تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھىرىدە يەنە ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان 47 ئاغرىق ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقتى، بۇ، بۇ نۆۋەتلىك يۇقۇم يۈز بەرگەندىن بۇيان دوختۇرخانىدىن چىققان ئادەم سانى ئەڭ كۆپ بولغان بىر كۈن بولدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرىمىز چاۋ جىن خەۋىرى) گوۋۇيۈەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ تېببىي قۇتقۇزۇش - داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ بىرلىكتە دىياگنوز قويۇپ باھالىشى ئارقىلىق، 8-ئاينىڭ 9-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرىدە يەنە ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان 47 ئاغرىق دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىنىڭ دوختۇرخانىدىن چىقىش ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىپ، ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقتى، بۇ، بۇ نۆۋەتلىك يۇقۇم يۈز بەرگەندىن بۇيانقى بىر كۈندە دوختۇرخانىدىن چىققانلار ئەڭ كۆپ بولغان بىر كۈن بولدى. شۇ كۈنى يەنە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يەتتە يۇقۇملانغۇچىنى تېببىي كۆزىتىش بىكار قىلىندى. ھازىرغىچە، ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى 185، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلاردىن تېببىي كۆزىتىش بىكار قىلىنغانلار 78، جەمئىي 263.
    ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي قۇتقۇزۇش-داۋالاش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانا بىرلەشمە داۋالاش ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لېي ۋېي مۇنداق تونۇشتۇردى: 8-ئاينىڭ 9-كۈنى دوختۇرخانىدىن چىققان ئاغرىق مىساللىرىنىڭ 40ى ئادەتتىكى تىپلىق، يەتتىسى يېنىك تىپلىق. دوختۇرخانىغا كىرگەندىن كېيىن، مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى ۋە دوختۇر - سېسترالار كوللېكتىپىنىڭ پۈتۈن كۈچ بىلەن قۇتقۇزۇشى - داۋالىشى، كۆڭۈل قويۇپ پەرۋىش قىلىشى بىلەن، يۇقىرىقى ئاغرىق مىساللىرىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى سىجىل ياخشىلاندى، نەپەس يولى كېسەللىك قوزغاتقۇچى نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى ئۇدا ئىككى قېتىمدىن ئارتۇق مەنپىي چىقتى، تۈرلۈك خىمىيەلىك تەكشۈرۈش كۆرسەتكۈچى، ئۆپكە قىسمىنى رېنتىگېنلىق تەكشۈرۈش نەتىجىسى، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنىڭ ھەممىسى نورمال بولۇپ، دۆلەت سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ «يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى دىياگنوز قويۇپ داۋالاش لايىھەسى(سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلغان 7 - نۇسخىسىنىڭ تۈزىتىلگەن نۇسخىسى)»دىكى ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىنىڭ دوختۇرخانىدىن چىقىش ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى