تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىڭتۇەن

بىڭتۇەن قاتناش-تىرانسپورت يېشىل يولى بەرپا قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئەشيالىرى ۋە تۇرمۇش ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلدى

  بىڭتۇەن گېزىتى، ئۈرۈمچى، 8-ئاينىڭ 9-كۈنى خەۋىرى(مۇخبىر چېن چيۇڭ خەۋىرى): يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، بىڭتۇەن قاتناش-تىرانسپورت سىستېمىسى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما تەلىپىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېز ئورۇنلاشتۇرۇپ، قاتناش-تىرانسپورت سىستېمىسىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئۆتكىلىنى قەتئىي چىڭ تۇتۇپ، تۈرلۈك مۇداپىئە-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قاتتىق، پۇختا، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈردى.

   يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنىڭ ئەمەلىيىتىگە قارىتا، بىڭتۇەن قاتناش-تىرانسپورت ئىدارىسى «قاتناش-تىرانسپورتتا تاسادىپىي ۋەقەلەر ئۇچۇرلىرىنى يوللاش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» «يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە بىڭتۇەن تەۋەلىكىدىكى رايونلارنىڭ يول تىرانسپورتىغا كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» قاتارلىق ھۆججەتلەرنى تارقىتىپ، بىر قاتار كۈچلۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تورىنى قەتئىي زىچ توقۇدى.

   تۈرلۈك يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىڭتۇەن قاتناش-تىرانسپورت سىستېمىسى يېڭى، تىرىك دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى توشۇش يېشىل يولىنى پائال بەرپا قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرى ۋە گۆش، قۇش، تۇخۇم، سۈت قاتارلىق تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرىنى جىددىي توشۇش كۈچى كاپالىتىنى كۈچەيتتى. ھازىرغىچە، بىڭتۇەن قاتناش-تىرانسپورت سىستېمىسى 31 مىڭ 600 ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق كادىر، ئىشچى-خىزمەتچىنى ئىشقا سېلىپ، 21 مىڭ دانە قېتىم يولۇچىلار ئاپتوبۇسىنى دېزىنفېكسىيە قىلدى،  جەمئىي 2674 توننا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ماددىي ئەشياسى ۋە تۇرمۇش ماددىي ئەشياسىنى توشۇدى.

   نۆۋەتتە، بىڭتۇەندە قۇرۇلۇۋاتقان 60 نۇقتىلىق تاشيول تۈرى چىڭ تۇتۇپ ئىشلەنمەكتە. بىڭتۇەن قاتناش-تىرانسپورت سىستېمىسى «بىر تۈردە بىر لايىھە بولۇش» تەلىپى بويىچە، خادىملارنى ئىش ئورنىغا قايتۇرۇشقا تەشكىللەش، قۇرۇلۇش ئورنىدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، ماشىنا-ماتېرىيال كاپالىتى، سېتىۋېلىش-توشۇش، قۇرۇلۇش سۈرئىتى، بىخەتەرلىك-سۈپەت قاتارلىق خىزمەتلەرنى ھەقىقىي چىڭ تۇتۇپ، قاتناش تۈر قۇرۇلۇشى سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، بىڭتۇەننىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، ئىقتىساد، جەمئىيەت ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلىشىغا ياردەم بەردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى