تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى: دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقان ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى بىلەن كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلاردىن تېببىي كۆزىتىش بىكار قىلىنغانلارنىڭ سانى داۋاملىق تۆۋەنلىدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرلىرىمىز گو لىڭ، دوۋ شىڭجۈن، يىن توڭيۇەن، جانات تولقىن): 8-ئاينىڭ 10-كۈنى سائەت 17دە، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئاخبارات ئىشخانىسى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋە ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى توغرىسىدا 24-مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. يىغىندا ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ مۇدىرى رۇي باۋلىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئەڭ يېڭى يۇقۇم ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى:

  8-ئاينىڭ 9-كۈنى سائەت نۆلدىن 24كىچە، ئۈرۈمچى شەھىرى دوكلات قىلغان يېڭىدىن كۆپەيگەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى 14 بولۇپ، ھەممىسى مەركەزلىك تېببىي كۆزىتىشنى قوبۇل قىلىۋاتقانلار. شۇ كۈنى، يېڭىدىن كۆپەيگەن ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى 47 بولۇپ، بۇ نۆۋەتلىك يۇقۇم يۈزبەرگەندىن بۇيان بىر كۈندە ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققانلار ئەڭ كۆپ بولغان بىر كۈن بولدى. تۈنۈگۈن، يېڭىدىن كۆپەيگەن كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچى يەتتە، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلاردىن تېببىي كۆزىتىش بىكار قىلىنغانلار يەتتە بولدى.

  7-ئاينىڭ 15-كۈنى سائەت نۆلدىن 8-ئاينىڭ 9-كۈنى سائەت 24كىچە، پۈتۈن شەھەردە ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى جەمئىي 184، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلاردىن تېببىي كۆزىتىش بىكار قىلىنغانلار 47 بولۇپ، ئومۇمىي سانى 262گە يەتتى.

  8-ئاينىڭ 9-كۈنى سائەت 24كىچە، ھازىر ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىدىن 589ى؛ كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىدىن 122سى بار.

  رۇي باۋلىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: تۈنۈگۈن، بىر كۈندە ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى بىلەن كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلاردىن تېببىي كۆزىتىش بىكار قىلىنغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى ئۇدا ئۈچ كۈن يېڭىدىن دوكلات قىلىنغان يۇقۇملانغۇچىلار سانىدىن ئاشتى، دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقان ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى بىلەن كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلاردىن تېببىي كۆزىتىش بىكار قىلىنغانلارنىڭ سانى داۋاملىق تۆۋەنلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ