تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئوندىن ئارتۇق ئۆلكە، شەھەرنىڭ دۆلەت ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان مۇتەخەسسىسلىرى ئاپتونوم رايونىمىزدا قۇتقۇزۇش - داۋالاش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى لى چۇنشيا، جاۋ چۇنخۇانىڭ 8 - ئاينىڭ 9 - كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئاخبارات ئىشخانىسى ئاچقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، دۆلەت مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى ۋە ئاپتونوم رايوندىكى دوختۇر - سېسترالارنىڭ تىرىشچانلىقىدا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ئاغرىقلىرىنى تېببىي قۇتقۇزۇش - داۋالاش خىزمىتىدە پائال نەتىجە - ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلگەن.

ئۈرۈمچىدە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يېڭىدىن يۈزبەرگەندىن كېيىن، گوۋۇيۈەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى بىرىنچى ۋاقىتتا بېيجىڭ، جياڭسۇ، خۇبېي، سىچۇەن، گۇيجوۋ، گەنسۇ، گۇاڭدۇڭ، خېيلۇڭجياڭ، شاڭخەي، لياۋنىڭ، خۇنەن، شەندۇڭ قاتارلىق قېرىنداش ئۆلكە، شەھەرلەردىن دۆلەت ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان سەۋىيەگە ئىگە، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئەمەلىي جەڭ تەجرىبىسى مول مۇتەخەسسىسلەرنى يۆتكەپ يىغىپ، تېببىي قۇتقۇزۇش - داۋالاش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، شىنجاڭغا كېلىپ قۇتقۇزۇش - داۋالاش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىش، قاتنىشىشقا ئەۋەتتى.

ئاپتونوم رايون مۇنەۋۋەر مۇتەخەسسىسلەرنى يۆتكەپ تەقسىملەپ، دۆلەت مۇتەخەسسىسلىرى گۇرۇپپىسى بىلەن بىرلەشمە مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ئاغرىقلىرىنى قۇتقۇزۇش - داۋالاشنى قانات يايدۇرۇشقا پۈتۈن كۈچ بىلەن يېتەكچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابى 25 داۋالاش ئاپپاراتىنىڭ 33 داۋالاش ئەترىتىنى يۆتكەپ يىغدى، جەمئىي 1850 خادىم بېكىتىلگەن دوختۇرخانىغا ئورۇنلىشىپ قۇتقۇزۇش - داۋالاشنى قانات يايدۇردى، ھەمدە كېيىنكى مەزگىللىك زاپاس ئەترەت تەييارلىدى، نۆۋەتتە شەخسىي مۇداپىئەلىنىش بويىچە تەربىيەلەش تاماملانغان بولۇپ، ھەر ۋاقىت بۇيرۇق كۈتۈپ تۇرۇۋاتىدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش ئىقتىدارى تېز سۈرئەتتە كۈنىگە 800 مىڭ ئادەم(نۇسخا)دىن ئارتۇققا يېتىپ، «تەكشۈرۈشكە تېگىشلىكلىرىنى تولۇق تەكشۈرۈش، تەكشۈرتۈشنى خالىسىلا تولۇق تەكشۈرۈش»كە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى