تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە، ئەخلەتلەرنى يىغىپ توشۇشتا پۈتۈن مۇساپىدە قاراڭغۇ بۇلۇڭ قالدۇرماي دېزىنفېكسىيە قىلىندى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز جاڭ دۇڭمېي، ئىختىيارىي مۇخبىر لى جيەنگو خەۋىرى، فوتوسى): ھەر كۈنى، ئەخلەت توشۇش ئاپتوموبىلى شوپۇرلىرىدىن ليۇ كۇەنجۇڭ، ۋاڭ فېڭ قاتارلىقلارنىڭ ئەڭ كۆپ بارىدىغان جايى دەل ئەخلەتلەرنى ئالماشتۇرۇپ توشۇش پونكىتى. يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئۇلار ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئەخلەت توشۇش بىرىنچى سېپىدە كۈرەش قىلىپ، شەھەرنىڭ پاكىزلىقى ۋە شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدىماقتا.

  8-ئاينىڭ 9-كۈنى سائەت 5 ئەتراپىدا، ئۈرۈمچى جىڭخۇەن شىنرۇي مۇھىت مۇلازىمەت چەكلىك شىركىتىنىڭ ئەخلەت توشۇش ئاپتوموبىلى شوپۇرى ليۇ كۇەنجۇڭ ئىدارىغا كېلىپ، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەكشۈرتكەندىن كېيىن، مۇداپىئە كىيىمىنى كىيىپ، ماسكىسىنى تاقاپ، پەلىيىنى كىيدى، بارلىق تەييارلىقلار پۈتكەندىن كېيىن، ئۇ خىزمەتداشلىرى فاڭ خۇڭ، غوپۇر تۇرسۇنلار بىلەن ئەخلەت توشۇش ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ، ھەرقايسى ئەخلەت يىغىش نۇقتىلىرىغا ماڭدى.

  ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى(يېڭىشەھەر رايونى) جىنجوۋ يولى خۇيشۇەنيۈەن ئولتۇراق رايونى بىرىنچى ئەخلەت يىغىش نۇقتىسى ئىدى. ليۇ كۇەنجۇڭ ئاۋۋال دېزىنفېكسىيە ئۈسكۈنىسىنى ئېلىپ، ئەخلەت تۇڭلىرىنى دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈردى، ئاندىن ئەخلەت تۇڭلىرىدىكى ئەخلەتلەرنى ئاپتوموبىلغا قاچىلىدى، ئارقىدىن يەنە پۈتۈن ئاپتوموبىلنى دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈردى، ئەڭ ئاخىرىدا، ئەخلەت تۇڭلىرىنى يەنە بىر قېتىم دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈردى.

  ئاپتوموبىلغا قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن، ليۇ كۇەنجۇڭ ئۆزى ۋە خىزمەتدىشىنى دېزىنفېكسىيەلەپ بىرتەرەپ قىلغاندىن كېيىن، ئاندىن ئاپتوموبىلنىڭ ئىشىكىنى يېپىپ، كېيىنكى بىر ئەخلەت يىغىش نۇقتىسىغا قاراپ ماڭدى. كېيىنكى ئەخلەت يىغىش نۇقتىسىدا، ئوخشاشلا قاتتىق تەرتىپ بويىچە دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈردى.

ليۇ كۇەنجۇڭ خىزمەتداشلىرى بىلەن ئەخلەتلەرنى يىغماقتا.

  «بۇ تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى تېزلىكتە بىرتەرەپ قىلىش كېرەك، شۇندىلا بىخەتەر بولىدۇ.» دېدى ليۇ كۇەنجۇڭ، «ھەر كۈنى تەخمىنەن يەتتە يىغىش نۇقتىسىغا بېرىشىمىز كېرەك، ھەربىر نۇقتىدىكى يىغىپ توشۇش ھالقىسىنى ئېنىق تىزىملاپ، يىغىپ توشۇش مەشغۇلاتىدىكى پۈتۈن جەرياندا قاراڭغۇ بۇلۇڭ قالدۇرماي دېزىنفېكسىيەلەشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.»

  سائەت 12:30دا، ليۇ كۇەنجۇڭ ئۆزى مەسئۇل بولغان يەتتە يىغىش نۇقتىسىدىكى ئەخلەتلەرنىڭ ھەممىسىنى يىغىپ بولغاندىن كېيىن، ئەخلەت ئالماشتۇرۇپ توشۇش پونكىتىغا يۆتكەيدۇ، خىزمەتچى خادىملار بۇ ئەخلەتلەرنى پىرىسلاپ بىرتەرەپ قىلغاندىن كېيىن، ئەخلەت مەيدانىغا يۆتكەپ زىيانسىزلاندۇرۇپ بىرتەرەپ قىلىدۇ.

  ئالماشتۇرۇپ توشۇش پونكىتىدا ئالدىراپ-تېنەپ چۈشلۈك تامىقىنى يېگەندىن كېيىن، ليۇ كۇەنجۇڭ بىلەن خىزمەتداشلىرى فاڭ خۇڭ، غوپۇر تۇرسۇن يەنە بىر قېتىم توشۇش ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ ھەرقايسى يىغىۋېلىش نۇقتىلىرىغا بېرىپ، ئەخلەتلەرنى يىغىپ، توشۇدى.

  توشۇش سالمىقىنى زورايتىش ئۈچۈن، ليۇ كۇەنجۇڭ ھەر كۈنى يەتتە ئەخلەت يىغىۋېلىش نۇقتىسىنى چۈشتىن بۇرۇن، چۈشتىن كېيىن جەمئىي ئىككى قېتىم تازىلايدۇ.

  «ھەر كۈنى ئەتىگەندە، ئەخلەت توشۇش ئاپتوموبىللىرى ئولتۇراق رايونغا كىرىپ مەشغۇلات قىلغاندا، ئاۋازى نىسبەتەن يۇقىرى، بەزى ئاھالىلەرنىڭ ئارام ئېلىشىغا تەسىرى يەتكۈزۈپ قويۇشىمىز مۇمكىن، ئاھالىلەرنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.» دېدى ليۇ كۇەنجۇڭ، ناۋادا ئەتىگەندە ئەخلەتلەر بالدۇرراق توشۇلمىسا، بىر كۈنلۈك خىزمەت تاماملانماي قالىدۇ، يەنە ئولتۇراق رايوننىڭ مۇھىت تازىلىقىغىمۇ تەسىر يېتىدۇ.

  42 ياشلىق ۋاڭ فېڭمۇ ئەخلەت توشۇش ئاپتوموبىلىنىڭ شوپۇرى، ئۇ 10 ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونىنىڭ يىغىۋېلىش نۇقتىسىدىكى ئەخلەتلەرنى توشۇشقا مەسئۇل.

  ئۇنىڭ دېيىشىچە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، ھەر قېتىم توشۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، يەنە ھەربىر ئەخلەت توشۇش ئاپتوموبىلىنى ئومۇميۈزلۈك يۇيۇپ، دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈپ، ئاپتوموبىللارنىڭ پاكىز بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلغان.

  «گەرچە ھازىر توشۇش قېتىم سانى كۆپەيگەن، خىزمەت مىقدارى ئاشقان بولسىمۇ، ئەمما كۆپچىلىكنىڭ تۇرمۇش مۇھىتى پاكىز بولسىلا، بىزنىڭ كۆڭلىمىزمۇ خاتىرجەم بولۇپ قالىدۇ.» دېدى ۋاڭ فېڭ، ئۇلار شەھەرنىڭ تازىلىق خىزمىتىنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا زەربە بېرىش ئۈچۈن مۇستەھكەم «مۇھىت تازىلىقى مۇداپىئە لىنىيەسى» قۇرۇپ چىقىدىكەن.

  مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك شەھەر باشقۇرۇش ئىدارىسى (مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ئىدارىسى)دىن ئىگىلىشىچە، يۇقۇم يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئەخلەت توشۇش خىزمىتى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتىكى مۇھىم تەدبىر بولغان. ئۈرۈمچى شەھىرى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئاساسىدا، خادىملارنى ئىلمىي يۆتكەپ تەقسىملەپ، ئەخلەت توشۇش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، پۈتۈن شەھەردە ھەر كۈنى 3200 توننىدىن ئارتۇق تۇرمۇش ئەخلىتىنى توشۇپ، «كۈندە چىققاننى كۈندە تازىلاپ بولۇش» ۋە زىيانسىزلاندۇرۇپ بىرتەرەپ قىلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرغان .

  تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى توشۇشتىن باشقا، يەنە تۈرلۈك ئەخلەت تۇڭلىرى، ساندۇقلارنى ھەر كۈنى ئاز دېگەندە ئۈچ قېتىم دېزىنفېكسىيەلەش تەدبىرى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈلگەن؛ دوختۇرخانا، ئولتۇراق رايون قاتارلىق نۇقتىلىق رايونلاردا كېرەكسىز ماسكا يىغىۋېلىش ئورنى تەسىس قىلىنىپ، ئالماشتۇرۇپ يۆتكەش پونكىتى، ئەخلەت كۆمۈش مەيدانى، ئەخلەت توشۇش ئاپتوموبىلى، ئەسلىھە-ئۈسكۈنىلەر، تۇرمۇش ئەخلەتلىرى، ئەتراپتىكى مۇھىت ئومۇميۈزلۈك دېزىنفېكسىيەلىنىپ مىكروب ئۆلتۈرۈلۈپ، ئىككىلەمچى بۇلغىنىشنىڭ ئالدى ئېلىنغان. توشۇش ئاپتوموبىللىرى مۇۋاپىق يۆتكەپ تەقسىملەپ، يىغىۋېلىش لىنىيەسى ئىلمىي تەسىس قىلىنىپ، ۋاقىت، نۇقتا بەلگىلىنىپ يېپىق ھالەتتە توشۇلغان. ھەر كۈنى ئىككى قېتىم توشۇش ئاساسىدا، ئەخلەتلەرنى توشۇش قېتىم سانى ئاشۇرۇلغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى