تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز شېن زۇشياۋ خەۋىرى): ئۆيدە تۇرغان ۋاقىت ئۇزىراپ كەتسە، قەپەسكە كىرىپ قالغاندەك ھېس قىلىپ، ئۆيدە «پاتپاراق بولۇپ كېتىدىغان» ئەھۋاللار دائىم دېگۈدەك بولۇپ تۇرىدۇ. ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1-ئوتتۇرا تېخنىكومنىڭ پىسخىكا ئوقۇتقۇچىسى چېن يىڭجيې سىزگە يۇقۇم مەزگىلىدە قانداق قىلىپ بالا بىلەن ئىناق، ئەپ ئۆتۈش توغرىسىدا تۆۋەندىكىدەك مەسلىھەت بەردى:
بىرىنچى مىسال:
جاڭ خانىم ئۆزىنىڭ سەككىز ياشلىق ئوغلى بىلەن ئۆيىدە ئىشلىگەن، كەپسىز ئوغلى ھەر كۈنى تۈرلۈك ئىشلارنى قىلىپ ئۇنى ئىنتايىن خاپا قىلغان، شۇڭا، ئۇ ھەر كۈنى بالىسىنى ئاز دېگەندە ئالتە قېتىم ئۇرغان.
چېن يىڭجيې: پەۋقۇلئاددە مەزگىل نوقۇل ھالدا تۇغما كەپسىز بالىلاردىلا ئەمەس، ھەتتا ئاتا-ئانىلاردىمۇ تەشۋىشلىنىش كەيپىياتىنى شەكىللەندۈرۈپ قويىدۇ، بۇ سەۋەبتىن بالىنى سەن نېمانچە غەلۋە قىلىسەن دەپ ئەيىبلەشكە بولمايدۇ، بالىنى تىللاپ ئۇرۇشقا تېخىمۇ بولمايدۇ.
ناۋادا جىدەللىشىپ قالسا، «ۋاقىتلىق توختىتىش كۇنۇپكىسى»نى بېسىپ سىناپ باقسا بولىدۇ، كەيپىياتى بەك ناچارلىشىپ كەتكەندە، ئاۋۋال ئۆزىنى بېسىۋېلىپ، ئۆزىنىڭ نېمىشقا خاپا بولغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئاندىن بالا بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش كېرەك.
بەزىدە، ئاتا-ئانىلار پاسسىپ تەنقىدىي خاراكتېرلىك تىللارنى ئىشلىتىشى مۇمكىن، بۇنىڭغا چوقۇم دىققەت قىلىش كېرەك. بۇ خىل ئەھۋالدا، بالىلاردىكى تەشۋىشلىنىش كەيپىياتىنىڭ دەرىجىسىمۇ سەل يۇقىرى بولىدۇ، شۇڭا ئاسانلا ئاتا-ئانا بىلەن بالا ئوتتۇرىسىدا تۇقۇنۇش كېلىپ چىقىدۇ. بۇ چاغدا، ئاتا-ئانىلار بۇنىڭغا باش قاتۇرۇپ يۈرگەندىن بۇنى بىر خىل پۇرسەت دەپ بىلىپ، بالىلار بىلەن بىرلىكتە پائالىيەت ئېلىپ بارسا بولىدۇ، مەسىلەن: شاھمات ئويناش، ئويۇن ئويناش، بىرلىكتە ئائىلە ئىشلىرىنى قىلىش دېگەندەك، بۇنداق قىلغاندا تەشۋىشلىنىش ۋە باش قېتىنچىلىقىنى ئاكتىپ روھىي كەيپىياتقا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ.
ئىككىنچى مىسال:
ۋاڭ خانىمنىڭ ئالتە ياشلىق بالىسى ئوقۇش باشلانسىلا باشلانغۇچتا ئوقۇيدۇ، ھازىر ئۇ ئىنتايىن تەشۋىشلىنىۋاتقان بولۇپ، بالىسىدا بىرەر نەرسە كەمدەكلا ھېس قىلغان، ئۆيدە تۇرغان مەزگىلدە ھەر كۈنى بالىسىنى باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرىشكە تەييارلىق قىلغۇزغان.
چېن يىڭجيې: بالا باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرىشى كېرەك، نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار بالىسىغا ئالدىنئالا پىنيىن، ھېسابلاشنى ئۆگەتمەكچى بولىدۇ، بۇ خىل جىددىي ئەھۋالنى چۈشىنىشكە بولىدۇ، ئەمما بۇنداق قىلىشنى تەشەببۇس قىلمايمىز، بۇ ئەمەلىيەتتە ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلارچە ئۇدۇللاشتۇرۇشتىكى بىر خىل خاتا چۈشەنچە. چۈنكى، بالىلارچە ئۇدۇللاشتۇرۇشتا ئەڭ ئېھتىياجلىق بولغىنى بالىلاردا ياخشى ئادەت يېتىلدۈرۈشتىن ئىبارەت.
بەزىلەر بىرىنچى يىللىقنىڭ يېڭى ئوقۇغۇچىلىرى مەكتەپكە ئەمدىلا كىرگەندە، ھەمىشە مەكتەپتە ئوقۇشقا نىسبەتەن ئېنىق چۈشەنچە بولمايدۇ، مەكتەپكە نېمىشقا بارىدىغانلىقى، مەكتەپتە ئوقۇشنىڭ قانداق ئىش ئىكەنلىكى، قانچىلىك ۋاقىت دەرس ئاڭلىسا دىققىتى چېچىلىدىغانلىقى، پىكىر قىلغاندا قول كۆتۈرۈش كېرەكلىكى قاتارلىقلارنى بىلمەيدۇ. ئەمەلىيەتتە، باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 1-، 2-يىللىقىدىكى بىلىملەر ئىنتايىن ئاددىي، ئەمما ئادەت يېتىلدۈرۈش ئىنتايىن مۇھىم، ياخشى ئادەت بالىنى ئۆمۈرلۈك مەنپەئەتكە ئېرىشتۈرىدۇ.
ئۆيدە تۇرغان مەزگىلدە مەكتەپكە كىرىشتىن ئىلگىرى، ئاتا-ئانىلار بالىنىڭ تىل ئىپادىلەش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشكە بەكرەك ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. بالىغا بىر قىسىم كىلاسسىك ئەسەرلەرنى يادلاتقۇزۇشنى سىناپ باقسا بولىدۇ، يەنە ئاتا-ئانا بىلەن بالا ئوقۇش ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ، بالىدىن بىر قانچە مەسىلىنى سوراپ، بالىنى كىتابىي تىلدا جاۋاب بېرىشكە يېتەكلىشى كېرەك.
ئۈچىنچى مىسال:
چىن خانىمنىڭ ئىككى بالىسى بولۇپ، ئەسلىدە باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇيدىغان بالىسى بىلەن يەسلىگە بارىدىغان بالىسىنىڭ مۇناسىۋىتى ئىنتايىن ياخشى ئىدى، ئەمما ئۆيدە تۇرغاندىن كېيىن ئىككى بالا ئىزچىل تۈردە بىرلىكتە تۇرۇپ، ھەمىشە ئۇرۇشۇپ توختىمىغان، ئويۇنچۇق تالاشقان، داۋاملىق يىغا-زار قىلغان ئاۋازلار ئۆينى بىر ئالغان، ئاتا-ئانىنىڭ بېشى قاتقان.
چېن يىڭجيې: بالىلار ئۇرۇشۇپ قالغاندا، ئاتا-ئانىلار پەرقلەندۈرۈپ مۇئامىلە قىلىشى كېرەك. ناۋادا چوڭ بالىسى كىچىك بالىسىنى بوزەك قىلسا، بۇنىڭدىكى ئەسلىي مەقسەت ئاتا-ئانىسىنىڭ دىققىتىنى تارتىشتىن ئىبارەت، بۇ چاغدا، ئاتا-ئانىلار ئارىغا كىرىپ، مۇستەقىل ئايرىپ تۇرۇپ سوغۇققانلىق بىلەن بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك؛ ناۋادا ئىككى بالىنىڭ ئەپ ئۆتۈش شەكلىدىكى ئۇرۇشۇش بولسا، ئاتا-ئانىلار ئۆزلىرى بىر ياندىن كۆزەتكۈچى ۋە مۇرەسسە قىلغۇچى سۈپىتىدە ئىككىيلەننى ئايرىۋەتمەي، بالىلارغا پىكىر ئالماشتۇرۇش، ئەپ ئۆتۈش پۇرسىتى بېرىپ، ئۇلارغا ئۆزئارا چۈشىنىشنى ئۆگىتىشى، بۇ ئارقىلىق مۇۋاپىق ئەپ ئۆتۈش ئۇسۇلى تېپىپ چىقىشى كېرەك.
تۆتىنچى مىسال:
ۋاڭ ئەپەندى ئۆيدە تۇرغان بۇ كۈنلەردە بالىسىنىڭ تاپشۇرۇق ئىشلەشنى ياقتۇرماس بولۇپ قالغانلىقىنى، بىر مۇنچە گەپ قىلغاندىلا، ئاندىن ئىشلەيدىغانلىقىنى بايقىغان، بۇنى قانداق قىلىش كېرەك؟
چېن يىڭجيې: بۇ ئەمەلىيەتتە بالىنىڭ ئادەت مەسىلىسى بولۇپ، قانداق قىلغاندا ۋاقتىدا تاپشۇرۇق ئىشلەيدىغان ئادەتنى يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ؟ بىز بىر قىسىم ئۇششاق ئۇسۇللارنى سىناپ باقساق، ئۇرۇشۇپ يۈرگەندىن ياخشى بولۇشى مۇمكىن.
ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ ھەر كۈنلۈك مەشغۇلات ۋاقتى ئىچىدە پائالىيەت قىلغۇزۇپ، قايسى ۋاقىت بۆلىكى تاپشۇرۇق ئىشلەش ۋاقتى، قايسى ۋاقىت بۆلىكى ئەركىن پائالىيەت ئورۇنلاشتۇرۇش ۋاقتى، بۇ ۋاقىت جەدۋىلىنى ياخشى تۈزۈپ بولغاندىن كېيىن، بالىغا بۇ قائىدىگە رىئايە قىلىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈپ، پاسسىپ ئەسكەرتىشتىن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىشلەش ھالىتىگە ئۆتكۈزۈش تەكلىپىنى بېرىمەن.
بۇ جەريان بولغانىكەن، ئاتا-ئانىلار بىر قىسىم كونكرېت ئۇسۇللارنى ئويلاپ چىقسا بولىدۇ، ئوقۇتقۇچىسى، ساۋاقداشلىرىنىڭ كۈچىنى قوزغىتىپ، بالىنىڭ ھەرىكىتىگە تەسىر كۆرسەتسە بولىدۇ.
بەشىنچى مىسال:
چېن ئەپەندى ئۆزىنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 3-يىللىقىدا ئوقۇيدىغان بالىسىنىڭ يېقىندا يان تېلېفون ئويناشقا ئامراق بولۇپ قالغانلىقىنى بايقىغان، قانداق قىلغاندا ئۇ بالىسىنى يان تېلېفوندىن ئايرىۋېتەلەيدۇ؟
چېن يىڭجيې: يۇقۇم شارائىتىدا، ياخش ئەپ ئۆتۈشتىكى ئالدىنقى شەرت قائىدە ئېڭى يېتىلدۈرۈش، «يان تېلېفونغا مەستانە بولۇپ، ئۆگىنىشنى خالىماسلىق» ھادىسىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
ئاتا-ئانىلار ئاۋۋال ئىدىيە جەھەتتە بالىنىڭ يان تېلېفوندىكى ئويۇن ياكى يېڭى شەيئىلەرگە بولغان قىزىقىشىنى چۈشىنىپ، توسقۇدەكلىرىنى توسۇشى كېرەك، ئاددىي ھالدىلا بالىنىڭ يان تېلېفون بىلەن ئۇچرىشىشىنى چەكلىمەسلىكى كېرەك، بالىنىڭ پىسخىك تەلىپىنى چۈشىنىپ، بالىنىڭ دىققىتىنى ئاستا-ئاستا يان تېلېفوندىن يۆتكىشى كېرەك.
بالىغا سىزنىڭ ئۇنىڭ يان تېلېفون ئويناش ئېھتىياجىنى چۈشىنىدىغانلىقىڭىزنى، ئەمما بەك بېرىلىپ كەتمەسلىكى كېرەكلىكىنى ئېيتىڭ. كۈندىلىك تۇرمۇشتا، ئاتا-ئانىلارمۇ بالىلارغا ياخشى ئۈلگە بولۇشى كېرەك، مەسىلەن: بالا تاپشۇرۇق ئىشلىگەندە، ئاتا-ئانىلار ئەڭ ياخشىسى بىر چەتتە كىتاب كۆرۈپ، ئۆگىنىپ، خىزمەت قىلىپ بالىغا ياخشى ئۈلگە بولۇشى كېرەك.
يەنە بالىنى يان تېلېفونغا مەستانە قىلماسلىقتىكى ئەڭ ياخشى ئۇسۇل بالىنىڭ قىزىقىشنى بەرپا قىلىش، مەسىلەن: چېنىقىش، كىتاب ئوقۇش، ئۇسسۇل ئويناش، ساز چېلىش قاتارلىقلار، بۇنداق بولغاندا، بالا تەبىئىيلا يان تېلېفوندىن نېرى تۇرىدىغان بولىدۇ.