تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ساتىراش سېسترا بوۋاينى تەسىرلەندۈردى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز رېن چۇنشياڭ خەۋىرى) 8-ئاينىڭ 8-كۈنى سائەت 20دە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي قۇتقۇزۇش-داۋالاش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانىنىڭ 5-بىنا 4-ئاغرىقلار رايونىدا، سېسترا تيەن چېن ئىسمېنا ئالماشقاندىن كېيىن، ئالدىراش كېسەلخانىغا قاراپ ماڭدى، ئۇ كۆڭلىدە يەنىلا 74 ياشلىق ياشانغان ئاغرىقنى ياد ئېتىۋاتاتتى.

  33 ياشلىق تيەن چېن ئاپتونوم رايونلۇق 3-خەلق دوختۇرخانىسى ئادەتتىكى تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ سېستراسى، 7-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي ئاغرىقلار رايونىدا خىزمەت قىلدى، ھەر كۈنى ئوكۇل سېلىش، دورا تارقىتىشتىن باشقا، يەنە ئۇ ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى كۆپ خىل خىزمەتلەرنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان ئىدى، ئۇلار ساتىراش، رېمونتچى، تازىلىق ئىشچىسى، پەرۋىشچى، پىسخىكا يېتەكچىسى قاتارلىق نۇرغۇن روللار ئارىسىدا توختىماستىن ئالمىشاتتى.

  تيەن چېن (سولدىن 1-كىشى) ۋە خىزمەتداشلىرى بىلەن ئاغرىقلار رايونىدا. سۈرەتنى ئاپتونوم رايونلۇق 3-خەلق دوختۇرخانىسى تەمىنلىگەن

  بۇ 74 ياشلىق ئاغرىققا تيەن چېن ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلەتتى. بۇ ئاغرىق ياشقا چوڭ بولۇپ، يەنە دىيابىت كېسىلى قاتارلىق ئاساسلىق كېسەللىرى بار ئىدى، ئاغرىقلار رايونىدا تۇرۇۋاتقان بۇ مەزگىلدە ئۇنىڭ كەيپىياتى بىر ئاز تۆۋەن بولۇپ، تەشۋىشلىنەتتى، كۈن بويى كارىۋاتتا يېتىۋېلىپ، گەپمۇ قىلغۇسى كەلمەيتتى. تيەن چېن دائىم ئۇنى كارىدوردا مېڭىشقا رىغبەتلەندۈرەتتى، ئۇ قوللىرىنى پۇلاڭلىتىپ قوشۇلمايتتى، چاچ-ساقاللىرى ئۆسۈپ كەتسىمۇ، كارى يوق ئىدى.

  «ئاغرىقلارنى پەرۋىش قىلىش جىسمانىي، تۇرمۇش جەھەتتىكى پەرۋىشنىلا كۆرسەتمەيدۇ، يەنە پىسخىكا جەھەتتىكى پەرۋىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بوۋاينىڭ چاچ-ساقاللىرىنىڭ قالايمىقان بولۇپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ چاچ-ساقاللىرىنى ياساپ قويدۇم، روھىي قىياپەت ياخشى بولسا، كەيپىياتمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ ياخشى بولىدۇ، بۇنىڭ داۋالاشقىمۇ پايدىسى بار» دېدى تيەن چېن، ئۇ ئىلگىرى ئېغىر ئاغرىقلارنى كۆزىتىش بۆلۈمىدە خىزمەت قىلىپ باققان بولغاچقا، بۇ پەرۋىش خىزمىتىگە ناھايىتى پىششىق ئىدى.

  8-ئاينىڭ 6-كۈنى، چۈشلۈك تاماقنى يەپ بولغاندىن كېيىن، ئۇ بىر نەچچە داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان تىغنى ئېلىپ بوۋاينىڭ ياتىقىغا كىرىپ، بوۋايغا چاچ-ساقاللىرىنى ياساپ قويۇش ئويىنى ئېيتتى، بوۋاينىڭ كۆزلىرى چاقناپ، بېشىنى لىڭشىتىپ قوشۇلدى. ئۇ ئىسسىق لۆڭگە بىلەن بوۋاينىڭ يۈزىنى سۈرتۈپ، تىغ بىلەن بوۋاينىڭ قالايمىقان بولۇپ كەتكەن چاچ-ساقاللىرىنى ياسىدى. تىغدا چاچ ياساش ئۇنچىلىك ئاسان ئەمەس ئىدى، بوۋايمۇ چېچىنى ياساپ بولغۇچە ناھايىتى ماسلاشتى، گەپ قىلمىغان بىلەن، كۈلۈپلا تۇردى.

  تيەن چېن ئاغرىقلارنىڭ چاچ-ساقاللىرىنى ياساپ قويماقتا، بوۋاي چاچ-ساقاللىرىنى ياساپ بولغۇچە ماسلىشىپ بەردى. سۈرەتنى ئاپتونوم رايونلۇق 3-خەلق دوختۇرخانىسى تەمىنلىگەن

  تەخمىنەن 40 مىنۇتتىن كېيىن، تيەن چېن تىغنى قويۇپ، تېلىپ ئاغرىۋاتقان بېلىگە يېنىك ئۇردى، بوۋاي بولسا ياساپ قويۇلغان ساقاللىرىنى، ئاندىن بېشىنى سىلاپ، كۈلۈمسىرىدى، ئىككى قولىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، باش بارمىقىنى چىقاردى.

  «بۇ مېنىڭ بوۋاينىڭ كۈلگىنىنى تۇنجى قېتىم كۆرۈشۈم، چاچ-ساقاللىرىنى ياساپ قويغاندىن كېيىن، بوۋاي قارىماققا نەچچە ياش ياشىرىپ قالدى» دېدى تيەن چېن، ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، شۇ چاغدا بوۋاي ناھايىتى خۇشال بولۇپ، بىر جۈپ قولىنى چىقىرىپ، ئۇنى قۇچاقلاپ قويۇپتۇ. بىر ياتاقتا ياتىدىغان يەنە بىر ئاغرىق يان تېلېفونىنى چىقىرىپ، بۇ دەقىقىلەرنى سۈرەتكە تارتىۋاپتۇ.

  چېچىنى ياساپ قويغاندىن كېيىن، بوۋاينىڭ روھى-ھالىتىدە ياخشىلىنىش بولدى. ئىلگىرى دائىم كېچىسى ياخشى ئۇخلىيالمايتتى، بۇ ئىككى كۈندە كېچىدىمۇ ياخشى ئۇخلىدى، كۆپ كۈلىدىغان، كارىدورغا چىقىپ ماڭىدىغان بولدى. ھەر قېتىم تيەن چېننى كۆرگەندە، بوۋاي تەشەببۇسكارلىق بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشەتتى ياكى ئۇنىڭغا قاراپ كۈلۈپ قوياتتى.

  تيەن چېن. سۈرەتنى ئاپتونوم رايونلۇق 3-خەلق دوختۇرخانىسى تەمىنلىگەن

  تيەن چېن ساتىراش بولغاندىن باشقا، يەنە رېمونتچى، تازىلىق ئىشچىسى، پىسخىكا يېتەكچىسى ئىدى...كېسەلخانىدىكى كارىۋاتلارنىڭ تەۋرەنمە دەستىسى قىسىلىپ قالسا، سۇ چۈشۈش يولى توسۇلۇپ قالسا، تېلېۋىزوردا كۆرۈنۈش چىقمىسا...كېسەلخانىدا كۆرۈلگەن بۇنداق «كىچىك كاشىلا»لارنى ئۇ ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى بىرىنچى بولۇپ رېمونت قىلاتتى؛ كېسەلخانىدىكى ئۈستەل، ئىشىك، كارىدوردىكى يەر ۋە رېشاتكىلارنى، ئۇ ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى ھەر كۈنى سۈرتەتتى، ئاغرىقلارنىڭ تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى يىغىپ بىر تەرەپ قىلاتتى؛ ئاغرىقلاردا تىت-تىت بولۇش كەيپىياتى كۆرۈلگەندە، ئۇ ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى ۋاقتىدا بايقاپ، ئۇلارنى پىسخىكىلىق يېتەكلەيتتى، ئۇ دورا تارقاتقان، ئوكۇل سالغان ۋاقىتلاردىن پايدىلىنىپ، ھەربىر ئاغرىق بىلەن ئۇلارنى خۇشال قىلىدىغان پاراڭلارنى قىلىشقا تىرىشاتتى.

  تيەن چېن مۇنداق دېدى: «مەن 14 يىل سېسترا بولدۇم، بۇ قېتىمقى كەچۈرمىشنى مەڭگۈ ئۇنتالمايمەن. يۇقۇم ئالدىدا، ھەربىر دوختۇر-سېسترا ئارقىغا يانمىدى، ئىشەنچنى چىڭىتتى. ئاغرىقلارنىڭ ئالدىدا، بىز سېسترالا ئەمەس، بىز مۇلايىم، ئۈمىدۋار، سوغۇققان بولۇپ، ئاغرىقلارنىڭ ھالىدىن ئىمكانقەدەر ئەتراپلىق خەۋەر ئېلىپ، ئۇلارنى داۋالاشقا تېخىمۇ خاتىرجەم ماسلىشىشقا تىرىشىمىز».

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ