تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ ئۆز مەيلىچە چازا قۇرۇپ توسۇش، يوللارنى خالىغانچە ئۈزۈپ قويۇش، قامال قىلىش قاتارلىق قاتناشنى توسۇش قىلمىشلىرىنى قاتتىق چەكلىدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرلىرىمىز گو لىڭ، دوۋ شىڭجۈن، يىن تۇڭيۈەن، جانات تولقىن): 8-ئاينىڭ 10-كۈنى سائەت 17دە، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئاخبارات ئىشخانىسى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋە ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى توغرىسىدا 24-مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

   ھازىر يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى مەركەزلىك بازارغا سېلىنىدىغان، كالا، قويلار مەركەزلىك قوتاندىن چىقىرىلىدىغان مەزگىل، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى يېزا خىزمىتى ئىشخانىسىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن مۇدىرى، ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى-يېزا نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى شۈ تاۋ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئاخىرقى يەتكۈزۈش زەنجىرى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ. ئۆز مەيلىچە چازا قۇرۇپ توسۇش، يوللارنى خالىغانچە ئۈزۈپ قويۇش، قامال قىلىش قاتارلىق قاتناشنى توسۇش قىلمىشلىرى قاتتىق چەكلىنىپ، چوڭ تىپتىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرى، كۆكتات سودا بازىرى، باقمىچىلىق بازىسى، نۇقتىلىق ئىشلەپچىقىرىش رايونى (كەنت) قاتارلىق ئاچقۇچلۇق رايونلاردىكى تاشيوللارنىڭ راۋانلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • 2 ئالتۇن مېدال، 2 كۈمۈش مېدال، 2 مىس مېدال
  • ئەمەلىي ئىشلەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش | تولۇق غەيرەتكە كېلىپ ئىشقا ئاتلىنىش، ئاتاكىغا ئۆتۈپ تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلاش
  • رەڭدار قىشلىق تەتىل