تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئەر - خوتۇن پىدائىيلار

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات فوتوسى، خەۋىرى

8 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، جى ۋېيگو ئەر - خوتۇن قاتارلىق پىدائىيلار ئاھالىلەرگە يەتكۈزۈلىدىغان زۆرۈر تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى بۆلۈپ قاچىلىماقتا.

جى ۋېيگو ئەر - خوتۇن كىچىك بالىسى بار ئاھالىلەرگە سۈت يەتكۈزمەكتە.

جى ۋېيگو ئەر - خوتۇن تەقسىملەپ يەتكۈزۈش يولىدا.

«ۋاڭ ھەدە، دورىڭىزنى سېتىۋالدىم، ئۆيىڭىزدە ئۇن، ياغ، گۈرۈچ يېتەمدۇ؟ يەنە نېمە لازىم بولسا دەۋېرىڭ، بىز سىزگە ئالغاچ بارايلى.» 8 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، ئاھالىلەر ئېھتىياجلىق نەرسىلەر تىزىملىكىنى تەكشۈرۈپ - سېلىشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى(يېڭىشەھەر رايونى) يىڭبىن يولى تەۋەلىك رايوننى باشقۇرۇش كومىتېتى سەنيوۋ مەھەللىسىدىكى پىدائىي جى ۋېيگو بۇ مەھەللىدە يالغۇز تۇرىدىغان ياشانغان كىشى ۋاڭ لەنخۇاغا تېلېفون قىلدى.

جى ۋېيگو بىلەن خوتۇنى گاۋ جۇيۈەن ئۈرۈمچى شەھەرلىك بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ بۇ مەھەللىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى. ئۈرۈمچىدە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يېڭىدىن يۈزبەرگەندىن كېيىن، ئەر - خوتۇن ئىككىسى دەم ئېلىشتىن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ۋاز كېچىپ، مەھەللە تەشكىللىگەن پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتىگە قاتنىشىپ، مەھەللە كادىرلىرى بىلەن بىرلىكتە ئۆيىدە تۇرۇۋاتقان ئاھالىلەرگە مۇلازىمەت قىلدى.

جى ۋېيگو بىلەن گاۋ جۇيۈەن ئولتۇراق رايوندىكى 66 ئائىلىلىككە تەقسىملەپ يەتكۈزۈش قاتارلىق خىزمەتلەرگە مەسئۇل بولۇپ، ھەر كۈنى ئەتىگەن چىقىپ كەچ قايتىدۇ، ھەر كۈنى دېگۈدەك يان تېلېفوندىكى قەدەم ھېسابلاش كۆرسەتكۈچىدىكى قەدەم سانى 20 مىڭ قەدەمدىن ئېشىپ كېتىدۇ. «بۇلارنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىمىز. بىرىنچى سەپتە جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىۋاتقان دوختۇر - سېسترالارغا سېلىشتۇرغاندا، بىزنىڭ جاپايىمىز ھېچقانچە ئەمەس. بۇ مەيدان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە تېزدىن غەلىبە قىلىش ئۈچۈن، بىز ھەممەيلەن كۈچ قوشۇشىمىز كېرەك» دېدى جى ۋېيگو.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى