۇپ تۇرۇشقا توغرا كېلەتتى، بەك ئاۋارىچىلىق ئىدى. ھازىر بۇ ماشىنا بار بولدى، 15 مىنۇتتىن 20 مىنۇتقىچە ۋاقىتتا بىر قېتىم دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش ۋەزىپىسى تاماملىنىدۇ، ھەم تېز، ھەم قولايلىق.»

  ئىگىلىنىشىچە، ھازىر بۇ ھويلىدىكى كارىدور، تۇتقۇچ قاتارلىق ئۇششاق-چۈششەك نەرسىلەرنى دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈشتە كۆپىنچە تۇمانلاشتۇرۇپ پۈركۈش ئەسۋابى ئىشلىتىلىدىكەن، ئاممىۋى رايوندىكى يول، ئورۇندۇق، ئەخلەت ساندۇقى قاتارلىقلار سۇ چېچىش ماشىنىسى ئارقىلىق دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈلىدىكەن.

  «بىز بۇنداق ياخشى ئۇسۇلنى تېخىمۇ كەڭ ئومۇملاشتۇرۇپ، خىزمەتچىلەرنىڭ ئاھالىلەرنى باشقا ئەلا مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىشىگە تېخىمۇ كۆپ ۋاقىت يارىتىپ بېرىمىز.» ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى ئازادلىق جەنۇبىي يولى تەۋەلىك رايونى لۇڭچۇەن مەھەللە ئاھالە كومىتېتى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ لېي شۇنداق دېدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى