تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

قارشى يۆنىلىشتە يۈرۈش قىلىش يولىدا، سىز ئۈچۈن بوران - چاپقۇننى توسۇيمىز

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى جاۋ چۇنخۇا، لى چۇنشيا، چاۋ جىن، سۇ لۇپىڭ، جەزىرە نېسىپبېك

يۇقۇم ئالدىدا، كەڭ تېببىي خادىملار كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقتى، ئۇلار يۇقۇمغا قارشى جەڭنىڭ بىرىنچى سېپىدە كېچە - كۈندۈز جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىپ، ھاياتلىقنى قوغداش، ئۆلۈمگە ئامال، ئاغرىققا سەۋەب قىلىشتەك دوختۇرلارنىڭ مېھرىبان قەلبى ۋە مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش روھىنى نامايان قىلدى، شۇنداقلا قارشى يۆنىلىشتە يۈرگۈچىلەرنىڭ ئەڭ گۈزەل ئوبرازىنى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ قەلبىدە تىكلىدى.

سىز مەن ئۈچۈن توسالغۇلارنى سۈپۈرۈپ تاشلىدىڭىز، مەن سىز ئۈچۈن بوران - چاپقۇننى توسۇيمەن. ئاپتونوم رايونىمىز بىرىنچى سەپتىكى تېببىي خادىملارنىڭ خىزمەت، تۇرمۇش شارائىتى ھەم جىسمانىي، روھىي ساغلاملىقىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، تېخىمۇ ئىللىق، يېقىشلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، بىرىنچى سەپتىكى تېببىي خادىملارغا ياخشى كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇلارنى ياخشى ئاسراپ، ياخشى قوغداپ، ئۇلارنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن قۇتقۇزۇش - داۋالاش خىزمىتىگە ئاتلىنىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشتىكى قۇدرەتلىك جەڭگىۋارلىق ۋە كۆتۈرەڭگۈ كۈرەش ئىرادىسىنى باشتىن - ئاخىر ساقلىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بەردى.

ئائىلىدەك تۇرۇشلۇق جاي

بىرىنچى سەپتىكى تېببىي خادىملارنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن قۇتقۇزۇش - داۋالاش خىزمىتىگە ئاتلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىز ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 18 مېھمانخانىنى بېكىتىلگەن دوختۇرخانىدىكى تېببىي خادىملار مەركەزلىك دەم ئالىدىغان تۇرۇشلۇق جاي قىلىپ ئىشلىتىپ، 51 مەخسۇس ۋەزىپىدىكى خىزمەتچى خادىمنى تاللاپ ئەۋەتىپ، تۇرۇشلۇق جاي مېھمانخانا مۇلازىمەت كاپالىتى گۇرۇپپىسى تەشكىللىدى، ئۇلار تاماق بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى چىن قەلب، چىن ھېسسىيات بىلەن قانات يايدۇرۇپ، تېببىي خادىملارغا تۇرۇشلۇق جايدا ئائىلىگە ئوخشاش ئىللىقلىقنى ھېس قىلدۇردى.

8 - ئاينىڭ 9 - كۈنى سائەت 17دە، شىنجاڭ كادىرلار شۆيۈەنى(تەشكىلات خىزمىتى سارىيى) تېببىي خادىملار مەركەزلىك دەم ئالىدىغان تۇرۇشلۇق جايدىكى مەركىزىي ئاشخانىدا، مەززىلىك تائاملار ئالدىراش تەييارلىنىۋاتاتتى. يەنە بىر سائەتتىن كېيىن، خىزمەتچى خادىملار كەچلىك تاماقنى 233 تېببىي خادىمنىڭ ياتىقى ئالدىغا ئاپىرىپ بېرىدۇ.

«بىز تېببىي خادىملارنىڭ يېمەك - ئىچمەك ئېھتىياجىنى ۋاقتىدا ئىگىلەپ، توققۇز يېتەكچى بىلەن ئالاقىلىشىش مېخانىزمى ئورنىتىپ، قورۇما تىزىملىكىنى ھەر ۋاقىت تەڭشەپ، قۇربىمىزنىڭ يېتىشىچە ھەربىر كىشىنى ياخشى يېيىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدۇق.» شىنجاڭ كادىرلار شۆيۈەنى(تەشكىلات خىزمىتى سارىيى) تېببىي خادىملار مەركەزلىك دەم ئالىدىغان تۇرۇشلۇق جاي باشقۇرۇش - مۇلازىمەت گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى چېن شىمىڭ مۇنداق دېدى: تۇرۇشلۇق جايدا تاماق تۈرىنى ئەڭ زور ئىمكانىيەتتە كۆپ خىللاشتۇرۇپ، ئوزۇقلۇقنىڭ مول بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز.

ئاساسىي مۇلازىمەتنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىللە، يەنە تېببىي خادىملارغا ھەر تەرەپلىمە كۆڭۈل بۆلۈش، كۆيۈنۈشنى ھېس قىلدۇرۇش كېرەك. ئىككى كۈن ئىلگىرى، ئاپتونوم رايونلۇق جۇڭيى دوختۇرخانىسىنىڭ تېببىي خادىمى جاۋ بىن شىنجاڭ خوجۈ سارىيى تېببىي خادىملار مەركەزلىك دەم ئالىدىغان تۇرۇشلۇق جايدا ئۇنتۇلغۇسىز بىر قېتىملىق تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزدى.

«ئۇ كۈنى مەن تۇرۇشلۇق جايغا قايتىپ كېلىپ، مېھمانخانىنىڭ زالىغا كىرىپلا پىيانىنودا ئورۇنلانغان <تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە مۇبارەك> دېگەن مۇزىكىنى ئاڭلىدىم، خىزمەتچى خادىملار گۈل ۋە تورتنى كۆتۈرۈپ ئالدىمغا كەلدى، بۇ مەنزىرىنى بىر ئۆمۈر ئۇنتۇپ قالمايمەن!» دېدى جاۋ بىن.

جىسمانىي، روھىي ساغلاملىقنى قوغداش ئۈچۈن

تېببىي خادىملارنىڭ تېنى ساغلام بولغاندىلا ئاغرىقلارغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلالايدۇ. ئاپتونوم رايونىمىز تېببىي سەييارە داۋالاش ئەترىتى تەشكىللىدى، ئۇلار ھەر كۈنى تۇرۇشلۇق جاي قىلىنغان مېھمانخانىلارغا بېرىپ دوختۇر - سېسترالارغا قارىتا سەييارە داۋالاش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، دوختۇر - سېسترالارنى كۈرەش ئىرادىسى كۆتۈرەڭگۈ ھالدا يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدە كۈرەش قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

«مەن ئازراق بىئارام بولۇۋاتىمەن دېسەملا، سەييارە داۋالاش ئەترىتىدىكىلەر دەرھال يۈرەك تىنچلاندۇرۇش دانچە دورىسى ئەكېلىپ بەردى.» 8 - ئاينىڭ 9 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي قۇتقۇزۇش - داۋالاش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانا 5 - بىنا 3 - ئاغرىقلار رايونىدا، دوختۇر دىڭ يى كېچىلىك ئىسمېنىغا بېرىشقا تەييارلىق قىلىۋاتاتتى.

«تۇرۇشلۇق جايلاردىكى مۇلازىمەت كاپالىتى ئالاقىچىلىرى ھەر كۈنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن دوختۇر - سېسترالارنىڭ ساغلاملىق ئۇچۇرلىرىنى توپلايدۇ ھەمدە يۇقىرىغا مەلۇم قىلىدۇ، بىز دەل ۋاقتىدا ئۇلارنى دىياگنوز قويۇپ داۋالايمىز ھەمدە دورىلارنى تۇرۇشلۇق جايغا ئاپىرىپ بېرىمىز» دېدى بۇ دوختۇرخانا تېببىي سەييارە داۋالاش گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى گاۋ خۇي.

تېببىي خادىملارنىڭ تەن ساغلاملىقىغا كۆڭۈل بۆلۈش بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايونىمىز يەنە ھەرقايسى چوڭ دوختۇرخانىلاردىن مۇتەخەسسىسلەرنى ئاجرىتىپ، پىسخىكىلىق مەسلىھەت بېرىش كەسپىي كوللېكتىپى تەشكىللىدى، ئۇلار توردا مەسلىھەت بېرىش، تور سىرتىدا بىرگەبىر پىسخىكىلىق يېتەكلەش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، تېببىي خادىملارنى پىسخىك ساغلاملىق بويىچە مەسلىھەت بېرىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، ئۇلارنىڭ روھىي بېسىمى ۋە تەشۋىشلىنىش كەيپىياتىنى پەسەيتتى.

8 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي قۇتقۇزۇش - داۋالاش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانىدىكى 17 تېببىي خادىم پىسخىكىلىق يېتەكلەشنى قوبۇل قىلدى، ھەمدە پىسخىكا مەسلىھەتچىسى ياڭ رۇڭغا ئەگىشىپ بەدەن بوشىتىش مەشىقى قىلدى.

«تېببىي خادىملار يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش جېڭىدە ئەڭ مۇھىم، ئەڭ خەتەرلىك ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالغان، بىر قىسىم كىشىلەردە سېزىمچان ئىنكاسنىڭ پەيدا بولۇشىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ.» ياڭ رۇڭ مۇنداق دېدى: «بىز پىسخىكىلىق باھالاش ئارقىلىق تېببىي خادىملاردىكى پىسخىكىلىق مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلىپ، ئالدىن ئارىلىشىپ، تېببىي خادىملارنىڭ پىسخىك ساغلاملىقىنى قوغدايمىز».

غەم - ئەندىشىسىنى تۈگىتىش

تېببىي خادىملارنىڭ غەم - ئەندىشىسىنى تۈگىتىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەربىر ئەۋەتكۈچى دوختۇرخانا يەنە مەخسۇس ئارقا سەپ كاپالەت كوللېكتىپى تەشكىللەپ، تېببىي خادىملارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى بىلەن قەرەللىك ئالاقىلىشىپ، ئۇلارنىڭ كونكرېت قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ، بىرىنچى سەپتىكى تېببىي خادىملارغا كۆڭۈل بۆلۈش، كۆيۈنۈشتىكى تۈرلۈك كاپالەت تەدبىرلىرىنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈردى، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈردى.

ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي قۇتقۇزۇش - داۋالاش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانىدا قۇتقۇزۇش - داۋالاش خىزمىتىگە قاتنىشىۋاتقان ۋىراچ ياڭ ۋېنجۈننىڭ ئەڭ ئەندىشە قىلىدىغىنى يەڭگىش ئالدىدىكى خوتۇنى ئىدى. بۇ ئەھۋالنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، ھۆددىگە ئېلىپ ئالاقىلىشىدىغان كادىر بىرىنچى ۋاقىتتا ياڭ ۋېنجۈننىڭ قېيىنئاچىسى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇنى ياڭ ۋېنجۈننىڭ خوتۇنىغا ھەمراھ بولۇشقا ئاپىرىپ قويدى، ھەمدە ياڭ ۋېنجۈننىڭ ئۆيى تۇرۇشلۇق مەھەللە بىلەن ئالاقىنى ساقلاپ، ئۇنىڭ خوتۇنىنىڭ ئەھۋالىغا ھەر ۋاقىت كۆڭۈل بۆلدى.

«قىزىم، دورام تۈگەي دەپ قالدى، قانداق سېتىۋالىمەن؟» 8 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي قۇتقۇزۇش - داۋالاش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانىدا، قۇتقۇزۇش - داۋالاش خىزمىتىگە قاتنىشىۋاتقان ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى ئىچكى ئاجراتما كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ۋىراچى جاۋ خۇڭلى قېيىنئاتىسى ئۇرغان تېلېفوننى تاپشۇرۇۋالدى.

جاۋ خۇڭلىنىڭ قېيىنئاتىسى 2019 - يىلى ئوپېراتسىيە قىلدۇرغان بولۇپ، ئوپېراتسىيەدىن كېيىن ئىزچىل دورا يەۋاتاتتى. جاۋ خۇڭلى ئائىلىسىدىكىلەر يولۇققان قىيىنچىلىقنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىغا ئىنكاس قىلغاندىن كېيىن، دوختۇرخانا ئېھتىياجلىق دورىلارنى دەرھال بوۋاي تۇرۇۋاتقان مەھەللىگە ئاپىرىپ، ئائىلىلەرنى ھۆددىگە ئالغان كادىرغا يەتكۈزۈپ بېرىشكە تاپشۇردى. جاۋ خۇڭلىنىڭ كۆڭلى جايىغا چۈشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى