تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈشنى مېھىر - مۇھەببەت بىلەن ياخشى تۇتايلى

شېن ياپىڭ

ماددىي ئەشيالارنى توشۇش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئاھالىلەرنى تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلەش ۋە ئۇنى تەقسىملەپ يەتكۈزۈشنى ياخشى ئىشلەش؛ باھانى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مېخانىزمىنى قوزغىتىپ، زۆرۈر تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى بازىرىدا باھانىڭ مۇقىم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش؛ قىيىنچىلىقى بار ئاممىنى قۇتقۇزۇش، ياردەم بېرىشكە ئائىت تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش؛ شىنجاڭ ئىچى - سىرتىدىن ئۈرۈمچىگە كېلىپ ئىشلەمچىلىك قىلىۋاتقانلارغا تۇرمۇش ياردەم پۇلى تارقىتىش... ئۈرۈمچىدە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يېڭىدىن يۈزبەرگەندىن بۇيان، ئالاقىدار تارماقلار نۇرغۇن جاپالىق، ئىنچىكە خىزمەت ئىشلەپ، تىرىشىپ يۇقۇمنىڭ پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىغا بولغان تەسىرى ۋە زەربىسىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش ئۈچۈن ئاممىۋى ئاساس سالدى.

قانچىكى ئالاھىدە مەزگىل بولغانسېرى، خەلق تۇرمۇشىنى شۇنچە كۆڭۈلگە پۈكۈش كېرەك. يۇقۇمنىڭ ماددىي ئەشيا تەمىناتى، بازار باھاسى، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىقلارغا تەسىر كۆرسىتىشىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ. بۇ مەسىلىلەر پۇقرالارنىڭ مەنپەئىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، ناۋادا ياخشى ھەل قىلىنمىسا، ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ۋە پىسخىكىسى تەسىرگە ئۇچرايدۇ. يۇقۇمغا قارشى جەڭ قىلىش ۋە خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈشنى تەڭ ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ئالاقىدار تارماقلار كەمتەر بولۇپ، ئاممىنىڭ ئارزۇ - تەلىپىنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ، چىن قەلب بىلەن ئاممىنىڭ دەردىنى ھېس قىلىپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش خىزمىتىنى مېھىر - مۇھەببەت بىلەن ياخشى تۇتۇشى كېرەك.

خەلق تۇرمۇشىدا كىچىك ئىش يوق، ھەربىر شاخ، ھەربىر يوپۇرماققىمۇ كۆيۈنۈشىمىز كېرەك. مېھىر - مۇھەببەت بىلەن خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە تۈرلۈك خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرى ۋە تەدبىرلىرىنى ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. «ئاشلىق» «كۆك - تاق» مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، توشۇش «يېشىل يولى» ئېچىپ، كۆكتات، مېۋە - چېۋە، گۆش، تۇخۇم، سۈت، ئاشلىق قاتارلىق ئاھالىلەرنىڭ زۆرۈر تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى تەمىناتىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش؛ ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە پىسخىكىلىق يېتەكلەشنى ياخشى ئىشلەپ، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار كىشىلەر توپىنى زىيارەت قىلىش، يوقلاش ۋە ئۇلارغا زۆرۈر ياردەم بېرىشنى كۈچەيتىپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئامما ئالدىراۋاتقان، ئەندىشە قىلىۋاتقان، ئويلاۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان ئىشلارنى ھەقىقىي ياخشى ھەل قىلىش كېرەك.

ماھىيەت جەھەتتىن قارىغاندا، ۋىرۇس بىلەن كۈچ سىنىشىشمۇ بىر مەيدان خەلق تۇرمۇشىنى قوغداش جېڭىدۇر. خەلق تۇرمۇشى مۇقىم بولسا، كىشىلەرنىڭ كۆڭلى خاتىرجەم بولىدۇ، جەمئىيەت مۇقىم بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن خەلق ئاممىسىنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە بالدۇرراق غەلىبە قىلغىلى بولىدۇ.

(«سۆز ھەممىگە» ئىستونىغا ماقالە ئەۋەتىش خەت ساندۇقى: xjrbplb@126.com)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى