تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

دۆلەت ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 12 ئۆلكىدىكى 21 تەكشۈرۈش ئەترىتىنى شىنجاڭنىڭ نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇشىغا ياردەملىشىشكە ئەۋەتتى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرلىرىمىز گو لىڭ، دوۋ شىڭجۈن، يىن تۇڭيۈەن، جانات تولقىن) 8-ئاينىڭ 9-كۈنى سائەت 17دە، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئاخبارات ئىشخانىسى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى توغرىسىدا 23-مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى گۇ يىڭسۇ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئۈرۈمچىدە يۇقۇم ئەھۋالى كۆرۈلگەندىن كېيىن، گوۋۇيۈەننىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمىنىڭ يېتەكچىلىك قىلىپ قوللىشى ئاستىدا، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابى «تۆت بالدۇر» «تۆتنى مەركەزلەشتۈرۈش» پىرىنسىپىنى چىڭ چۆرىدەپ، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ داۋالاش قوشۇنىنىڭ ئەۋزەل بايلىقىنى بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇپ، نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش ۋە تېببىي داۋالاپ قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى قەتئىي قوغدىدى.

  نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش ئەترىتى جەھەتتە، يۇقۇم يۈز بەرگەندىن كېيىن، بىرىنچىدىن، گوۋۇيۈەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە بىرلەشمە ئالدىنى ئېلىش، بىرلەشمە تىزگىنلەش مېخانىزمى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ خۇبېي، سىچۈەن، جياڭسۇ، شەندۇڭ، لياۋنىڭ، شەنشى، چۇڭچىڭ، خېنەن، خۇنەن، جىلىن، جېجياڭ، شاڭخەي قاتارلىق 12 ئۆلكىدىن 21 تەكشۈرۈش ئەترىتى ئەۋەتتى، ئۇلار نوكلېئىك كىسلاتاسىنى ئايرىپ ئېلىش ئەسۋابى، يالتىراق مىقدار بەلگىلەش PCR ئەسۋابى، ئاكتىپسىزلاشتۇرۇش ساندۇقى شۇنداقلا نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش سىناق دورىسى قاتارلىقلارنى ئېلىپ شىنجاڭغا كېلىپ نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشقا ياردەملەشتى.

  ئىككىنچىدىن، ئۈچىنچى تەرەپ تەكشۈرۈش ئاپپاراتىدىن تۆتى بىلەن كېلىشىپ خادىم ۋە ئۈسكۈنىلەرنى شىنجاڭغا يۆتكەپ كېلىپ ئۈرۈمچىنىڭ نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىگە قاتناشتۇردى.

  ئۈچىنچىدىن، ھەر قايسى ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)دىن نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش خادىملىرىنى ئاجرىتىپ، ئاپتونوم رايوندىكى يەتتە نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش بويىچە بېكىتىلگەن داۋالاش ئاپپاراتىغا ئورۇنلاشتۇردى، شۇنداقلا ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئەۋرىشكە ئېلىپ تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى.

  «ئىلمىي بىر تۇتاش پىلانلاش ئاستىدا، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش ئىقتىدارى تېز سۈرئەتتە ئېشىپ ھەر كۈنى 800 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم(ئۈلۈش)گە يەتتى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى يۇقىرى سۈپەتتە تاماملاش ئۈچۈن، <تەكشۈرۈشكە تېگىشلىكلىرىنى تولۇق تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈشنى خالىسىلا تولۇق تەكشۈرۈش>كە كاپالەتلىك قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە تېزرەك غەلبە قىلىشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى.» دېدى گۇ يىڭسۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى