تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشنامىسى 8- ئاينىڭ 10- كۈنىدىن باشلاپ يەتكۈزۈلۈشى مۇمكىن

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى لى چۇنشيا، جاۋ چۇنخۇا خەۋەر قىلىدۇ: 8 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، جۇڭگو پوچتىسى ئۈرۈمچى شەھەرلىك شۆبە شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى خۇاڭ يەنپىڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، نۆۋەتتە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئاسپىرانتلىققا قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشنامىسىنى يەتكۈزۈش خىزمىتى ئىشلىنىۋېتىپتۇ، ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشنامىسىنى يەتكۈزۈش خىزمىتى 8 - ئاينىڭ 10 - كۈنىدىن باشلاپ ئومۇميۈزلۈك قوزغىتىلىشى مۇمكىن ئىكەن.

خۇاڭ يەنپىڭ مۇنداق دېدى: شىركەت «يېشىل يول» ئېچىپ، مەخسۇس ئادەم بىر تەرەپ قىلىش، ئايرىم بىر تەرەپ قىلىش، ئالدىن بىر تەرەپ قىلىش، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نازارەت قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەربىر پارچە قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشنامىسىنىڭ بىخەتەر، ۋاقتىدا، توغرا يەتكۈزۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.

يەتكۈزۈش جەريانىدا يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىش بويىچە دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش ۋە پوچتا يوللانمىلىرىنىڭ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، بۇ شىركەتنىڭ يىغىش - يەتكۈزۈش خادىملىرى پۈتكۈل جەرياندا ماسكا تاقايدۇ، ھەر كۈنى ئۈچ قېتىم بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچىتىدۇ؛ بارلىق پوچتا يوللانمىلىرى ئۇلتىرا بىنەپشە نۇردا دېزىنفېكسىيەلىنىپ مىكروب ئۆلتۈرۈلىدۇ، پوچتا يوللانمىلىرىنى توشۇيدىغان ئاپتوموبىللار ھەر كۈنى ئۈچ قېتىم دېزىنفېكسىيەلىنىدۇ، نۇقتىلىق رايونلاردىكى يىغىش - يەتكۈزۈش خادىملىرىدىن مۇداپىئە كىيىمى كىيىش، كۆز قوغداش ئەينىكى تاقاش تەلەپ قىلىنىدۇ.

دەل، توغرا يەتكۈزۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، جۇڭگو پوچتىسى ئۈرۈمچى شەھەرلىك شۆبە شىركىتى قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشنامىسىنى يەتكۈزۈشتە ئىمزا قويۇپ تاپشۇرۇۋېلىش تەرتىپىنى چىڭىتتى، يەتكۈزگۈچى جەزمەن تاپشۇرۇۋالغۇچى بىلەن تېلېفوندا ئالدىن ئالاقىلىشىپ، تاپشۇرۇۋالغۇچىغا تۇرۇشلۇق مەھەللە بىلەن ۋاقتىدا ئۇدۇللىشىشنى ئېيتىدۇ، ئاندىن مەھەللە خىزمەتچىلىرى ياكى پىدائىيلار يەتكۈزۈپ بېرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئالاقىدار ئۇچۇر خاتىرىسىنى ياخشى قالدۇرۇپ، ۋاقتىدا قايتا زىيارەت قىلىدۇ. زامانىۋى ئۇچۇر تېخنىكىسى ۋاسىتىسىدىن پايدىلىنىپ، سىستېما سۇپىسى ئارقىلىق ھەر كۈنى ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشنامىسىنىڭ يەتكۈزۈلۈش ئەھۋالى نازارەت قىلىنىدۇ، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىنىدۇ، يەتكۈزۈش - تاپشۇرۇۋېلىش ھالىتى پۈتۈن جەريانلىق ئىز قوغلاپ نازارەت قىلىنىپ، يەتكۈزۈش بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.

جۇڭگو پوچتىسى ئۈرۈمچى شەھەرلىك شۆبە شىركىتى ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشنامىسىنى ئەۋەتىش ئۇچۇرىنى سۈرۈشتۈرۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. يەتكۈزۈلگەن قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشنامىسىنىڭ ئىمزا قويۇپ تاپشۇرۇۋېلىش تالونى سۈرەتكە تارتىلىپ سىستېمىغا يوللىنىدۇ، قايتا يەتكۈزۈشكە، ئىدارىدە ساقلاشقا، يۆتكەپ بېرىش - قايتۇرۇشقا تېگىشلىك پوچتا يوللانمىلىرى بىر - بىرلەپ تەكشۈرۈلۈپ، قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشنامىسىنى ئەۋەتىش تەپسىلىي تالونى، ئىمزا قويۇپ تاپشۇرۇۋېلىش ئىسپاتى قاتارلىق كەسپىي ماتېرىياللارنى ئارخىپتا ساقلاپ باشقۇرۇش ياخشى ئىشلىنىدۇ، ئالاقىدار ماتېرىيال ۋە ئۇچۇرلار ئوبدان ساقلىنىدۇ، ساقلاش مۇددىتى ئۈچ يىلدىن كەم بولمايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى