تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرلىرىمىز گو لىڭ، دوۋ شىڭجۈن، يىن تۇڭيۈەن، جانات تولقىن): 8-ئاينىڭ 10-كۈنى سائەت 17دە، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئاخبارات ئىشخانىسى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋە ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى توغرىسىدا 24-مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى يېزا خىزمىتى ئىشخانىسىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن مۇدىرى، ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى-يېزا نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى شۈ تاۋ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئىشلەپچىقىرىشقا ئادەم ئىشلىتىشكە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئالاقىدار تارماقلار ئەمگەكچى كىرگۈزىدىغان ۋە چىقىرىدىغان جاينىڭ ئۇچۇر ئالاقىسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، دېھقانلارنى «نۇقتىدىن نۇقتىغا» مۇۋاپىق ۋاقىت ئارىلىقى قالدۇرۇپ ئېتىز، كارخانا، كوپىراتىپقا تەرتىپلىك بېرىپ ئىشلەمچىلىك قىلىشقا تەشكىللىدى. «نۇقتىدىن نۇقتىغا» ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتقا چىقىرىش ۋە ئاپتوموبىلنى ھۆددىگە ئېلىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى قانات يايدۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، دېھقانلارنى تەرتىپلىك ھالدا سىرتقا چىقىپ ئىشلەشكە تەشكىللىدى.
ئىشلەمچىلىك مەزگىلىدە، يېپىق ئىشلەپچىقىرىشنى يولغا قويۇپ، خادىملارنى باشقۇرۇش-كونترول قىلىشنى ياخشى تۇتۇپ، سالامەتلىكنى كۆزىتىش-ئۆلچەش ۋە نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئۆز مۇداپىئەگە ئەھمىيەت بېرىپ، كۆڭۈل بۆلۈش، غەمخورلۇق قىلىشنى ياخشى ئىشلەپ، خىزمەت رايونىدىن تۇرمۇش رايونىغىچە بولغان باشقۇرۇش يېپىق ھالقىسىنى شەكىللەندۈردى.