تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

«ئانا-بالا ئەسكەر» پىدائىي بولدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز يۈ مېڭفەن، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز جاڭ ئېن، سۈرەتنى زىيارەتنى قوبۇل قىلغۇچى تەمىنلىگەن) 8-ئاينىڭ 8-كۈنى سائەت 9دا، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مىچۈەن-دۇڭسەن رايونىدىكى بىر مەركەزلىك تېببىي كۆزىتىش نۇقتىسىدا، خې رۈيجۈەن بىلەن ئوغلى جاۋ خۇەنيۈ ناشتىلىق يەتكۈزۈشكە تەييارلىق قىلىۋاتاتتى. «ئاپا، بىناغا چىقىپ چۈشكەندە، پۇتىڭىزغا دىققەت قىلىڭ.» «ماقۇل ئوغلۇم، تەر ئېقىپ كەتسە، ھەرگىز يۈزۈڭنى سۈرتمە، مۇداپىئەگە دىققەت قىل.»

  بۇ ئانا-بالا ئىككىيلەننىڭ پىدائىي بولغىنىنىڭ 13-كۈنى بولۇپ، بىر بىرىگە بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىشنى، قوغدىنىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى جېكىلەش بىلەن ئۇلارنىڭ بىر كۈنلۈك پىدائىيلار مۇلازىمىتى باشلاندى.

  7-ئاينىڭ 25-كۈنى، خې رۈيجۈەن مەركەزلىك تېببىي كۆزىتىش نۇقتىسىغا پىدائىي قوبۇل قىلىدىغانلىق خەۋىرىنى كۆرۈپ، تىزىملىتىش ئويىنى ئولتۇراق رايوندا پىدائىي بولۇۋاتقان ئوغلى جاۋ خۇەنيۈگە ئېيتتى. «ئاپا، مەنمۇ باراي. مەن ئەسكەر بولغان، ئادەتتىكى كىشىلەرگە قارىغاندا جاپاغا چىدايمەن، بەدەن ساپايىممۇ ياخشى.» دېدى جاۋ خۇەنيۈ. ئائىلىسىدىكىلەرنى ئەنسىرىتىپ قويماسلىق ئۈچۈن، ئانا-بالا ئىككىيلەن ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن مەسلىھەتلەشمەيلا، 7-ئاينىڭ 27-كۈنى پىدائىيلىق مۇلازىمىتىنى رەسمىي باشلىدى.

  ئۈچ ۋاق تاماق يەتكۈزۈش، دېزىنفېكسىيە قىلىش، ئەخلەت يىغىش، ماددىي ئەشيالارنى تەقسىملەپ يەتكۈزۈش، تومۇز ئىسسىقتا جاۋ خۇەنيۈ ھەر كۈنى مۇداپىئە كىيىمى كىيىپ، 1-قەۋەتتىن 5-قەۋەتكىچە چېپىپ يۈرگەچكە، يېرىم كۈن بولمايلا، كىيىملىرى ھۆل بولۇپ كېتەتتى.

  لىفىت بولمىغاچقا، بىناغا چىقىپ چۈشۈش قېتىم سانىنى ئازايتىپ، ھەر بىر قەۋەتتىكىلەرنىڭ سېتىۋالغان نەرسىلىرىنى تېزراق قولىغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن، ئانا-بالا ئىككىيلەن ۋە باشقا پىدائىيلار ھەر قېتىم ئىمكانقەدەر كۆپرەك نەرسە كۆتۈرۈپ ئۈستۈنكى قەۋەتلەرگە يەتكۈزەتتى.

  خې رۈيجۈەن (سولدا) ئوغلى جاۋ خۇەنيۈ (ئوڭدا) بىلەن بىللە پىدائىي بولدى.

  «ئاپام ئىككىمىز ھەر كۈنى قارشى تەرەپكە مەدەت بېرىمىز، ئۇلارغا مۇداپىئەگە دىققەت قىلىشنى ئەسكەرتىمىز.» دېدى جاۋ خۇەنيۈ، ئۇ يەنە مۇنداق دېدى:«ھەر قېتىم مۇداپىئە كىيىمىنى سالغىنىمىزدا، تەر مۇداپىئە كىيىمىنى بويلاپ ئېقىپ چۈشىدۇ، پەلەينىڭ ئىچىمۇ لىققىدە تەر، بىراق بىز شۇنچە كۆپ پىدائىي تېببىي خىزمەتچىلەر، مەھەللە خىزمەتچىلىرى بىلەن بىرلىكتە بىرىنچى سەپتە كۈرەش قىلىپ، يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقىمىزنى ئويلىسام، ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ھېس قىلىمەن.»

  خې رۈيجۈەن پىدائىي بولۇشنىڭ ئويلىغىنىدىنمۇ جاپالىق ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى تېببىي كۆزىتىشنى قوبۇل قىلغۇچىغا ئەۋەتىلگەن تۇرمۇش بۇيۇمى خالتىسىغا قىستۇرۇلغان بىر باغاقچە ئۇنىڭ كۆزىنى نەمدىگەنىدى.

  «بىر قاراشتىنلا خەتنى كىچىك بالىنىڭ يازغانلىقى چىقىپ تۇرىدۇ.» خەتكە: ئاپامنىڭ بالدۇرراق ئۆيگە قايتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، دەپ يېزىلغانىدى. خې رۈيجۈەن:«بىر ئانا بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بۇ جۈملىنى كۆرۈپ، يېشىمنى تۇتۇۋالالماي قالدىم، ئاپىسىنىڭ ئۆيىنى، بالىسىنى قانچىلىك سېغىنغانلىقىنى ھېس قىلالايمەن. يۇقۇم رەھىمسىز، ئەمما بىزدە ھېسسىيات بار، بىز يۇقۇمنىڭ بالدۇرراق ئاخىرلىشىشىنى، كۆپچىلىكنىڭ بالدۇرراق جەم بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.»

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى