تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە ھەر قايسى ئورۇنلاردىكى ئىش ئورنىدىكى خادىملار مەھەللە باشقۇرۇشىغا بويسۇنۇشى ۋە ماسلىشىشى كېرەك

    تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرلىرىمىز گو لىڭ، دوۋ شىڭجۈن، يىن تۇڭيۈەن، جانات تولقىن) 8-ئاينىڭ 10-كۈنى سائەت 17دە، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئاخبارات ئىشخانىسى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋە ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى توغرىسىدا 24-مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. 

   ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ مۇدىرى رۈي باۋلىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، ھەر قايسى ئورۇنلار، جۈملىدىن پۈتۈن شەھەردىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار، ئۈرۈمچىدە تۇرۇشلۇق ھەر قايسى ئورۇنلار ۋە باشقا جەمئىيەت تەشكىلاتلىرىغا قارىتا يېپىق ھالەتتە باشقۇرۇش يولغا قويۇلدى، بۇ ھەم يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەلىپىنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تورىنىڭ مۇھىم ھالقىسىنى زىچ توقۇپ، پۇختا توقۇپ، ھەم بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، قىيىنچىلىقلارنى ئورتاق يېڭىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىشنىڭ رېئال ئېھتىياجى.

    يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە ئورۇنلاردىكى ئىش ئورنىدىكى خادىملارنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىگە قارىتا، كونكرېت تەدبىرلەر تۆۋەندىكىچە:

  خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك. ئورۇنلار ئۆزىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىدە سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ، مېخانىزىمنى تاكاماللاشتۇرۇپ، تەدبىر-چارىلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. مەھەللىلەر تەۋەلىك بويىچە باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلىپ، نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، تەۋەلىكىدىكى ئورۇنلارنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىدە ساقلانغان مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا بايقىشى ۋە تۈزىتىشى كېرەك. ئىدارىدىكى بارلىق ئىش ئورنىدىكى خادىملار مەھەللە باشقۇرۇشىغا بويسۇنۇشى ۋە ماسلىشىشى، مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا تۈزىتىشى كېرەك.

   يېپىق ھالەتتە باشقۇرۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. خادىملارنىڭ كىرىش-چىقىشىنى قاتتىق باشقۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتى ۋە جىددىي ئېھتىياجلىق كەسپىي خىزمەت قاتارلىق ئالاھىدە ئەھۋاللاردىن باشقا، قالغان خادىملارنىڭ كىرىش-چىقىشىغا بىردەك يول قويماسلىق كېرەك. سىرتتىن كەلگەن خادىملارنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەپ تىزىملاش ۋە ئىش ئورنىدىكى خادىملارنىڭ ھەر كۈنى ئۈچ قېتىم تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەپ تىزىملاش تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قىزىش، قۇرۇق يۆتىلىش، يۇتقۇنچاق ئاغرىش، ئىچى سۈرۈش، ماغدۇرسىزلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلگەن خادىم بايقالسا، دەرھال مەھەللىگە مەلۇم قىلىپ بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.

   كۈندىلىك مۇداپىئەنى كۈچەيتىش كېرەك. ئىش ئورنىدىكى خادىملارغا بولغان سەھىيە يۇقۇم مۇداپىئە بىلىملىرى تەشۋىق-تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، خىزمەت، ياتاق سورۇنلىرىدا مۇۋاپىق ئارىلىق ساقلاپ، قولنى پات-پات يۇيۇش، ماسكا تاقاش، توپلاشماسلىق قاتارلىق تەلەپلەرنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. يىغىن ئاچقاندا ئىمكانقەدەر سىن يىغىنى ئېچىش ئۇسۇلىنى قوللىنىش كېرەك، نەق مەيدان يىغىنلىرىدا قاتنىشىدىغانلارنىڭ سانىنى ئازايتىش، يىغىن ۋاقتىنى قىسقارتىش، ئورۇن ئارىلىقىنى كېڭەيتىش، يىغىن مەيدانىنىڭ ھاۋا ئۆتۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ۋە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تارقاق غىزالىنىشنى يولغا قويۇش كېرەك.

   دائىم دېزىنفېكسىيەلەپ، مىكروب ئۆلتۈرۈپ، تازىلاپ تۇرۇش كېرەك. دېرىزىنى ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرۇش، تازىلىق قىلىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىشخانا، ياتاق، ئاشخانا، ئاممىۋى تازىلىق ئۆيى قاتارلىق رايونلارنى قەرەللىك دېزىنفېكسىيە قىلىپ، ئىشىك تۇتقۇچى، كارىدور تۇتقۇچى، لىفىت ئارىسى، لىفىت كۇنۇپكىسى، ئەخلەت يىغىپ ساقلاش ئەسلىھەسى قاتارلىق ئورۇنلارنى ھەر كۈنى ئاز دېگەندە بىر قېتىم تازىلاپ دېزىنفېكسىيە قىلىش كېرەك. تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى بىر تۇتاش يىغىش، ھەر كۈنى توشۇش كېرەك. تاشلاندۇق ماسكا، پەلەي، ئايرىش كىيىمى قاتارلىق مۇداپىئە بۇيۇملىرىنى ئايرىم يىغىپ توشۇپ، داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان ئەخلەت ئۆلچىمى بويىچە قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى