تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ھەربىر ھاياتلىق ئۈچۈن پۈتۈن كۈچ بىلەن يۈگۈرۈش

ھەربىر ھاياتلىق ئۈچۈن پۈتۈن كۈچ بىلەن يۈگۈرۈش

8-ئاينىڭ 5-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي قۇتقۇزۇش-داۋالاش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانىنىڭ ICU ئاغرىقلار رايونىدا، مەملىكەتلىك يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي قۇتقۇزۇش-داۋالاش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى ئېغىر كېسەللىك تېببىي گۇرۇپپىسىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى دىياگنوز قويماقتا.   شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى شيې لۇڭ فوتوسى

  ئۇلار دوختۇر، سېسترا، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش بىرىنچى سېپىدىكى ئاق خالاتلىق جەڭچى. ئۈرۈمچىدە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يېڭىدىن يۈز بەرگەندىن بۇيان، ئۇلار ھەققانىيەت يولىدىن قايتماي، جەڭ مەيدانىغا ئاتلىنىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىنى قوغداپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش ئۈچۈن، پۈتۈن كۈچ بىلەن مىنۇت-سېكۇنتنى قولدىن بەرمىدى.

ئاغرىقلاردىكى ھەربىر ئىنچىكە ئۆزگىرىشكە دىققەت قىلىش

  ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي قۇتقۇزۇش-داۋالاش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانىنىڭ 4-بىنا 5-ئاغرىقلار رايونىنىڭ ICU ئۆيىدە، قېلىن مۇداپىئە كىيىمى كىيگەن دوختۇر-سېسترالار ئاغرىقنى ئۆرۈپ دۈمبىسىگە ئۇرۇپ، ئاغرىققا دۈم يېتىپ ھاۋا ئالماشتۇرۇشنى ئەسكەرتىپ، ئوكسېگىننىڭ تويۇنۇش دەرىجىسىنى كۆزىتىپ نازارەت قىلدى... ئاغرىقلارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىدىكى ھەربىر ئىنچىكە ئۆزگىرىشكە ھەر ۋاقىت دىققەت قىلدى.

  8-ئاينىڭ 4-كۈنى، شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 1-دوختۇرخانا ئېغىر كېسەللەر تېببىي بۆلۈمى 3-بۆلۈمىنىڭ سېستراسى لۈ جۈن ھەربىر قېتىم كۆزىتىشنى تۈگەتكەن ھامان كومپيۇتېردا پەرۋىش خاتىرىسى قالدۇردى. تۇمانلىشىپ كەتكەن بىر قېتىملىق يۈز ماسكىسى ئاستىدا، لۈ جۈن قوش قەۋەت پەلەي كىيىپ، ئۆرە تۇرغان ھالدا كۇنۇپكا تاختىسىنى تېزلىكتە بېسىشقا باشلىدى.

  «بۇ يەردىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئېغىر، خەتەرلىك ئېغىر ئاغرىقلار بولۇپ، چوقۇم ھەربىر سانلىق مەلۇماتنى قاتتىق كۆزىتىش كېرەك.» لۈ جۈن ئىلگىرى خۇبېيغا ياردەم بېرىشكە بارغانىدى، بۇ قېتىم بېكىتىلگەن دوختۇرخانىغا يەنە ئېغىر، خەتەرلىك ئېغىر يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ئاغرىقلىرىنى پەرۋىش قىلىشقا ئاجرىتىپ يۆتكەلگەنىدى، ئۇنىڭ زىممىسىدىكى مەسئۇلىيەت دېمىسىمۇ چۈشىنىشلىك ئىدى.

  «7-ئاينىڭ 25-كۈنى، ئەمدىلا ئىسمېنا ئالمىشىپ تۇرۇشۇمغا بىر ياشانغان ئېغىر ئاغرىق ئېلىپ كېلىندى، شۇ چاغدا يۇقىرى ئېقىملىق ئوكسېگىن سۈمۈرۈشنى قوللانغانىدۇق، ئەمما ئۇنىڭدىكى ئوكسېگىننىڭ تۇيۇنۇشى ئىزچىل تۈردە چۈشۈپ كېتىۋاتاتتى.» لۈ جۈن ئۇنىڭغا دۈمبىسىگە ئۇرۇش، بەلغەم تارتىش قاتارلىق پەرۋىش تەدبىرلىرىنى قوللانغان بولسىمۇ، ياخشىلىنىش بولمىدى، شۇنىڭ بىلەن دەرھال مەسئۇل دوختۇرغا ئۇقتۇرۇش قىلدى. دوختۇر-سېسترالارنىڭ ماسلىشىشى بىلەن، ياشانغان كىشىنىڭ كانىيىغا نەيچە كىرگۈزۈش تاماملاندى، ئاغرىقنىڭ قېنىدىكى ئوكسىگېننىڭ تويۇنۇش دەرىجىسى تېز سۈرئەتتە ئەسلىگە كەلدى.

  لۈ جۈننى خۇشال قىلغىنى شۇكى، 8-ئاينىڭ 5-كۈنى، بۇ ئاغرىقنىڭ كانىيىغا كىرگۈزۈلگەن نەيچە ئېلىۋېتىلدى، بۇ «ئۇنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ يېنىكلىگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.»

  «ئېغىر، خەتەرلىك ئېغىر يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ئاغرىقلىرىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى خەتەرلىك بولۇپ، كۆزىتىش-ئۆلچەش سانلىق قىممىتىنىڭ داۋالغۇشىغا ئەگىشىپ، مېنىڭ كەيپىياتىممۇ ئاسما پويىزدا ئولتۇرغاندەك بولۇپ كېتىدۇ.» دېدى لۈ جۈن، ICU سېستراسى بولغاچقا، قەدەم چوقۇم تېز بولۇش، ئەڭ تېز سۈرئەتتە ئاغرىقلارنىڭ كارىۋىتى يېنىغا بېرىپ بولۇش كېرەك، چۈنكى بۇ بىر مەيدان مىنۇت-سېكۇنتنىمۇ قولدىن بېرىشكە بولمايدىغان ھاياتلىقنى قوغداش جېڭى.

«ئائىلىدىكىلەر»نى ياخشى قوغداشتىن باش تارتىشقا بولمايدۇ

  8-ئاينىڭ 5-كۈنى سائەت 9 ئەتراپىدا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى نېرۋا ئىچكى بۆلۈمى ئېغىر كېسەللەرنى كۆزىتىش ئۆيىنىڭ مەسئۇل ۋىراچى باۋ گوچىڭ مۇداپىئە كىيىمىنى كىيىپ، قىزىتما ئامبۇلاتورىيەسى ئايرىش رايونىغا كىرىپ، دوختۇرخانىدا يېتىۋاتقان ئاغرىقلارنىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈردى.

  7-ئاينىڭ 28-كۈنى، ئىلگىرى خۇبېيغا ياردەم بەرگەن باۋ گوچىڭ مەزكۇر دوختۇرخانىنىڭ قىزىتما ئامبۇلاتورىيەسىگە ئاجرىتىپ يۆتكەلگەن بولۇپ، نەپەسلىنىش بۆلۈمى، يۇقىرى قان بېسىمى بۆلۈمى، ئۇنىۋېرسال داۋالاش بۆلۈمى، ئىچكى ئاجراتما بۆلۈمى، يۈرەك ئىچكى بۆلۈمى ۋە ICUنىڭ نەچچە ئون دوختۇر-سېستراسى بىلەن بىرلىكتە، بىر تەرەپتىن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى گۇمانىي ئاغرىقلىرىنى ئىلغاپ تەكشۈرسە، بىر تەرەپتىن باشقا ئېغىر كېسەل ئاغرىقلىرىنى قۇتقۇزۇش-داۋالاشنى قانات يايدۇردى.

  8-ئاينىڭ 2-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي قۇتقۇزۇش-داۋالاش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانىدا، سېسترالار باشلىقى ۋاڭ يەن ئاغرىققا نەپەسلىنىش گىمناستىكىسى ئويناشنى ئۆگەتمەكتە (ماتېرىيال سۈرەت).

  «ئاغرىق ئېلىپ كېلىنگەندىن كېيىن، نوكلېئىك كىسلاتاسى، قوش مۇداپىئەسى CTدا تەكشۈرۈلۈشى كېرەك، باھالاش ئارقىلىق، مەسىلە بولمىسا، ئاندىن ئالاقىدار بۆلۈملەرگە يۆتكىلىدۇ.» ھەم بىرمۇ گۇمانىي ئاغرىق مىسالىنى چۈشۈرۈپ قويماسلىق، ھەم ئاغرىقلارنىڭ كېسىلىنىڭ يامانلىشىپ ھاياتىغا خەۋپ يەتكۈزۈپ قويماسلىق ئۈچۈن، دوختۇر-سېسترالار مىنۇت-سېكۇنتنى قولدىن بەرمىدى. ھەر بىر بەن سەككىز سائەت دېگەن بىلەن، ئەمەلىيەتتە، ئۇلار ھەربىر بەندە 12 سائەتتىن ئارتۇق ئىشلىدى.

  «ئائورتا قىستۇرما قەۋىتى ئاغرىقلىرى بەك قول تۇتىدۇ.» ئالدىنقى ئىككى كۈندە سانجى شەھىرىدىن داۋالاشقا ئېلىپ كېلىنگەن بىر ئاغرىقنى ئويلىغىنىدا، باۋ گوچىڭ يەنىلا ئازراق قورقۇپ تۇراتتى، «ۋاقىت ئۇزىراپ كەتكەچكە، ئاغرىق ئېلىپ كېلىنگەندە، قان تومۇر دىۋارى تاشقى پەردىسى يىرتىلىپ كېتەي دەپ قالغانىدى، ناۋادا يىرتىلىپ كەتسە، بىر، ئىككى مىنۇتتىلا ئادەم ئۆلۈپ كېتىشى مۇمكىن.»

  دوختۇر-سېسترالار تېزلىكتە قان ئېلىش، يۇتقۇنچاق پەلكۈچىدە ئەۋرىشكە ئېلىش، ئۆپكىنى CTدا سۈرەتكە تارتىش ئىشلىرىنى قىلدى؛ باۋ گوچىڭ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئالاقىدار بۆلۈملەرنىڭ دوختۇرلىرىغا ئوپېراتسىيەگە تەييارلىق قىلىشنى ئۇقتۇردى. دوختۇر-سېسترالار ئەڭ تېز سۈرئەتتە ئاغرىقنى يېشىل يول ئارقىلىق، قىزىتما ئاغرىقلىرى مەخسۇس ئوپېراتسىيەخانىسىغا يەتكۈزدى.

  نەچچە ئون دوختۇر-سېسترا ۋاقىت بىلەن بەسلىشىپ، قىلچە بىخەستەلىك قىلمىدى. «ئاغرىقلار بىزنىڭ ئائىلىمىزدىكىلەرگە ئوخشاش، ئائىلىمىزدىكىلەرنى ياخشى قوغداش بىزنىڭ باش تارتىشقا بولمايدىغان مەسئۇلىيىتىمىز. يولۇققان مەسىلە ھەرقانچە مۈشكۈل، ھەرقانچە مۇرەككەپ، ھەرقانچە قىيىن بولسىمۇ، بىز ھامان ئاخىرغىچە چىڭ تۇرىمىز، باش تارتمايمىز.» دېدى باۋ گوچىڭ.

يۇقۇمنىڭ ئالدىنقى سېپىدە ياخشى «رازۋېدكا قىلغۇچى» بولۇش

  8-ئاينىڭ 4-كۈنى، بىر كۈنلۈك خىزمەتنى ئاياغلاشتۇرۇپ، ماھىنۇر ئابدۇكېرىم ئۇيۇشۇپ قالغان بوينىنى ئۇياق-بۇياققا ئايلاندۇرۇپ، بېشىنى كۆتۈرۈپ دېرىزە سىرتقا نەزەر سالدى، بۇ چاغدا تاڭ يورۇپ قالغانىدى.

  ماھىنۇر ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ خىزمەتچى خادىمى بولۇپ، ئاساسلىقى بۇ نۆۋەتلىك ئۈرۈمچىدىكى يۇقۇمنى تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش خىزمىتىگە مەسئۇل.

  «بۇيرۇقنى تاپشۇرۇۋېلىپلا، بىز دەرھال ئاتلاندۇق.» ماھىنۇر ئابدۇكېرىمنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش خىزمىتىدە ئاغرىقلار ياكى يېقىندىن ئۇچراشقۇچىلار بىلەن يۈزتۇرا پىكىر ئالماشتۇرۇش كېرەك بولغاچقا، يۇقۇملىنىشنىڭ مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرۈش، يېقىنقى مەزگىللىك مۇساپىنى سوراش، پائالىيەت ئىزلىرىنى بېكىتىش، تەسىر كۆرسىتىدىغان كىشىلەر توپىنى ئالدىن مۆلچەرلەش خىزمىتىنى ئىشلەيدىكەن.

  «بىز مۇداپىئە كىيىمىنى كىيىۋالساق، ئامما ئالاقزادە بولۇش پىسخىكىسىدىن خالىي بولالماي قالىدۇ، پائالىيەت ئىزلىرىنى ئەسلەشتىمۇ پەرق بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.» ماھىنۇر ۋە گۇرۇپپىدىكى خىزمەتچى خادىملار تارقىلىشچان كېسەل ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش جەريانىدا، كەسپىي تەكشۈرۈشتىن باشقا، يەنە تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش ئوبيېكىتلىرىنى پىسخىكىلىق يېتەكلەپ، ئۇلاردىكى جىددىيلىشىش كەيپىياتىنى پەسەيتىپ، ئۇلارنىڭ كېسەل قوزغىلىشتىن ئىلگىرى-كېيىنكى پائالىيەت ئىزلىرىنى ئەسلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈشنىڭ تولۇق، توغرا بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

  بۇ يىل 40 ياشقا كىرگەن ماھىنۇر ئىككى بالىنىڭ ئانىسى، ئېرى جامائەت خەۋپسىزلىكى ساقچىسى، يۇقۇم مەزگىلىدە، ئەر-خوتۇن ئىككىلىسى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش بىرىنچى سېپىدە كۈرەش قىلىپ، ھەتتا بىر-بىرىگە تېلېفون بېرىشكىمۇ ۋاقىت چىقىرالماي قالدى.

  «مەن ۋە ئېرىم ئالدىراشلىق تۈگىگەندە، ۋېيشىندىكى قالدۇرۇلغان خەتلەرنى كۆرىمىز، ئۆزئارا مەدەت بېرىمىز.» دېدى ماھىنۇر، 7-ئاينىڭ 26-كۈنى، ئۇ تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش دوكلاتىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش گۇرۇپپىسىغا يۆتكەلدى، بىر كۈندە 100دىن ئارتۇق تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش دوكلاتىنى ئوقۇپ تەكشۈردى، گۇرۇپپىدىكى بەشەيلەن ئادەتتە كېچىچە خىزمەت قىلسىمۇ، بىرەيلەنمۇ چارچىغانلىقىدىن ۋايساپ باقمىدى.

  ماھىنۇرنىڭ دېيىشىچە، يۇقۇمنىڭ  ئالدىنقى سېپىدىكى ياخشى «رازۋېدكا قىلغۇچى» بولۇش خىزمىتىنى پۇختا ئىشلەشنىڭ ئۆزى ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ قوللىشى ۋە ئەجرىنى يەردە قويماسلىق ئىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ