تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

پىدائىي زەربىدارلار ئەترىتىدىكى پىشقەدەم پارتىيە ئەزالىرى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ياخشى مۇلازىمەت قىلدى

كۆكتات يەتكۈزۈش گۇرۇپپىسىدىكى پارتىيەلىك پىدائىيلار ئاھالىلەر ئۈچۈن كۆكتات تەقسىملىمەكتە. (سۈرەتنى ۋېنچۈەن شىمالىي مەھەللىسى تەمىنلىگەن)

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز چىن جىنلى خەۋەر قىلىدۇ): «كۆكتات بولىقىنى ساناپ بېقىڭلار، بۈگۈن 300دەك ئائىلىگە يەتكۈزىمىز، تۈنۈگۈنكىدىن كۆپ، كۆپچىلىك ھەرىكىتىڭلارنى تېز قىلىڭلار، جاپا چەكتىڭلار.» 8-ئاينىڭ 8-كۈنى سائەت 9دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، كۆكتات يەتكۈزۈش گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى جى يۈلەن كۆكتات تەمىنلەش نۇقتىسىدا كۆكتات يەتكۈزۈش گۇرۇپپىسىدىكى بەش گۇرۇپپا ئەزاسىنىڭ كۆكتاتلىرىنى جىڭلاپ، ئوراپ قاچىلاپ، ئاپتوموبىلغا سېلىپ، ھەربىرىنىڭ ۋەزىپىسىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇردى، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى يولغا چىققاندىن كېيىن، ئۇمۇ لىق كۆكتات قاچىلانغان موتوسىكلىتىنى ھەيدەپ ئۆزى مەسئۇل ئاھالىلەر بىناسىغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى.

جى يۈلەن ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونى ۋېنچۈەن شىمالىي مەھەللىسى تەشكىللىگەن پىدائىي زەربىدارلار ئەترىتىنىڭ بىر ئەزاسى، بۇ ئەترەت 100دىن ئارتۇق پارتىيە ئەزاسى ۋە ئاممىدىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە، پارتىيە ئەزالىرى ئۈچتىن بىر قىسىمدىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ. يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتا، پارتىيەلىك پىدائىيلار باشتىن-ئاخىر نەمۇنىلىك، باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇردى، ئۇلارنىڭ يېتەكلىشى ۋە تەسىرىدە، مەھەللىنىڭ تۈرلۈك مۇلازىمەت كاپالىتى خىزمىتى تەرتىپلىك ئىشلەندى.

بۇ پىدائىي زەربىدارلار ئەترىتى كۆكتات يەتكۈزۈش گۇرۇپپىسى، ئەخلەت توشۇش ۋە دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش گۇرۇپپىسى، نۇقتىدا نۆۋەتچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسىغا بۆلۈنگەن بولۇپ، ھەربىر گۇرۇپپىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئاھالىلەر كۆرسىتىپ سايلىغان پارتىيە ئەزالىرى ئۈستىگە ئالغان.

30 يىللىق پارتىيە ئىستاژىغا ئىگە جى يۈلەن ھەر كۈنى بىرىنچى بولۇپ كۆكتات بىلەن تەمىنلەش نۇقتىسىغا بېرىپ، گۇرۇپپا ئەزالىرى ئۈچۈن كۆكتاتلارنىڭ ئېغىرلىقىنى ئۆلچەپ، ئوراپ قاچىلاپ، ئۇلارنىڭ كېلىپ ئېلىپ كېتىشىنى كۈتىدۇ. «مەن گۇرۇپپا باشلىقى ھەم پارتىيە ئەزاسى، ھەرقانداق ئىشتا ئاكتىپ بولۇشۇم كېرەك. بالدۇرراق كېلىپ ئىشلىسەم، ئاھالىلەرمۇ كۆكتاتنى بالدۇرراق ئالالايدۇ، ھەر كۈنى 200دىن ئارتۇق ئائىلىلىك ئاھالە كۆكتات سېتىۋالىدۇ، بىز چوقۇم ئۇلارنىڭ چۈشتىن بۇرۇنلا كۆكتاتلارنى تاپشۇرۇۋېلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك» دېدى جى يۈلەن.

كۆكتات يەتكۈزۈپ بېرىش جىسمانىي ئەمگەك بولۇپلا قالماي، ئۇنىڭدا يەنە ئاكتىپ روھىي ھالەت بولۇشى كېرەك. «بىر كۈنى، مەن بىر ئائىلىلىكنىڭ ئۆيىگە بارغاندا، چۈش بولاي دەپ قالغانىدى، ئىشىكنى ئاچقان موماي سەل خاپا بولدى، بۇ چاغدا ئۇنىڭ بوۋىيى كېلىپ ماڭا: ‹جاپا چەكتىڭىز، ئۇنىڭ گېپىنى كۆڭلىڭىزگە ئالماڭ، ئۇ يېقىندا سەل تېرىككەك بولۇپ قالدى› دېدى.» جى يۈلەن ئەسلىدە ئازراق ئۇۋالچىلىق ھېس قىلغانىدى، لېكىن بوۋاينىڭ بىرنەچچە ئېغىز تەسەللى سۆزىنى ئاڭلاپ، كەيپىياتىنىڭ ياخشىلانغانلىقىنى ئېيتتى. «مەن بىر پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى تۇرۇپ، مۇشۇنچىلىك ئىشقىمۇ بەرداشلىق بېرەلمىسەم بولامدۇ؟» دېدى جى يۈلەن.

جى يۈلەن ھەممە ئىشتا ئەستايىدىل، مەسئۇلىيەتچان بولغاچقا، گۇرۇپپا ئەزالىرىنىڭ چوڭقۇر ئىشەنچىسىگە ئېرىشتى، كۆپچىلىك قانداق ئىش بولسا ئۇنىڭ بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، مەسلىھەتلىشىپ ھەل قىلىشنى خالايدۇ. گەرچە پۈتۈن گۇرۇپپىدا پەقەت ئالتىلا ئادەم بولسىمۇ، لېكىن ئىزچىل تۈردە يۇقىرى ئۈنۈمنى ساقلاپ كەلدى، ھەر كۈنى تەقسىملەپ يەتكۈزۈش ۋەزىپىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇنلىدى.

كۆكتات يەتكۈزۈش گۇرۇپپىسىدا ئۈچ پارتىيە ئەزاسى بار، بۇلارنىڭ ئىچىدە يۈ لىبو بىلەن لى ۋېنچىڭ ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر بولۇپ، مەينەت، ئېغىر ئىشلارنى ھەمىشە تالىشىپ قىلىدۇ، «ئارمىيەدىن چېكىنسەكمۇ خىسلىتىمىزنى يوقاتمىدۇق، خىزمەت قانچە ئېغىر، كۆپ بولغانسېرى، بىزنىڭ لاياقەتلىك پارتىيە ئەزاسى ئىكەنلىكىمىز ياكى ئەمەسلىكىمىزنى شۇنچە سىنايدۇ.» دېدى يۈ لىبو.

ئەخلەت توشۇش ۋە دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى لى پىڭيۈەنمۇ بىر پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى بولۇپ، ئۇ يەنە بىر پارتىيە ئەزاسى دۇ لىگۇڭ بىلەن مەھەللىنىڭ دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش خىزمىتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۈستىگە ئالدى. ھەر كۈنى ئۈچ قېتىم 20 كىلوگرام ئېغىرلىقتىكى دېزىنفېكسىيە تۇڭىنى يۈدۈپ، دەنيۈەنلەرنىڭ كارىدورى، كىچىك مەيدانلاردا كىرىپ-چىقىپ يۈرىدۇ. «بىر قېتىم ئايلىنىپ چىقىشقا ئىككى سائەتتىن ئارتۇق ۋاقىت كېتىدۇ» دېدى لى پىڭيۈەن، ئۇ يەنە بەش ئەزاغا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئولتۇراق رايوندىكى 22 بىنانىڭ ئەخلەتلىرىنى توشۇش خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالدى، گۇرۇپپا ئەزالىرىنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى 30دىن ئاشقان بۇ كىچىك گۇرۇپپا ھەر كۈنى سائەت 10دىن باشلاپ ئۆيمۇئۆي كىرىپ ئەخلەت يىغىدۇ.

ھەر كۈنى چۈشتىن بۇرۇن مەركەزلىك تازىلاش ئېلىپ بارغاندا، لى پىڭيۈەن 200 قەۋەتتىن كۆپرەك پەلەمپەيدىن چۈشۈپ-چىققاتتى، مۇداپىئە كىيىمى كىيىپ، ئېغىر نەرسىلەرنى كۆتۈرگەچكە، ئۇنىڭدىن ئاققان تەرلەر چېچىنى بويلاپ ئېقىپ كۆزىگە كىرىپ، ئۇنى تولىمۇ بىئارام قىلاتتى. ئىش قىلغاندا قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن، ئۇ دۇ لىگۇڭ بىلەن چېچىنى بىراقلا چۈشۈرۈۋەتتى، «پارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بۇنچىلىك كىچىككىنە قۇربانلىق بېرىش ئاھالىلەرنىڭ بىزگە بولغان ئىشەنچى ۋە ھاۋالىسى ئالدىدا ھېچ گەپ ئەمەس».

لى پىڭيۈەننىڭ تەسىرىدە، ئەخلەت توشۇش ۋە دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش گۇرۇپپىسىدىكى ھەربىر ئەزا پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاھالىلەرگە ياخشى مۇلازىمەت قىلدى.

«پارتىيە ئەزالىرى پىدائىيلار مۇلازىمىتىدە باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، مەھەللە خىزمەتچىلىرىنىڭ بېسىمىنى زور دەرىجىدە يېنىكلەتتى، شۇنداقلا، ياش مەھەللە خىزمەتچىلىرى، پىدائىيلارغا ئۈلگە بولدى» دېدى ۋېنچۈەن شىمالىي مەھەللىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى شيا چياڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى