تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ۋىرۇسقا ئەڭ يېقىن خىزمەت قوشۇنىدىكى «تۆمۈر ئايال»

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز جاۋ مېي خەۋىرى، فوتوسى): 8-ئاينىڭ 7-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دا، ئورۇنلاشتۇرۇش قوماندانلىق مەركىزىدىن بېرىلگەن تېلېفوننى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، ئايگۈل ھىمىت ئادەتتىكىگە ئوخشاش، تېز سۈرئەتتە مۇداپىئە كىيىمىنى كىيىپ، لىفىتقا ئولتۇرۇپ بىنادىن چۈشتى، بەش مىنۇتقا يەتمىگەن ۋاقىتتا، ئۇ مەنپىي بېسىملىق ئاپتوموبىلدا ئولتۇرۇپ بولدى، تېلېفوندا ئاغرىق يۆتكەپ توشۇلىدىغان ئورۇننى ئېنىقلىغاندىن كېيىن، ئۇ شوپۇر ھەمراھى شياۋ مۇ بىلەن كېيىنكى ئاغرىقنى يۆتكەپ توشۇش خىزمىتىنى باشلىدى.

  ۋىرۇسقا ئەڭ يېقىن خىزمەت قوشۇنى

  38 ياشلىق ئايگۈل ھىمىت ئۈرۈمچى شەھەرلىك جىددىي قۇتقۇزۇش مەركىزىنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش سېستراسى. 7-ئاينىڭ 16-كۈنى، ئۈرۈمچىنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش جېڭى باشلانغاندا، سىرتتا دەم ئېلىۋاتقان ئايگۈل دەرھال ئۈرۈمچىگە قايتىپ، ئاتا-ئانىسى ۋە قىزىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بولۇپ، كېچىلەپ جىددىي قۇتقۇزۇش پونكىتىغا يېتىپ كېلىپ بۇيرۇق كۈتتى.

  ئايگۈل مەنپىي بېسىملىق ئاپتوموبىلغا چىقىپ ۋەزىپە ئىجرا قىلىشقا تەييارلانماقتا.

  7-ئاينىڭ 27-كۈنى، جىددىي قۇتقۇزۇش مەركىزىنىڭ يۇقۇم ئېھتىياجى سەۋەبىدىن دەرھال مەنپىي بېسىملىق يۆتكەپ توشۇش گۇرۇپپىسى قۇرماقچى بولغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، ئايگۈل ئىكىلەنمەيلا تىزىمغا ئالدۇردى، «مەن بىر 120 تېببىي خىزمەتچىسى، جىددىي قۇتقۇزۇش سېسترالىق ئورنىدا كۆپ يىل خىزمەت قىلدىم، تۈرلۈك جىددىي ۋەزىپىلەرنى ئىجرا قىلىش تەجرىبەم بار، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن پارتىيە ئەزاسى، ھالقىلىق پەيتتە، ئەلۋەتتە ئەڭ ئالدىدا مېڭىشىم كېرەك.» شۇنداق قىلىپ، سېسترالار باشلىقىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئۇ ۋە باشقا يەتتە خىزمەتدىشى مەنپىي بېسىملىق ئاپتوموبىل يۆتكەپ توشۇش ئاپتوموبىل گۇرۇپپىسىنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى ئەزاسىغا ئايلاندى.

  مەنپىي بېسىملىق ئاپتوموبىل يۆتكەپ توشۇش ئاپتوموبىل گۇرۇپپىسى، مەخسۇس ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان، گۇمانلىق، يېقىندىن ئۇچراشقان ئاغرىقلارنى يۆتكەپ توشۇيدىغان خىزمەت قوشۇنى، شۇنداقلا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسقا ئەڭ يېقىن دوختۇر-سېسترالار قوشۇنى. ئايگۈلنىڭ گەرچە خىزمەت تەجرىبىسى مول بولسىمۇ، لېكىن بۇنداق خىزمەت بىلەن تۇنجى قېتىم ئۇچرىشىشى ئىدى.

  «مەنپىي بېسىملىق قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى بىزنىڭ ئادەتتىكى قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلىمىزغا پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ.» ئۇنىڭ دېيىشىچە، بۇ ئاپتوموبىل بىلەن ئادەتتىكى قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلىنىڭ ئەڭ چوڭ پەرقى، ئاپتوموبىل ئىچىدە مەنپىي بېسىم قۇرۇلمىسى بار بولۇپ، ئاپتوموبىل ئىچىدىكى ھاۋانىڭ سىرتقا چىقىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن، ئاپتوموبىل ئىچىدىكى ھاۋا زىيانسىزلاشتۇرۇلۇپ بىر تەرەپ قىلىنغاندىن كېيىن، ئاندىن چىقىرىۋېتىلىدىكەن. «ئۇ ۋىرۇسنىڭ توشۇش جەريانىدا سىرتقا تارقىلىپ كېتىشىدىن ئۈنۈملۈك ساقلىيايدۇ.» دېدى ئايگۈل.

  ئايگۈل ھەر قېتىم يۆتكەپ توشۇش ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋالغاندا، تېز سۈرئەتتە مۇداپىئە كىيىمىنى كىيىپ، يان تېلېفوندا شوپۇر ھەمراھىغا ۋەزىپىنى يەتكۈزگەندىن كېيىن، مەنپىي بېسىملىق ئاپتوموبىل توختىتىپ قويۇلغان ئورۇنغا يۈگۈرۈپ بارىدۇ، «ئادەتتە بەش مىنۇت ئىچىدە ئاپتوموبىلنى قوزغىتىپ ئاغرىق تۇرۇشلۇق جايغا ماڭغىلى بولىدۇ.» دېدى ئايگۈل، يۆتكەپ توشۇش ۋاقتىنى قىسقارتىش ئۈچۈن، ئۇلار ئادەتتە ئاغرىقنى كۆرسىتىلگەن دوختۇرخانىغا ئالدىن يۆتكەپ توشۇيدۇ، «ئادەتتە بىر يېرىم سائەت ئەتراپىدا يۆتكەپ توشۇش تاماملىنىدۇ.»

ئايگۈل مەنپىي بېسىملىق ئاپتوموبىلغا چىقىپ ۋەزىپە ئىجرا قىلىشقا تەييارلانماقتا.

  ئەڭ ئالدىراش ۋاقىتتا ئۇدا 20 نەچچە سائەت خىزمەت قىلىش

  مۇخبىر ئايگۈلدىن ئاغرىق بىلەن يېقىن ئارىلىقتا ئۇچراشقاندا، قورقۇپ باققانمۇ؟ دەپ سورىغاندا، ئايگۈل تېلېفوندا كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: بەلكىم خىزمەت مەسئۇلىيىتىم بولغاچقىمىكىن، مەن ئەزەلدىن قورقۇپ باقمىدىم.» ئەكسىچە، ئاغرىقلارنى يۆتكەپ توشۇش جەريانىدا، ئايگۈل دائىم تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇلار بىلەن پاراڭلىشىدىكەن، ئۇلارنى يۆلەپ ئاپتوموبىلغا چىقارغاندا، ئاساسىي ئەھۋالىنى سورايدىكەن ياكى تەسەللى بېرىدىغان گەپلەرنى قىلىدىكەن، مەنزىلگە ئاپىرىپ قويغاندىن كېيىن، «قورقماڭ، تېزلا ئۆيگە قايتىپ كېتىسىز.» دەپ تاپىلاشنى ئۇنتۇپ قالمايدىكەن.

  تەلەپكە ئاساسەن، ھەر قېتىم بىر ئاغرىقنى يۆتكەپ توشىغاندىن كېيىن، ئايگۈل زاپاس مۇداپىئە كىيىمىنى ئالماشتۇرۇپ، ئاپتوموبىل ۋە ئۆزىنى قاتتىق دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈپ، ئاندىن كېيىنكى قېتىملىق يۆتكەپ توشۇش ۋەزىپىسىنى كۈتۈۋېلىشقا تەييارلىنىدىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «پۈتۈن كۈن مۇداپىئە كىيىمى كىيىپ، ماسكا ۋە پەلەي تاقىغانلىقىمىز ئۈچۈن، مەنپىي بېسىملىق يۆتكەپ توشۇش گۇرۇپپىمىزدىكى ھەر بىر ئەزانىڭ يۈزىدە بېسىلغان ئىزلار، قۇلىقىمىزنىڭ ئارقىسىدا يارا ئىزلىرى قالىدۇ، بەزىلەرنىڭ ھەتتا قول دۈمبىسىگە ھۆل تەمرەتكىلەر چىقىپ كېتىدۇ.»

  يۆتكەپ توشۇش خىزمىتىنىڭ جىددىيلىكى ۋە ۋاقىتچانلىقى سەۋەبىدىن ئايگۈل ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى دائىم تاڭ سەھەردە چىقىپ ۋەزىپە ئىجرا قىلىدۇ، «خىزمەت ئەڭ ئالدىراش ۋاقىتتا 20 نەچچە سائەت خىزمەت قىلىمىز.»دېدى ئۇ، يۆتكەپ توشۇش ۋەزىپىسى يوق ۋاقىتتا، ئۇ ۋە خىزمەتداشلىرى خىزمەت ئورنىدىن ئايرىلىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ، ئۆز ئورنىدا بۇيرۇق كۈتىدۇ ياكى بەلگىلەنگەن جايدا بۇيرۇق كۈتىدۇ.

  ئايگۈلگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، خىزمەتنىڭ بوش ۋاقتىدىكى ئەڭ خۇشال بولىدىغان پەيت ئۆيىدىكىلىرى بىلەن تېلېفونلىشىش ياكى سىنلىشىش ئىدى، «ئاتا-ئانام ھەر كۈنى تېلېفوندا ماڭا تاماقنى ياخشى يېيىشىمنى، ئۇنىڭدىن باشقا ئۇلارنىڭ مېنى مەڭگۈ قوللايدىغانلىقىنى تاپىلايدۇ!»دېدى ئۇ، 13 ياشلىق قىزىمۇ يۇقۇم مەزگىلىدە تۇيۇقسىزلا چوڭ بولۇپ قالغانىدى، «ئۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماڭا تاپشۇرۇقلىرىنى ياخشى تاماملىغانلىقىنى، مېنىڭ ئەنسىرىمەسلىكىمنى، يەنە بوۋا-مومىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغانلىقى، مېنىڭ خىزمەتنى خاتىرجەم قىلىشىمنى ئېيتىدۇ.» ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ رىغبەتلەندۈرۈشى ئايگۈلنى خىزمەتتە تېخىمۇ زور ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئىگە قىلدى. ئۇ شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىدۇكى: «بىز بۇ جەڭدە چوقۇم غەلىبە قىلىپ،  ئۆيگە بالدۇرراق قايتىپ، ئۆيدىكىلەر بىلەن جەم بولىمىز.»

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى