تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئاھالە ئاتا-بالا پىدائىينى ماختاشتى: «بۇ ئاتا-بالا ئىككىسى مېنىڭ ئائىلەمدىكىلەرگە ئوخشايدۇ»

  تىيانشان تورى خەۋىرى ( مۇخبىر چىن جىنلى خەۋىرى، سۈرەتنى مەھەللە ئاھالە كومىتېتى تەمىنلىگەن): «دادا، سىز 1-قەۋەتتىن 3-قەۋەتكىچە يەتكۈزۈڭ، مەن 4-قەۋەتتىن 6-قەۋەتكىچە يەتكۈزەي. ئالدىرىماڭ، ئاستا-ئاستا چىقىڭ، تۈگىمىسە مەن قىلىۋېتىمەن!» 8-ئاينىڭ 9-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئىليار ئېلىجان ئون نەچچە بولاق كۆكتات قاچىلانغان كىچىك ھارىۋىنى ئىتتىرىپ، 6-بىناننىڭ ئالدىدا توختاپ دادىسى ئېلىجان قاۋۇزغا شۇنداق دېدى.

  ئەتىگەن سائەت 10دا، ئېلىجان كۆكتات بىلەن تەمىنلەش نۇقتىسىغا بېرىپ 6-بىنادىكى 10 نەچچە ئائىلىنىڭ كۆكتاتلىرىنى تەقسىملەپ بولغاندىن كېيىن، ئاھالىلەرنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچىگىلى كەتكەن ئوغلىنى ساقلاپ بىللە توشۇماقچى بولدى. «دادام بۇ يىل 54 ياشقا كىردى، ھەم خېلى سېمىز، دادامنىڭ زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ توختىماي كۆكتات قاچىلاپ، سەل قىينىلىپ قالغانلىقىنى ھېس قىلدىم.» دېدى ئىليار دادىسىنى قايتىپ ئارام ئېلىشقا چاقىرىپ، قالغان ئىشنى ئۆزى قىلىۋەتمەكچى بولدى، ئەمما ئۇ ئۆزىنى بېسىۋالدى، چۈنكى دادىسىنىڭ قوشۇلمايدىغانلىقىنى بىلەتتى، «پىدائىي بولغىنىمىزغا 19 كۈن بولدى، ئۇ ھەر كۈنى غەيرەتكە تولۇپ، تالىشىپ تۇرۇپ ئىش قىلىدۇ.» دېدى ئىليار.

ئاتا-بالا ئىككىيلەن ئولتۇراق رايون ماددىي ئەشيا بىلەن تەمىنلەش نۇقتىسىدا ئاھالىلەر ئۈچۈن تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرىنى سېتىۋالماقتا.

  ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) يىڭبىن يولى تەۋەلىك رايونى يىڭبىن شىمالىي 1-يولى مەھەللىسىدىكى ئېلىجان ئاتا-بالا بۇ مەھەللىدىكى 300 نەپەر پىدائىينىڭ ئىچىدىكى ئىككى پىدائىي، ئۇلار بىرلىكتە يوۋخاۋ يىخېجيايۈەن ئولتۇراق رايونى 6-بىنادىكى ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرىغا كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىگە مەسئۇل بولغان، ئەمما ئەينى ۋاقىتتا پىدائىيلىققا تىزىملاتقاندا، ئاتا-بالا ئىككىيلەن بىر-بىرىنىڭ تىزىملاتقانلىقىنى بىلمەيتتى.

  بۇ يىل 29 ياشقا كىرگەن ئىليار بىر يادەمچى ساقچى، يۇقۇم يۈز بېرىشتىن ئىلگىرى ئۇ ئۆيىدە ئارام ئېلىۋاتاتتى. «مەھەللە پىدائىي قوبۇل قىلىشنى باشلىغاندا، مەن دەرھال ۋىيشىن ئارقىلىق ئائىلىلەرنى ھۆددىگە ئالغان كادىرغا دەپ تىزىمغا ئالدۇردۇم.» دېدى ئىليار، شۇ چاغدا ئۇ تىزىمغا ئالدۇرغىنىنى ئاتا-ئانىسىغا دېمىگەن ئىدى.

  7-ئاينىڭ 23-كۈنى، مەھەللە خىزمەتچى خادىملىرى توپتا پىدائىيلارنىڭ خىزمەت تەقسىمات جەدۋىلىنى ئەۋەتكەندىن كېيىن، ئىليار دادىسىنىڭ ئىسمىنى بايقىدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، دادىسىمۇ ئۇنىڭ ئىسمىنى كۆردى. ئىككىيلەن ھەيرانلىق ئىلكىدە بىر-بىرىدىن سورىدى، ئەھۋالنى بىلگەندىن كېيىن بىر ئائىلە كىشىلىرى كۈلۈشۈپ كەتتى. «مېنىڭ قان بېسىم كېسىلىم بار، تىزىملىتىشتىن بۇرۇن مېنى قاتناشتۇرماسلىقىدىن ئەنسىرەپ ئۆيدىكىلەرگە دېمىگەن ئىدىم، ئەمەلىيەتتە ئۆزۈم بىلىپ تۇرىمەن، بۇنچىلىك ئىشلارنى قىلسام سالامەتلىكىم ئۈچۈن ھېچ گەپ ئەمەس.» دېدى ئېلىجان. ئېلىجاننىڭ خوتۇنى ئايشەمگۈل قادىر دەرھال ئىپادە بىلدۈرۈپ، ئاتا-بالا ئىككىسىنىڭ كۆپچىلىك ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشىنى قوللاپ، ئۇلارنىڭ ئۆيدىن ئەنسىرىمەسلىكىنى ئېيتتى.

ئاتا-بالا پىدائىي.

  بۇ ئىككى ئاتا-بالا تىلغا ئېلىنغاندا، يالغۇز تۇرىدىغان 80 ياشلىق موماي تۇنىسا يۈسۈپ ھاياجانلانغان ھالدا: «ئاتا-بالا ئىككەيلەن ماڭا بەكلا ياخشى مۇئامىلە قىلىدۇ، ھېلىمۇ ياخشى ئۇلار ھالىمدىن خەۋەر ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ!» دېدى. ئاتا-بالا ئىككىيلەن تۇنىسا ئانىنىڭ ئۆزى يالغۇز تۇرىدىغانلىقىنى، سالامەتلىكىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى، تۇرمۇشىدا قولايسىزلىق ئەھۋاللىرىنىڭ بارلىقىنى بىلىپ، ئۇنىڭغا ئوبدان كۆڭۈل بۆلۈپ، ھەر ۋاقىت دېگۈدەك بۇ موماينىڭ تۇرمۇش ماددىي ئەشىيالىرىنى تولۇقلاپ بەردى.

  ئاھالە جۇ يۈلەن مومايمۇ ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي ئىليارنى ماختاپ كەتتى. 8-ئاينىڭ 6-كۈنى، ئۇ بىردىنلا ئاشقازىنىنىڭ بىئارام بولۇۋاتقانلىقىنى بايقىدى، مەھەللە خىزمەتچى خادىمى بىلەن ئىليارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پىدائىيلار ئۇنى كۆتۈرۈپ ئېلىپ چىقىپ ئاپتوموبىل بىلەن دوختۇرخانىغا قاراپ ماڭدى، «يىراقتىكى تۇغقاندىن يېقىندىكى قوشناڭ ياخشى، بۇ ئاتا-بالا ئىككىسى مېنىڭ ئائىلەمدىكىلەرگە ئوخشاش.» دېدى جۇ موماي.

     كۆپچىلىك ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلغاندا، ئاتا-بالا ئىككىيلەن شۇنداق ياخشى ماسلاشتى، «بەزىدە مەن ئالدىراش بولۇپ قالغاندا، ئوغلۇم مەن قالدۇرۇپ قويغان ئىشلارنى قىلىپ تۈگىتىدۇ؛ بەزىدە ئۇ ئالدىراش بولۇپ، ئاھالىلەرنىڭ نەرسە-كېرەك سېتىۋېلىش تېلېفونىنى قوبۇل قىلغاندا، مەن ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ دۇكاندىن ئەكېلىپ بېرىمەن.» دېدى ئېلىجان، ئاتا-بالا ئىككىسى تەڭ خىزمەت قىلىپ، ئىش ئۈنۈمى خېلى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى.

ئېلىجان قاۋۇز ئاھالىلەرگە تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرىنى يەتكۈزمەكتە.

  «مەن بەرداشلىق بېرەلەيمەن، بۇ مەزگىلدە گەرچە قارىداپ، ئورۇقلاپ كەتكەن بولساممۇ، ئەمما روھىي ھالىتىم بارغانسېرى ياخشىلاندى، يۇقۇم ئاخىرلاشقىچە ئىشلىيەلەيمەن.» ئېلىجاننىڭ دېيىشىچە، مۇلازىمەت قىلىش ئۇنىڭغا تولۇپ تاشقان ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى ئاتا قىلغان، ھەر قېتىم ماددىي ئەشيالارنى ئەكىلىپ بەرگەندە، ئاھالىلەرنىڭ ئېيتقان «رەھمەت» سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، ھارغىنلىقى دەرھال يوقاپ، ھەرقانچە ھېرىپ كەتسىمۇ ئەرزىيدىغانلىقىنى ھېس قىلغان.

  يىڭبىن شىمالىي 1-يولى مەھەللىسىنىڭ خىزمەتچى خادىمى نەن لىنفېي مۇنداق دېدى: «ئاتا-بالا ئىككىسى پىدائىي بولغاندىن بۇيان، ئىزچىل ئەستايىدىل بولۇپ، بىر كۈنمۇ ئىش ئاقساتماي، ئاھالىلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى، ئۇلار مەھەللىدىكى پىدائىيلارنىڭ ئۈلگىسى.»

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى